قازاقىستاندا ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى نورۇز بايرىمىنى مۇبارەكلىدى

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.03.27
qazaqistan-noruz قازاقىستاندىكى نورۇزلۇق پائالىيەتتىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Oyghan

بۇ يىل قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردە نورۇز بايرىمىغا بېغىشلانغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. جۇمھۇرىيەتتە 10 دىن ئوشۇق تولۇق ئۇيغۇر تىلىدا، 50 تىن ئوشۇق ئارىلاش، يەنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە رۇس تىللىرىدىكى مەكتەپلەردە 15 مىڭدىن كۆپ ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى ئانا تىلىدا بىلىم ئالىدۇ. مەزكۇر مەكتەپلەر قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاجرىتىلغان خىراجەت بىلەن تەمىنلەنگەن. ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسىنىڭ ئەڭ ئۈلگىلىك مەكتەپلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭدا ھازىر 1500گە يېقىن بالا ئانا تىلىدا بىلىم ئالماقتا.

ئۆتكەن ھەپتىدە مەزكۇر مەكتەپتە بولۇپ ئۆتكەن نورۇزغا بېغىشلانغان دەرسلەردە باشلانغۇچ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى، يەنى 5 ۋە 9 ياش ئارىلىقىدىكى بالىلار ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، ئانا تىلىدا شېئىرلار ئوقۇدى، ناخشىلار ئېيتتى، مىللىي ساز ئەسۋابلىرىدا مۇزىكا ئورۇندىدى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئويۇنلىرىنى نامايىش قىلدى. ئۇيغۇر بالىلىرى يەنە مىللىي تائاملار، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر شەخسلىرى، ئەربابلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشتى. نورۇز پائالىيەتلىرى مەزكۇر گىمنازىيەنىڭ تەييارلىق سىنىپلىرىدىمۇ ئۆتتى. بۇ سىنىپلاردا 5-6 ياشتىكى بالىلار ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىيلىك بىلەن تەربىيەلىنىشىگە بارلىق مۇمكىنچىلىكلەر يارىتىلغان. نورۇز دەرسلىرى سىنىپ يېتەكچىلىرى ھەم ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قاتناشقان ياش- ئۆسمۈرلەر ئالاھىدە مىللىي كەيپىياتتا مەخسۇس سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ كۆرسەتتى.

مەكتەپ ئاتا-ئانىلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نازۇگۇم زۇلياروۋا بۇ پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەكتىپىمىزدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۈگۈنكى نورۇز بايرىمى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ. سەۋەبى بالىلىرىمىز بۇنىڭغا ئۇزۇن ۋاقىت تەيارلاندى ۋە بۇ كۈننى سېغىنىپ كۈتتى. ئاتا-ئانىلارمۇ مۇئەللىملەرنىڭ بۇ تەشەببۇسىنى قوللاپ، ھەر ياقتىن ياردەم بېرىشكە تىرىشتى. بالىلىرىمىز نورۇز بايرىمى ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنىڭ قانچىلىك باي ئىكەنلىگىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ قانچىلىك قەدىمىي ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋاتىدۇ. ئۇلار مىللىي كىيىملەرنى كىيىپ، ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ. ئەنە شۇ بالىلىرىمىز ئانا تىلىنى ئۇنتۇماي، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ساقلىسا، دېمەك خەلقىمىزنىڭ كېلەچىكى بولىدۇ دېگەن سۆز. ئۇلار بۈگۈن ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان مىللىي ئويۇنلىرىمىزنى ئويناپ، ھەتتا بىزنىمۇ بۇ ئويۇنلارغا چاقىرىپ، ئاتا-ئانىلارنى ناھايىتى خۇشال قىلدى».

نازۇگۇم زۇلياروۋا بۇنىڭ بارلىقىنىڭ ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئانا تىلىدا ئوقۇتسا، مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم ئۇستاز، باشلانغۇچ سىنىپ مۇئەللىمى مەملىكەت ئالىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، مەكتەپكە كىرىش تەيارلىق سىنىپلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان پائالىيەتلەر ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كىچىكىدىنلا ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئويغىتىشنى، ئۇلارغا مىللىيلىكنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۇ مەزكۇر نورۇز بايرىمىغا بېغىشلانغان دەرسلەردە بالىلارنى ئانا تىلىدا سۆزلەشكە ئادەتلەندۈرۈشنىڭ، ئۇلاردا مىللىي كىملىك سېزىملىرىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مىللىي تەربىيەنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مىللىي تەربىيەنىڭ ئەھمىيىتى، بىز قانداقلا بولمىسۇن مىللىي بايراملىرىمىز، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ئارقىلىق بالىلارنى بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىز تەربىيىلىگەن روھتا تەربىيىلەپ چىقىمىز. مەكتەپتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تەربىيە ئىشلىرىنىڭ كۆپچىلىكى مۇشۇ مىللىي روھ بىلەن يۇغۇرۇلغان. مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىنى بالىلارغا شۇنداق چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەككى، بۇرۇن بۇ بايراملار ئاتالماتتى. ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بايراملار ئىدى. يىگىرمە يىلدىن ئاشتى بۇ بايراملارنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بۇ بايرامنىڭمۇ بالىلارنى تەربىيىلەشتىكى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور».

مەملىكەت ئالىموۋا نورۇز بايرىمىغا بېغىشلانغان مۇنداق پائالىيەتلەردىن بالىلارنىڭ بۇ بايرامنىڭ تارىخى، ئەھمىيىتى، ئۇيغۇر مىللىي تائاملىرى، ئويۇنلىرى، ساز-نەغمىلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ پىكرىچە، مۇنداق پائالىيەتلەر بالىلارنىڭ ئويلاش قابىلىيىتىنى، بىلىم دائىرىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇدىكەن.

سۇلايمان دەمىرەل نامىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دىلنۇر قاسىموۋا پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى نورۇز بايرىمى بىلەن تەبرىكلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈچەيگەن بىر ۋاقتىدا قانداقلا بولمىسۇن مىللىي مائارىپنى ساقلاپ قېلىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ قالماقتا. ئۇ ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ»نىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر مائارىپىنى يوقىتىشقا قارىتىلغان سىياسەت ئىكەنلىكىنى، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز تىلىنى، دىلىنى بىلمەيدىغان بىر يېڭى ئەۋلادنىڭ ئۆسۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ مەنىسى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي مەكتىپىدە ئوقۇپ، شۇنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغانلار. ئۇلار تىلدا راۋان ئەمەس، ئۆرپ-ئادەتلەرنى يوقىتىپ قويغان. ئەتىكى كۈندە ئۇلار كىم بولۇپ چىقىدۇ؟ قايسى مىللەتنىڭ پەرزەندلىرى بولىدۇ؟ خەلقىمىز شۇنداق ئېچىنارلىق ئەھۋالدا قېلىۋاتىدۇ. ھازىر دۇنيادا ئۇيغۇرلار بار يۇرتلاردا، دۆلەتلەردە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، سىنىپلىرى ئېچىلىۋاتىدۇ. بۇ بىزنى خۇشال قىلىدۇ».

دىلنۇر قاسىموۋا قازاقىستاندىمۇ ئۆز پەرزەندلىرىنى باشقا تىللاردا ئوقۇتۇپ، ئانا تىلىنى ئۇنتۇۋاتقان، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن خەۋەرسىز قېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىدىن، ئۇلارنىڭ كەينىدىنمۇ شۇنداق ئەۋلادلارنىڭ ئۆسۈپ كېلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.