غوجاخمەت سەدۋاقاسوف بىر ئىلمىي دەرگاھنىڭ رەھبىرى ۋە يېتىلگەن مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارى، ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيەدىمۇ كەڭ تونۇلغان ئالىم بولغانلىقى كۆپچىلىككە مەلۇم.
ئۇ دۇنيانىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس، تۈركشۇناس ئالىملىرى بىلەن يېقىندىن ئارىلىشىپ، ئۆزىنىڭ بىلىم دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئۇيغۇرلاردىن يېتىلىپ چىققان بىردىن-بىر ئاتاقلىق ئالىم ۋە تەشكىلاتچى دەرىجىسىگىچە يەتكەن ئىدى. غ. سەدۋاقاسوفنىڭ يېقىن سەپدىشى ۋە دوستى ئاكادېمىك ئابدۇۋەلى قايداروف 1999-يىلى مەرھۇمنىڭ 70-يىللىقىغا بېغىشلىغان «زامانىمىز بىر، مەقسىتىمىز ئورتاق، كۆڭلىمىز يېقىن دوست بولدۇق» ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «غوجاخمەتنىڭ ئىلمىي دۇنياسى بەك ئەتىگەن تونۇلدى: ئۇ ئۆز جۇمھۇرىيىتىمىزدىلا ئەمەس، ئۇنىڭدىن سىرت يەرلەردىمۇ، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا مەملىكەتلەردىمۇ ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ كۆرنەكلىك مۇتەخەسسىسى، دانىشمەن ئالىم، جەمئىيەت ئەربابى سۈپىتىدە مەلۇم بولدى. بۇ ئۆلكىدە ئۇيغۇرلار ياشايدىغان قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە، ھەتتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاساسىي ۋەتىنى - شەرقىي تۈركىستاندىمۇ غوجاخمەتنىڭ ئالىم سۈپىتىدە يەتكەن چوققىسىغا، ئىگىلىگەن ئاتاق-لاۋازىمىغا دەل بۈگۈنگىچە بىرەر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ يېتەلمىگىنىنى ئېيتماي بولمايدۇ. بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ مىللىتىگە، يەنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىلى بولغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ئىدى. ئەگەر راستىنى ئېيتساق، غوجاخمەتتىن ئىلگىرىمۇ، كېيىنمۇ ئىلىمغا، شۇ جۈملىدىن فىلولوگىيە ساھەسىگە كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئاز بولمىدى. ئامما دەل بۈگۈنگىچە (1999-يىل) بۇ ساھەدىن، شۇ دەرىجىدىن بىز غوجاخمەتتىن باشقا ھېچكىمنى كۆرگىنىمىز يوق.»
غ. سەدۋاقاسوف ھەقىقەتەنمۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يېتۈك ئالىملىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرىنى چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ كېلەچىكىنى تەمىنلەيدىغان ئەمەلىي ئىشلارغا جاۋابكارلىق بىلەن قارىدى ھەم ئۇيغۇرشۇناس كادىرلارنى تەييارلاشقا ئالاھىدە دىققەت بۆلدى. ئۇ بولۇپمۇ 1986-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندىن باشلاپلا بۇ مەسىلىدە بىر قاتار ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئۆزى تەتقىقات يۈرگۈزۈۋاتقان تىلشۇناسلىق ساھەسىدىن باشقا يەنە ئەدەبىيات، تارىخ، ئېتنوگرافىيە، ئىقتىساد ۋە باشقىمۇ ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەربىيىلەش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدىكى ئىلمىي مەركەزلەر بىلەن ئالاقە باغلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ غ. سەدۋاقاسوفنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئارىسىدىمۇ ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئىگە.
فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى، دوتسېنت رۇسلان ئارزىيېف مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىدىكى ئورنى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «غوجاخمەت ئاكىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى پائالىيىتىنى ئاساسىي تۆرت يۆنىلىشكە بۆلۈپ قاراشقا بولىدۇ: بىرىنچى، تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، غوجاخمەت ئاكىنىڭ تىلشۇناسلىق بويىچە ئاساسىي ئەمگىكى ‹پەرغانە ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى› ناملىق ئىككى توملۇق ئەمگەك. ئۇنىڭ بىرىنچى تومى پەرغانە ئۇيغۇرلىرى تىلىنىڭ فونېتىكىسى ۋە لېكسىكىسىغا بېغىشلانغان. شۇنداقلا بۇ تومدا پەرغانە ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىغا ئائىت كۆپلىگەن فولكلور ماتېرىياللىرى بېرىلگەن. ئىككىنچى تومدا بولسا، پەرغانە ئۇيغۇرلىرى تىلىنىڭ مورفولوگىيىسى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان. بۇ ئەمگەك ئۆز ۋاقتىدا تۈركشۇناسلىققا قوشۇلغان چوڭ تۆھپە سۈپىتىدە باھالىنىپ، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ چۇقان ۋەلىخانوف نامىدىكى مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولدى. تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى غوجاخمەت ئاكىنىڭ ئىككىنچى مۇھىم پائالىيىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى، جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرىنى ئىشلەپ چىقىش ۋە ئىملا لۇغىتىنى تۈزۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇندىن باشقا، ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئەمگەكلىرى. بۇ يەردە غوجاخمەت ئاكىنىڭ ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنى، ماقال، تەمسىللىرىنى توپلاپ ۋە رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلىش پائالىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە ئەرزىيدۇ. ئۈچىنچى، مىللىي مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرى. ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ مۇھىم ساھەلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى دەرسلىكلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ پروگراممىلىرىنى تۈزۈش ئىشلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى يىللىرى يېپىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرى قايتا ئېچىلىشقا باشلىغاندا، غوجاخمەت ئاكا باشلىق تىلچىلار بىلەن ئەدەبىياتشۇناسلار توپى بۇ ساھەدە ئۈنۈملۈك ئەمگەك قىلدى. بۇ يەردە شۇنداقلا غوجاخمەت ئاكىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرى بويىچە ئۇستازلارنى تەييارلاش مەقسىتىدە ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا 80 - يىلى قايتا ئېچىلغان ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى پائالىيىتىنىمۇ ئالاھىدە ئاتاپ ئۆتكەن ئورۇنلۇق. تۆتىنچى، تەشكىلىي پائالىيەتلىرى. غوجاخمەت ئاكا دەسلەپ قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ يېنىدىكى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ كېيىن مۇستەقىل ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى سۈپىتىدە ھازىرقى قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقى ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوتتۇرا ياش ئالىملارنىڭ شەكىللىنىشىگە چوڭ ھەسسە قوشقان. بىۋاسىتە شۇلارنىڭ ئىلىم يولىدا ئۆسۈپ يېتىلىشىگە غەمخورلۇق قىلغان.»
غ. سەدۋاقاسوف دەسلەپكىلەردىن بولۇپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى سىستېمىغا سېلىپ، ئىملا قائىدىلىرى بىلەن ئىملا لۇغىتىنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئىلمىي ئاساستا ئىشلەپ چىقتى. 1976-يىلى ئىسمى «قازاق سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي ئالتۇن كىتابى» غا يېزىلغان غ. سەدۋاقاسوف، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى «تۈركىي تىللار» بويىچە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيە ياقلاشنىڭ ئىختىساسلاشتۇرۇلغان كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇش-مېتودىكا كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى رەئىسى، پۈتكۈل ئىتتىپاق خىتايشۇناسلار بىرلەشمىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، پۈتكۈل ئىتتىپاق شەرقشۇناسلار بىرلەشمىسى باشقارمىسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئېلى تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئۈرۈمچىگە بارغان قازاقىستانلىق ۋەكىللەرنىڭ رەھبىرى ۋە باشقىمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇردى.
غ. سەدۋاقاسوفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا قازاقىستان مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىلدى، ئالماتا شەھىرى كوچىلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالدى.