قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىغا ئاكادېمىيىلىك ئۇنۋان بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.12.12
qatnashqan-musteqilliqi-uyghur-tiyatiri-artisliri.jpg قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىغا بېغىشلانغان «تىنچلىق ۋە رازىمەنلىككە 25 يىل» ماۋزۇسلۇق فېستىۋالغا قاتناشقان ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرى. 2016-يىلى 9-دېكابىر، ئاستانا.
RFA/Oyghan

قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 9-دېكابىردا قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىنىڭ «سارىئارقا» تەن-ھەرىكەت مەيدانىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىغا بېغىشلانغان «تىنچلىق ۋە رازىمەنلىككە 25 يىل» ماۋزۇسىدا فېستىۋال بولۇپ ئۆتتى. قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئۆتكەن بۇ فېستىۋالغا مەملىكەتنىڭ بارلىق رايونلىرىدىن قاتناشقان ئېتنو-مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ھەۋەسكار ھەم كەسپىي كوللېكتىپلىرى ئۆزلىرىنىڭ تىياتىرلاشتۇرۇلغان سەھنىلىرىنى، ساز، ناخشا، ئۇسسۇل ۋە باشقىمۇ ئەسەرلىرىنى نامايىش قىلدى.

مەزكۇر فېستىۋالدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف كورېيەلىكلەر ۋە نېمىس ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تىياتىرلىرىغا ئاكادېمىيىلىك ئۇنۋان بېرىش ھەققىدە قارار ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى، «ھۆرمەت» ئوردېنىنىڭ ساھىبى يالقۇنجان شەمىيېف ئۇيغۇر تىياتىرىغا مۇنداق ئۇنۋاننىڭ بېرىلىشىنىڭ تىياتىر كوللېكتىپىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا بولغان چوڭ ھۆرمەتنىڭ بىر بەلگىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ نامنىڭ بېرىلىشى بىز، سەنئەتكارلار ئۈچۈن چوڭ ئۇنۋان. ھازىر بىزنىڭ تىياتىر ئاكادېمىيەلىك بولغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە، بىرىنچىدىن، چوڭ خۇشاللىق، ئىككىنچىدىن، چوڭ جاۋابكارلىق. پۈتۈنلەي قازاقىستاندا 56 تىياتىر بولسا، شۇنىڭ ئارىسىدا يەتتە-سەككىزىلا ئاكادېمىيىلىك نامنى ئالغان. نېمىشقا بۇ ئۇنۋاننى بېرىدۇ؟ چۈنكى مۇشۇنداق ئۇنۋاننى ئالغانلارنىڭكى دەرىجىسى يۇقىرى بولۇشى كېرەك. مىسالغا كلاسسىك ئەسەرلەر كۆپ بولۇشى كېرەك. ئومۇمىي كوللېكتىپنىڭ بىلىمى يۇقىرى بولۇشى كېرەك. مەن ئويلايمەنكى، كوللېكتىپىمىز شۇنىڭغا لايىق. پرېزىدېنتىمىزغا رەھمەت!».

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ پىكرىچە، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە تېشىدا مىڭلىغان تاماشىبىنلىرى بار بولۇپ، شۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى، ئېھتىياجلىرىنى ئورۇنلاشتا تىياتىر ئارتىسلىرى تىنماي ئەمگەك قىلماقتا. ئۇ تىياتىرنىڭ قازاقىستان مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تىياتىرىمىز قازاقىستان خەلقىنىڭ روھىي بايلىقىنى يارىتىۋاتقان چوڭ بىر دەرگاھ. تىياتىر 83 يىل خەلققە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ پروگراممىسى، ناخشا-سازلىرى، كۆپلىگەن دراماتورگلىرىمىز مۇشۇ تىياتىرىمىزنىڭ روھىنى كۆتۈردى. شۇ جۈملىدىن بىزمۇ ئۆز كۈچىمىزنى تىياتىرنىڭ گۈللىنىشى، خەلقئارا مەيداندا تىياتىرىمىزنىڭ شان-شۆھرىتى ئۈچۈن بىر ئاز ئەمگەكلەرنى قىلدۇق. تىياتىر پروگراممىسىغا كىرگەن ئەسەرلەردە دوستلۇق، ئىناقلىق، خەلقلەر بىرلىكى مەسىلىلىرى خەلقىمىزگە كۆرسىتىلىۋاتىدۇ».

ئە. ھاشىرى ئۇيغۇر تىياتىرىغا مۇنداق ئۇنۋاننىڭ بېرىلىشىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مەملىكەتنىڭ كۆپ مىللەتلىك خەلقى ئۈچۈنمۇ چوڭ ۋەقە ئىكەنلىكىنى، تىياتىر تارىخىدا مۇنداق ۋەقەنىڭ بىرىنچى قېتىم يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، دراماتورگلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن زامان تەلىپىگە لايىق ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىش لازىملىقىنى ئېيتىپ، تىياتىر كوللېكتىپىنى، بارلىق تاماشىبىنلارنى، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى تەبرىكلىدى.

ئالماتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيىسىگە قاراشلىق بېساغاش يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى ئىسمائىل روزىيېف بولسا، ئۇيغۇر تىياتىرى تارىخىنىڭ ئۇزۇن بولۇپ، ئۇنىڭ كېلەچىكىدىن كۆپ ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «تىياتىر ئۆز تەرەققىياتىدا نۇرغۇن ئاجايىپ سەھنە ئەسەرلىرىنى قويغان. ئەمدى بۈگۈنكى دەۋرگە كەلسەك، زامان تەلىپى دەيمىز، ئاندىن خەلقىمىزنىڭ ئېيتالماي يۈرگەن كۆڭۈلدىكى گەپلەرنى ئېيتىدىغان ئەسەرلەر بولسىكەن دەيمىز. بايقىشىمچە، قويۇلۇمىلاردا (ئەسەرلەردە) كۆپرەك تەرجىمە قويۇلۇمىلار كۆپ بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى بۈگۈنكى زامانغا، خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىگە لايىق، قويۇلۇمىلار ئاز، ھەتتا يوق بولۇۋاتىدۇ. تەلىپىمىز شۇكى، تىياتىرىمىز كېلەچەكتە ياخشى قويۇلۇمىلارغا يەتسە، خەلق ئۆزى يۈگۈرۈپ بارىدىغان كۈنلەر كەلسە، دەپ ئارمان قىلىمىز».

ئۇ تىياتىرنىڭ كېلەچەكتە تاماشىبىنلار ئىشەنچىنى، شۇنداقلا مەملىكەت پرېزىدېنتى بەرگەن ئۇنۋاننى تولۇق ئاقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۈتكۈل يۇرتداشلىرى نامىدىن تىياتىر كوللېكتىپىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.