قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاتاقلىق شەخسلىرىگە يادىكارلىقلار ئورناتقان
2018.09.12

مەلۇمكى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار مەملىكەت تەرەققىياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە ئاكتىپ ئارىلىشىپ كەلگەن ھەم ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشقان.
بۇنىڭدىن تاشقىرى، تىلىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ، مەدەنىيىتىنى، مائارىپىنى راۋاجلاندۇرغان. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئۆتمۈشتە ئۆتكەن تارىخىي شەخسلىرىنى ياد ئېتىشنى، ئازادلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەشنى ھەرگىز ئۇنتۇمىغان. بۇنىڭغا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردا ھەر يىلى دېگۈدەك ئۆتۈۋاتقان مۇراسىملار ۋە باشقىمۇ ئىشلار دەلىل بولالايدۇ.
يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيەسىگە قاراشلىق ياركەنت شەھىرىدە كلاسسىك شائىر، 19-ئەسىرنىڭ ئاياغلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بىلال نازىم خاتىرىسىگە ئورنىتىلغان يادىكارلىققا 25 يىل تولدى. مەزكۇر يادىكارلىقنى ئەنە شۇ شائىر نامى بىلەن ئاتىلىدىغان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز ھىمايىسى ئاستىغا ئالغان.
بىلال نازىم ھەيكىلى قاچان ۋە كىملەر تەرىپىدىن ئورنىتىلدى؟
پېشقەدەم ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇردىياروفنىڭ ئېيتىشىچە، 1881-يىلى ئىلى ۋىلايىتىدىن يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ياركەنت تەۋەسىدىكى ئۆسەك ۋادىسىغا ئورۇنلاشقان ئىكەن. ئۇلار بىلەن بىللە شائىر بىلال نازىممۇ كۆچۈپ چىققان. بىلال نازىم يېڭى يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ئاكتىپ ئارىلاشقان ھەم بۇ جەھەتتە ئۆز ئىجادىيىتىنى بىر مىنۇتمۇ توختاتمىغان. ئەمما شائىر تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقىدىن ھەمدە روھىي ئازابتىن 1900 يىلى 75 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتۈپ، شەھەرنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان ئابدۇكېرىم تۇدىياروف مۇنداق دېدى: «بۇ يەرگە ۋېلىباي، نىزامىدىن ئاخۇنۇمغا ئوخشاش ئاتاقلىق زاتلارنىڭ جەسەتلىرى دەپنە قىلىنىپ، گۈمبەزلەر ئورنىتىلغان ئىدى. سوۋېت دەۋرىدە ئۇلار ۋەيران قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى يوقايدۇ. كېيىن كۆكتاللىق خوشام قارىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلار تېپىلىپ، بەلگىلەر ئورنىتىلىدۇ ۋە ئەتراپى قورشىلىدۇ. قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئىگە بولغاندىن كېيىن بىلال نازىم ياشىغان مەھەللىدە ئۇنىڭغا ھەيكەل ئورنىتىش مەسىلىسى قارىلىدۇ. بۇنى پۈتكۈل ياركەنت ئاھالىسى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. 1989-يىلى تەشكىل قىلىنغان ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدۇ.»
ئابدۇكېرىم تۇردىياروفنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ يىلى ياركەنت شەھىرىدە ئۆتكەن جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدىكى تۇنجى مەدەنىيەت كۈنلىرىدە بىلال نازىم ئىسمى بىلەن ئاتالغان كوچىنى ئېچىش مۇراسىمى بولغان ھەم ئۇنىڭلا يادىكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسى جىددىي قارالغان ئىكەن. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «شۇ يىغىنغا قاتناشقا ‹ئۆكتەبىرنىڭ 40 يىللىقى ئىگىلىكى› نىڭ رەئىسى نىكولاي گولوۋاتسكىي سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەشەببۇسىنى قىزغىن قوللاپ، بىلال نازىم فوندىغا 50 مىڭ سوم ئاقچا بېرىدۇ. ئۇ شۇنداقلا ھەيكەل ۋە كېلەچەكتە مەكتەپ سېلىشقا يەر ئاجرىتىپ بېرىدۇ. گولوۋاتسكىينىڭ تەشەببۇسىنى كۆپچىلىك قوللايدۇ. بۇ ئىشتىن باشقا يۇرت ئادەملىرىمۇ، باشقا مىللەت ۋەكىللىرىمۇ قالغىنى يوق. شۇ يىلى فوندقا 200 مىڭ سومغا يېقىن ئاقچا چۈشىدۇ. بۇنىڭغا ناھىيە ھاكىمى يەنە ئۆزىنىڭ ماددىي ياردىمىنى كۆرسەتتى.»
ئابدۇكېرىم تۇدىياروف ھەيكەل لايىھىسىنى سىزىشقا تونۇلغان بىناكارلاردىن بەھرىم غىلاۋدىنوفنىڭ، ۋاھىت رەھمانوفنىڭ يېقىندىن ئارىلاشقانلىقىنى، ھەيكەلنى ياسىتىش ئىشلىرىغا شۇ ۋاقىتتىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوف ۋە باشقىلارنىڭ سالماقلىق تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى. ھەيكەل قارىغاندا شەھىرىدە ياسىتىلىپ، 1992-يىلى ياركەنت شەھىرىدە ئورنىتىلغان. 1993-يىلى 31-ئاۋغۇستتا ئۇنى ئېچىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن. ئابدۇكېرىم تۇدىياروف يەنە ھەيكەلنى ئېچىش مۇراسىمىنىڭ يېڭى مەكتەپ بىناسىنى ئېچىش مۇراسىمىغا ئۇلاشقانلىقىنى، بۇ مۇراسىمغا ئۇيغۇرنىڭ ئاتاقلىق شەخسلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ پىكرىچە، قازاقىستاندا سوۋېت دەۋرىدە ۋە قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر شەخسلىرىگە يادىكارلىقلار ئورنىتىلغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تارىخىي شەخسلەرگە ئورنىتىلغان يادىكارلىقلار ھەققىدە ئۇزۇن سۆزلەشكە بولىدۇ. مۇنداق شەخسلەرنىڭ ئىچىدە دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابلىرى، مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەت قاتناشقۇچىلىرى، ئالىملار، يازغۇچىلار، ئەمگەك قەھرىمانلىرى، ئىگىلىك رەھبەرلىرى ۋە باشقىمۇ ھەر ساھەنىڭ ئادەملىرى بار. مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ يادىكارلىقلارنىڭ بەزىلىرى سوۋېت دەۋرىدە ئورنىتىلغان. مەسىلەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمانى، ئۈچ ۋىلايەت ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى غېنى باتۇرنىڭ ھەيكىلى غۇلجا يولىغا، يەنى ئۇنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق يۇرتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ جانا تۇرمىس مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان. بۇ يولدا ئۆتكەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئۇنى ئوچۇق كۆرۈشى مۇمكىن. بەزىدە توي قىلىۋاتقان ياشلار ئەنە شۇ يادىكارلىققا كېلىپ، ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ، گۈللەر قويۇشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئاتاقلىق يازغۇچى، ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى تەسۋىرلىگەن ھېزمەت ئابدۇللىننىڭ ۋە تونۇلغان شائىر ۋە ئالىم، پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ تەۋرەتكەن «تۇرنىلار» دېگەن ناخشىنىڭ تېكىستىنى يازغان مەھمۇد ئابدۇراخمانوفنىڭ ھەيكىلى يەنە شۇ غۇلجا يولىدا جايلاشقان.»
ئابلەت كامالوف يەنە ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا ئىنقىلابچى شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ، ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ھەيكەللىرىنى ئۇچرىتىشقا بولىدىغانلىقىنى، غوجەخمەت سەدۋاقاسوف ھەيكىلىنىڭ شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىغا ئورنىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مۇنداق يادىكارلىقلار دۆلەت ئەربابلىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تايىروف ۋە باشقىلارغىمۇ ئورنىتىلغان ئىكەن.
ئابلەت كامالوف يەنە مۇنداق دېدى: «يەنە بىر ئېيتىپ كېتىدىغان نەرسە، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەر، مەسىلەن، 1918-يىلى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ‹ئاتۇ› قانلىق پاجىئەسىگە بېغىشلاپ بىر نەچچە يادىكارلىقلار ئورنىتىلغان ئىدى. تارىختىن مەلۇمكى، بۇ يىلى ئۇيغۇرلار سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقتى دېگەننى باھانە قىلىپ، قوراللىق قىزىل ئەسكەرلەر ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان كۆپلىگەن يېزىلارنى ۋەيران قىلىپ، ئاھالىسىنى رەھىمسىز قىرغان. ئەڭ قاتتىق قىرغىن قىلىنغان تاشتىقارا، لاۋار، قورام، چوڭ ئاقسۇ ئوخشاش يېزىلاردا يادىكارلىقلار ئورنىتىلدى. بۇ يىلى ئەنە شۇ پاجىئەنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى. بۇ يادىكارلىقلار، ئەلۋەتتە، ئۆز ۋاقتىدا ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئورنىتىلغان ئىدى. ئۇلارنى رېمونت قىلىش، ئەتراپىنى ئاۋاتلاشتۇرۇش ئىشلىرى پات-پات بولۇپ تۇرىدۇ. ھەر يىلى ئۇ يەرلەردە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتۈپ تۇرىدۇ.»
ئابلەت كامالوفنىڭ پىكرىچە، مۇنداق يادىكارلىقلارنىڭ ئورنىتىلىشىنىڭ بولۇپمۇ ياشلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى ناھايىتى زور ئىكەن. ياشلار بۇنىڭ ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ، تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ، ۋەتىنىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىشكە، ئۇلۇغ پەرزەنتلىرىنى دائىم ھۆرمەتلەشكە ئىنتىلىدىكەن. ھازىر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە مۇنداق مەسىلىلەرگە چوڭ ئەھمىيەت بېرىلمەكتىكەن.