قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قوللاش فوندى ئاكتىپ ئىشلىمەكتە

0:00 / 0:00

قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان مەملىكەتتىكى باشقىمۇ مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە بولغان ئىدى.

ئۇلار جاي-جايلاردا يېڭىدىن قۇرۇلغان پۈتۈن بىر خەلققە ۋاكالەتلىك قىلالايدىغان مىللىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە بېرىلگەن ئەركىنلىكلەردىن پايدىلانغان ھالدا، ئۆزلىرىنىڭمۇ مىللىي تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىش، مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ياش ئەۋلادلىرىنى مىللىي روھتا تەربىيىلەش ۋە باشقىمۇ مۇمكىنچىلىكلەرگە ئېرىشتى بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن ئەنە شۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر قانچە جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر بارلىققا كەلدى. شۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەكتىپىنى قوللاش فوندى بولۇپ، ئۇ بولۇپمۇ ئاخىرقى بەش يىل ئىچىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. مەزكۇر فوندنىڭ بۈگۈنكى ئىشلىرىنى رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى ئالىمجان ھەمرايېف باشقۇرماقتا.

ئا. ھەمرايېف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن باسقۇچلىرى، ئۇنىڭ يولىدا پەيدا بولغان قىيىنچىلىقلار، فوندنىڭ ۋەزىپىلىرى ھەم ئۇنىڭ مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شۇنداقلا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان مەكتەپلىرىنى ئوقۇش دەرسلىكلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاتامۇرا نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مالىك مۇھەممىدىنوف ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قوللاش فوندىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرى ئۈستىدە توختالدى.