1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.
2001-يىلى «تۈركلەر» ناملىق 22 توملۇق ئېنسىكلوپېدىيە نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتاب پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدا ماقالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ماقالىلەر تونۇلغان تۈركولوگلا تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان ئىدى.
بۇ كىتابقا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى كۆپ ساندا ماقالە كىرگۈزۈلگەن.
بۇ كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان سابىق مائارىپ مىنىستىرى ھەسەن جەلال گۈزەل 2-سېنتەبىر كۈنى يېڭى تۈركىيە نەشرىياتىدا «تۈركلەر-2» ناملىق كىتاب نەشر قىلدۇردى.
كىتاب 3000 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ كىتابىدا تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدىكى كۆپ ساندا ماقالە كىرگۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە ماقالىلەرمۇ بار. تۆۋەندە بۇ كىتابنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغان سابىق مىنىستىر ھەسەن جەلال گۈزەلنىڭ 2-سېنتەبىر كۈنى سابا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان تۈركلەر-2 ماۋزۇلۇق ئوبزورىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
ئۇ، ئوبزورىنى مۇنداق باشلايدۇ: بۈگۈنگىچە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق تارىخى «ھونلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار» دەپ 3 دەۋرگە ئايرىلىپ يېزىلىپ كەلمەكتە. تۈرك تارىخىنى ياراتقان بۇ 3 دەۋردە تۈركىي خەلقلەر ئۈچكە ئايرىلغان.
1. ئوغۇزلار-تۈركمەنلەر.
بۇ بىرىنچى گۇرۇپپىنى تەشكىل قىلغان ئوغۇزلار غەربكە قاراپ كۆچۈپ، سەلجۇق ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، كېيىنكى مەزگىللەردە ئاتابېيلىكلەر، خارەزىمىلەر، شەرقىي ئاناتولىيە تۈرك دۆلەتلىرى، تۈركىيە سەلجۇق دۆلىتى، ئاناتولىيە تۈرك بەگلىكلىرى، قاراقويۇن ۋە ئاق قويۇنلۇ دۆلەتلىرى، ئىراندىكى تۈرك دۆلەتلىرىنى قۇرغان. كېيىنكى يىللاردا يەنە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، ئەزەربەيجان ۋە تۈركمەنىستان دۆلەتلىرىنى قۇرغان بولۇپ، ئوغۇزلار تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ پارچىسىنى پەيدا قىلغان.
2. تۈركىستان
بۇلار قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا يەنى تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى بولغان تۈركىستاندا قالغان. بۇلار بۈگۈنگىچە ئۆز يۇرتىدا كىملىكىنى قوغداپ كەلمەكتە.
تۈركىستاندا ئۆزبېك، بۇخارا، خىيۋە، قوقان، قەشقەر، تۇرپان ۋە قازاق خانلىقلىرىنى قۇرغان. تۈركىستان كېيىنكى ئەسىرلەردە رۇس ۋە خىتايلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. بۈگۈنكى كۈندە تۈركىستاندا مۇستەقىل قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۈرك دۆلەتلىرى ئۆز بايراقلىرىنى لەپىلدەتمەكتە.
يەنە بىرى تۆمۈرلەڭ دۆلىتىنىڭ داۋامى بولغان بابۇر ئىمپېرىيىسىدۇر. بۇلار ھىندىستاننى مەركەز قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلىپ، ئۆز مەدەنىيىتىنى ھىندىستانغا يايغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستاندىكى تۈركلەرنىڭ ھەممىسى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ تۈگەپ كەتكەن.
3. شىمالدىكى تۈركىي خەلقلەر
شىمالدىكى تۈركىي خەلقلەر چاغاتاي، ئالتۇنئوردا خانلىقلىرى، قازان، ئاستراخان، نوگاي، قاسىم، سىبىر ۋە قىرىم خانلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. بولۇپمۇ قىرىم ۋە قازان تاتارلىرى تۈرك تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
ئۇ ماقالىسىدە ھۇن، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ داۋامى بولغان ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ دۇنيا تارىخىدىكى ئورنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تۈركلەر، تارىخنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن. ئۈچ قىتئەنى سورىغان ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يېيىلغان. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دۇنيا مەدەنىيىتىگە بولۇپمۇ ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان غازىدىن ئىستانبۇلنى قولغا چۈشۈرگەن فاتېھ سۇلتان مەمەت خانغىچە بولغان، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۇلتانى بولغان ئابدۇلخەمىت خانغىچە بولغان 624 يىل جەريانىدا تۈركلەر ئىسلام كىملىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە تۈرك كىملىكىنىمۇ ھەرگىز ئۇنتۇمىغان.
لېكىن، بالقان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ئوسمانلى ئارمىيىسى، پۈتۈن كۈچى بىلەن 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاناتولىيەگە ھۇجۇم قىلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئارمىيەسىنى چاناققەلئەدە مەغلۇپ قىلىپ، دۇنيا تارىخىدا داستان يازغان.
شۇنىڭ بىلەن مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ قوماندانلىقىدا 5-ئاينىڭ 19-كۈنى سامسۇندا ئازادلىق ئۇرۇشىنى باشلىغان. ئازادلىق ئۇرۇشى نەتىجىسىدە ئاناتولىيەدىكى تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، 1923-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنى قۇرغان.
ھەسەن جەلال گۈزەل ئەپەندى «سابا» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «تۈركلەر-2» ماۋزۇلۇق ئوبزورىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندا ئۇلارنى تۇنجى تونۇغان دۆلەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بولدى. بۈگۈن تۈرك دۇنياسى مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر، ئاپتونوم رايون ۋە ئوبلاستلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە. بۇلار ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 5% تەشكىل قىلىدۇ.
«يېڭى تۈركىيە» نەشرىياتىدا چىققان «تۈركلەر-2» ناملىق ئەسەر 3000 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشىنى ئىلتىماس قىلىمىز.