قازاقىستاندا شائىر ۋە يازغۇچى ئۆمەر مۇھەممەدىنىڭ 110 يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە سوۋېت تۈزۈمىنى كۈيلەشتىن تاشقىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن جاپا-مۇشەققەتلەرنى، خەلقنىڭ ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك كۈرىشىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى، مەدەنىيەتنى، زامانداشلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى تەسۋىرلىگەن. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى شائىر ۋە يازغۇچى ئۆمەر مۇھەممەدىنىڭ تۇغۇلغىنىغا بۇ يىلى 110 يىل تولدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف شۇ دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بېشىدا تۇرغان كۆپلىگەن ئەدىبلەرنىڭ ناھايىتى كەمبەغەل ئائىلىلەردىن بولۇپ، شۇلاردىن ئۆمەر مۇھەممەدى ۋە نۇر ئىسرايىلوفلارنىڭ يىتىملىقنىڭ ئازابىنى كۆپ تارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر يامانلاۋاتقان كېڭەش ھاكىمىيىتى شۇ يىللىرى كەمبەغەللەرنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن مەكتەپلەرنى ئاچقان. شۇلارنىڭ ئىچىدە بولغان ئۆمەر مۇھەممەدى دادىسى بىلەن قورايچىلىق قىلىپ، ئۆمۈر سۈرگەن. ئۆ. مۇھەممەدى مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭ كۆزىگە تاتار ئەدەبىياتىنىڭ شائىرلىرى چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىنى ئۇ تاتار ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىگە مىسال قىلىپ يېزىشقا باشلايدۇ. بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز ئارۇز شەكلىدە يېزىلغان بولسا، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئاساسەن بارماق ۋەزنىدە بولسا، ئۆ. مۇھەممەدى ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىنى ئەركىن ۋەزىندە يېزىشقا باشلايدۇ.»
ئۆ. مۇھەممەدى 1906-يىلى ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق يېڭىشەر يېزىسىدا كەمبەغەل ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئالتە يېشىدا ئانىسىدىن ئايرىلغان بولۇپ، 1918-يىلدىن كېيىن دادىسى بىلەن ئالماتانىڭ سايبويى مەھەللىسىگە كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. كەمبەغەلچىلىكنىڭ زەردابىنى كۆپ تارتقان ئۆمەر پەقەت 14 يېشىدا دەسلەپ قېتىم مەكتەپكە كىرگەن. ئۆ. مۇھەممەدى 1922-يىلى ئالماتادا ئېچىلغان ئۈچ ئايلىق كۇرسنى تاماملاپ، تاشكەنتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلىم ئورنىدا ئوقۇدى. 1927-يىلى ئالماتاغا قايتىپ كېلىپ، بىر نەچچە يىل «زەرۋات» مەكتىپىدە، ئاندىن چېلەك يېزىسىدا مۇئەللىم بولۇپ ئىشلىدى. شائىر كېيىنچىرەك، يەنى زەرۋات مەكتىپى ياركەنت شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن شۇ يەرگە بېرىپ، ئۇستازلىق قىلدى، ئىلمىي مۇدىر ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتىدە پات-پاتلا بېسىلىپ تۇردى. ئەدىب ئېغىر ئاغرىقتىن كېيىن 1931-يىلى 25 يېشىدا ۋاپات بولدى.

ئەدەبىياتشۇناس رابىك ئىسمايىلوف ئۆ. مۇھەممەدىنى بىرىنچى نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ، تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ قىزىقتۇرۇپ، ئۆزىگە ئوخشاش كەمبەغەللەرنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىگە چوڭ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەردە بىز ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇيدىغان بولساق، ئەمگەك ئادەملىرىنى، ئۇلارنىڭ پىداكارانە ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇ يېڭى ئادەمنىڭ شەكىللىنىۋاتقان ئوبرازىنى يازىدۇ. ئۆ. مۇھەممەدىنىڭ يەنە بىر چوڭ خىزمىتى، ئۇ كېڭەش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا دەسلەپ ھېكايىلەرنى يېزىشقا باشلايدۇ. بۇ ھېكايىلەرنى تەنقىدىي كۆز بىلەن تەكشۈرىدىغان بولساق، ئۇلاردا بەدىئىيلىكنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا قارىغاندا يېڭى ئىدىيىنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بىراق ئۇلارنى ئۆز دەۋرى ئۈچۈن، دەۋرنىڭ ئۆزىنى سۈرەتلىگەن دەۋرگە ئاھاڭداش بولغان شېئىرلار، ھېكايىلەر دەپ ھېس قىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىرقى پەيتتە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە باھا بەرگەن بولساق، باھانى مۇشۇ تۇرغۇدىن بېرىش كېرەك، دەپ ھېسابلايمەن.»

ئۆ. مۇھەممەدى ۋاپاتىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ دادىسى توقا بوۋاي سايبويى مەھەللىسىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۆمەرنىڭ قەبرىسى ھازىر ياركەنت شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قەبرىستانلىقتا ئورۇنلاشقان بولۇپ، قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان كۆپلىگەن مەھەللىلەردىكى كوچىلار، شۇنداقلا ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، 2006-يىلى شائىرنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ھەمدە ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ياركەنت شەھىرىدە چوڭ تەنتەنە ئۆتكەن ئىدى.

يېقىندا بولسا، ئۆ. مۇھەممەدى ئۆزى ئۇستازلىق قىلغان ھازىرقى ياركەنت گۇمانىتارلىق-تېخنىكىلىق تېخنىكومىدا، يەنى ئىلگىرىكى زەرۋات مەكتىپىدە، شائىرنىڭ 110 يىللىقىغا بېغىشلانغان تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىسى، شائىر مولۇتجان توختاخۇنوفنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «ئىلھام» ئىجادىي بىرلەشمىسى ۋە 1-كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «پىلدىرلىغان چىراغلىرىڭ ئۆچمەيدۇ…» ماۋزۇسىدا ئەدەبىي كەچ ئۆتكۈزۈلدى.

م. توختاخۇنوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىكى، ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىرىنچىلەردىن بولۇپ چاشما شېئىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. پروزىدا بولسا ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن ئېلىنغان ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. بۇ پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى شائىر ئىجادىنى كەڭ تۈردە ئوقۇپ-ئۆگىنىش بولدى. يىغىنغا پانفىلوف ناھىيىلىك مەدەنىيەت مەركىزى ۋەكىللىرى شۇنداقلا «ياركەنت تەۋەسى» گېزىتىنىڭ ژۇرنالىستلىرى قاتناشتى. كەچ مەزمۇنلۇق ۋە تەسىرلىك ئۆتتى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆ. مۇھەممەدىنىڭ ئىجادىيىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ساقلىنىپ قالىدۇ، دېگەن ئويدىمىز.»

ئۆ. مۇھەممەدى «ئوقۇتقۇچىغا»، «سېغىندىم سېنى»، «مۇڭلانماڭ، سىڭلىم»، «ئۆمەر ئۆلدى»، «ئېغىر كۈنلەردە»، «سىرلىق ئايدىڭلاردا»، «سەن ھازىرلان» قاتارلىق شېئىر ۋە ھېكايىلەرنىڭ ئاپتورىدۇر. ئۆز نۆۋىتىدە تەتقىقاتچى-ئالىملار، شائىر-يازغۇچىلار ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە ئۆز ئەمگەكلىرىنى نەشر قىلىپ تۇردى. ئاتاقلىق ئالىم م. ھەمرايېفنىڭ «ئۆمەر مۇھەممەدىنىڭ تاللانما ئەسەرلىرى»، كۆرنەكلىك يازغۇچى جامالىدىن بوساقوفنىڭ «يالقۇن» پوۋېستى شۇلار جۈملىسىدىندۇر.