ئالماتادا ئۆتكەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ يىغىنىدا مۇھىم مەسىلىلەر قارالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.08.28
uyghur-yazghuchilar-yighini.jpg قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى. 2017-يىلى 28-ئاۋغۇست ئالماتا.
RFA/Oyghan

28-ئاۋغۇستتا ئالماتادىكى يازغۇچىلار ئۆيىدە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يازغۇچىلار يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا ئاساسەن قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى. يىغىننى ئاچقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى ئومۇمەن قازاقىستان يازغۇچىلىرى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەر، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مەملىكەتنى ئالدىنقى قاتارلىق دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش بويىچە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان تەشەببۇسلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

يىغىن كۈن تەرتىپىدە مەملىكەت پرېزىدېنتىنىڭ «كېلەچەككە نىشان: مەنىۋى يېڭىلىنىش» پروگراممىسى بويىچە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش، قازاقىستان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە قەلەم ھەققى بېرىش، ساتىرىك يازغۇچى، «شەپقەت شوۋ» تىياتىرىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت نەزەروفنىڭ 60 يىللىق تەۋەللۇتىنى ئۆتكۈزۈش، يېقىن ئارىدا ياركەنت شەھىرىدىكى خېلىل ھەمرايېف نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يېڭى بېناسىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر قارالدى.
يىغىن داۋامىدا سۆزگە چىققان يازغۇچىلار گۈلبەھرەم خوشايېۋا، شاۋكەت نەزەروف، ئابلىز ھېزىم ۋە باشقىلار مەزكۇر مەسىلىلەر بويىچە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ «كېلەچەككە نىشان: مەنىۋى يېڭىلىنىش» پروگراممىسى ئاساسىدا، شۇ پروگرامما روھىدا بۇ يىلى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى سېتىۋېلىش، يورۇققا چىقىرىش ۋە تەرغىب قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھەر بىر يازغۇچىنىڭ بۈگۈنكى ھاياتىمىزنى، تىرىكچىلىكىمىزنى، خەلقلەر دوستلۇقىنى كۆرسىتىدىغان بەدىئىيلىكى يۇقىرى يېڭى ئەسەرلىرىنى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ھەم ئۇنى چىقىرىش مەسىلىسى يېشىلدى. بۈگۈن مۇشۇ مەسىلىنى قارىدۇق، ھەممە يازغۇچىلار بۇنى قوللىدى، پرېزىدېنتىمىزنىڭ غەمخورلۇقىغا ئاپىرىن دېيىشتى. يازغۇچىلىرىمىز ئۆز ئەسەرلىرىنى قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقىغا ئەۋەتىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى دۆلەت مۈلكىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ناھايىتى چوڭ جاۋابكارلىق.»

ئە. ھاشىرىنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بۇ ئىدارىگە ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەۋىي جەھەتتىن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەسەرلىرىنى بېرىشى لازىمدۇر. قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان بۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يازغۇچىلارغا قىلىنىۋاتقان چوڭ غەمخورلۇقنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، بۇ يازغۇچىلاردىن يەنىمۇ تىرىشچانلىقنى، ئىجادىي ئىشلەشنى، ئۆز ۋەزىپىلىرىگە جاۋابكارلىق بىلەن قاراشنى تەلەپ قىلماقچى. ئە. ھاشىرى شۇنداقلا بۈگۈنكى ھاياتنىڭ سىرلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان، خەلقنى تەربىيىلەيدىغان ياخشى ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىشىدا يازغۇچىلارنى مۇشۇنداق يوللار بىلەن رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ، ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مۇشۇ سېنتەبىر ئېيىنىڭ 15گىچە يازغۇچىلىرىمىز ئويلىنىپ، شۇ مۇسابىقىگە ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئەسەرلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى. دېمەك، شۇ ئەسەرلەرنى ھۆكۈمەت سېتىۋالسا، پۈتۈنلەي شۇ ھۆكۈمەت فوندىدا قالىدۇ. بۇ، مەن ئويلايمەنكى، ناھايىتى چوڭ غەمخورلۇق. بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ پۈتۈنلەي قازاقىستان مەدەنىيىتىگە قوشقان ھەسسىسى بار، مانا مۇشۇنى خەلققە يەتكۈزۈڭلار دەۋاتىدۇ. بۈگۈن ئادەم پۈتۈن ۋۇجۇدى، قەلبى بىلەن ئۆزگىرىش كېرەك دەۋاتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن ئۆز مېۋىسىنى بېرىدۇ، دەپ ھېسابلايمەن.»

ئۆز ۋاقتىدا قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا زىيا سەمەدى، ھېزمەت ئابدۇللىن، ئىلىيا بەختىيا، خېلىل ھەمرايېف، جامالىدىن بوساقوف، دولقۇن ياسىن، مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئوخشاش كۆپلىگەن تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچىلار ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە سالماقلىق تۆھپە قوشقان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ يۆنىلىشتە ئابلىز ھېزىم، ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، ئەخمەتجان ھاشىرى، يەھيا تايىروف، خۇرشىدەم ئىلاخۇنوۋا، ئىلاخۇن ھوشۇروف، جەمشىت روزاخۇنوف، ئابدۇخالىق ماھمۇدوف، مۇھەممەتئىمىن ئوبۇلقاسىموف قاتارلىق پېشقەدەم ئەدىبلەر، شۇنداقلا بىر توپ ئوتتۇرا ياشتىكى يازغۇچىلار ھەم ياشلار پروزا، شېئىرىيەت ۋە دراماتورگىيە ساھالىرى يۆنىلىشلىرىدە ئىجاد ئەتمەكتە.

شائىر ئابلىز ھېزىمنىڭ قارىشىچە، ھازىر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆز ئەسەرلىرىنى شەخسىي ياكى ھامىيلار خىراجىتىدە نەشر قىلماقتا. ئىككىنچىدىن، مەزكۇر ئەسەرلەرنى تارقىتىشمۇ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا. ئا. ھېزىم يازغۇچىلارنىڭ ئەنە شۇنداق ماددىي ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئۆز ئىجادىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قازاقىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «يازغۇچىلار ھازىر ئەڭ كەمبەغەل، باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قالغۇدەك دەرىجىدە بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق ۋاقىتتا، دۆلەت يازغۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، قەلەم ھەققى مەسىلىسىنى يولغا قويۇپتۇ. بۇنىڭ ئۆزى قازاقىستاننىڭ بىر ئەۋزەللىكىنى، نازاربايېف سىياسىتىنىڭ بارغانچە ياخشىلىققا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنىڭغا رەھمەت دەيمىز.»

كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن، مەسىلەن، ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت»، «بائۇرچۇق ئارت تېكىن»، يەھيا تايىروفنىڭ «كۆيۈۋاتقان يول»، ئالىمجان باۋودىنوفنىڭ «ئۆتنە ئالەم» رومانلىرى، پاتىگۈل مەخسەتوۋانىڭ «دىيانەت»، جەمشىت روزاخۇنوفنىڭ «ئىزگۈلۈك يولى»، ئىلاخۇن جەلىلوفنىڭ «كۈلكە كارۋىنى»، ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «مەخمۇت قەشقىرى» ناملىق كىتابلىرى ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن ئەمگەكلەر نەشر قىلىندى. ھازىر قازاقىستاندا بىر گۇرۇپپا ياش ئىجادكارلارمۇ يېتىلىپ چىقماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.