كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي ئالاقىلەر بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا. بولۇپمۇ ئاخىرقى ئىككى-ئۈچ يىلنىڭ ئىچىدە قازاقىستاننىڭ قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ ئارتىسلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا، ئەمدى ئۇيغۇر ئېلى سەنئەتچىلىرى بولسا، بىر نەچچە قېتىم قازاقىستاندا بولدى. بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ سەنئەتچىلىرى ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشتىن تاشقىرى يەنە، مەسىلەن، قازاقىستانلىق ياش سەنئەتچىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ داڭلىق ناخشىچى ۋە ئۇسسۇلچىلىرىنىڭ ھۈنەرلىرىنى ئۆگىنىپ كەلدى.
بۇ ھەقتە يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا بولۇپ قايتقان سەنئەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىسى، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ مۇدىرى ساۋۇتجان سونۇروف مەلۇمات بەردى.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان چوڭ سەپەرلىرىنىڭ بىرى 1992-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى تىياتىر مۇدىرى مۇرات ئەخمەدىيېف باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. يەتمىش ئادەمدىن تەركىب تاپقان مەزكۇر سەنئەتچىلەر گۇرۇپپىسى ئىككى ئاي مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى دېگۈدەك بىر نەچچە ئادەمدىن تەركىب تاپقان سەنئەتنىڭ ھەر ساھە گۇرۇپپىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر خىل شەھەرلىرىدە ئويۇن كۆرسەتتى. 2006-يىلى ئۇيغۇر تىياتىرى «كېلىنلەر قوزغىلىڭى» سەھنە ئەسىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا يىگىرمە كۈن بولۇپ قايتقاندىن كېيىن، ئىككى ئارىدىكى ئالاقىلەر ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. شۇ ئۈزۈلۈشتىن كېيىن پەقەت 2013-يىلنىڭ 9-ۋە 10-ئايلىرىدا يىگىرمە ئىككى نەپەر ئارتىس ئۇيغۇر ئېلىدا بولۇپ قايتتى. ئەنە شۇنىڭدىن بېرى ئىككى ئوتتۇرىدىكى ئالاقىلەر بارا-بارا قويۇقلىشىشقا باشلىدى. ئىككى مەملىكەت مەدەنىيەت ئىدارىلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر توپ داڭلىق ناخشىچىلىرى ئۆتكەنكى يىلنىڭ ئاخىرىدا ئالماتا شەھىرىدە كەڭ دائىرىدە كونسېرت كۆرسەتكەن ئىدى.
