قازاقىستاندىكى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى گېزىتنىڭ مەزمۇنىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ھازىر قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان گېزىت - ژۇرناللار ئىچىدە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ئەڭ ئاممىۋىي ھەم ئىناۋەتلىك بولۇپ ھېسابلىنىپ كەلمەكتە. گېزىت مۇشتىرىلىرى سانىنى كۆپەيتىش ھەم ئۇنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى، سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش يۆنىلىشىدىمۇ بىر قاتار ئىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا. ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يىلقى مۇشتىرى توپلاش مەۋسۈمىدىن پايدىلانغان ھالدا، گېزىت خادىملىرى بولۇپمۇ ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر، قاراساي، جامبۇل ناھىيەلىرىدە، شۇنداقلا قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا بولۇپ قايتقان. بۇ سەپەر داۋامىدا ئۇلار پەقەت مۇشتىرى توپلاش بىلەنلا چەكلەنمەي، بەلكى گېزىتنىڭ مەزمۇنىنى ياخشىلاش بويىچىمۇ گېزىتخانلار بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ باھالىق پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئالغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف بۇ سەپەر داۋامىدا گېزىتخانلارنىڭ، بىرىنچىدىن، گېزىتنىڭ ياخشى چىقىشىنى خالايدىغانلىقىنى، ئىككىنچىدىن، گېزىتنى جاي - جايلاردا دۇرۇس تارقاتمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «گېزىتخانلىرىمىز كۆپلىگەن پىكىرلەرنى ئېيتتى. مەسىلەن، مۇمكىن قەدەر بىرىنى يامانلايدىغان، غەرەز نىيىتىدىكى، ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بۇزىدىغان ماقالىلەرنى بەرمىسەڭلەر دېدى. بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن مۇشۇ كەمگىچە چىقىۋاتىمىز. يەنە بىر تەكلىپ، گېزىتىمىز پەقەت چوڭلار ئوقۇيدىغان گېزىت بولۇپ قالدى. مۇمكىن بولسا، بالىلارنى، ياشلارنى ئەستىن چىقارمىساڭلار دېدى. بولۇپمۇ بالىلارغا بېغىشلانغان بەتنى ھەر ھەپتىدە بېرىپ تۇرساڭلار، بىز ئائىلىمىزدە ئولتۇرۇپ، ھەم بالىلىرىمىز، ھەم نەۋرىلىرىمىز بىلەن گېزىتنى ئوقۇساق دېگۈچىلەرمۇ بولدى. گېزىتخانلارنىڭ بۇ تىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى يىلدىن باشلاپ بالىلارغا بېغىشلانغان «ھەسەن - ھۈسەن»، ياشلارغا بېغىشلانغان «مەشئەل» سەھىپىلىرىنى ھەر ساندا بېرىشنى توغرا كۆردۇق. بىز يەنە گېزىتخانلىرىمىزنىڭ دىن، ئەخلاق مەسىلىلىرىگە كۆپرەك دىققەت قىلىش تەكلىپلىرىنىمۇ قوبۇل قىلدۇق. مانا شۇنداق خەلق، گېزىتخانلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش نەتىجىسىدە گېزىتىمىزنىڭ تارقىلىشى يېڭى يىلدا 14015 دانىگە يەتتى.»

ئې. ئەسمەتوف شۇنداقلا بۇ يىلنىڭ باشلىنىشى بىلەن گېزىتقا يېزىلغۇچىلارنىڭ يەنىمۇ بارلىقىنى بىلىپ، جاي - جايلاردىكى پوچتىخانىلار بىلەن كېلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى قىلىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ مارت ئېيىدا مۇشتىرىلار سانىنىڭ 14500 گە يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئې. ئەسمەتوف گېزىتقا باش مۇھەررىر بولۇپ كەلگەندىن، يەنى 2015 - يىلنى بېشىدىن بۇيان خەلقنى جەلب قىلىدىغان، ئۇنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان ماقالىلەرنى بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ھەر قانداق پالىيەتلەرگە ئارىلىشىپ، شۇ يەردىكى ئاھالىنىڭ پىكرىنى ئىناۋەتكە ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ گېزىتىمىز، ئەلۋەتتە، ھۆكۈمەتنىڭ گېزىتى. بىزنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىمىز پرېزىدېنتىمىز نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ بارلىق مەكتۈپلىرىنى، ئىستراتېگىيىلىك پروگراممىلىرىنى ۋە باشقىمۇ ئىچكى - تاشقى سىياسىتىنى تەرغىپ قىلىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گېزىتىمىز قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ ئىشىنى يورۇتىدىغان دوستلۇق، رازىمەنلىك ئوخشاش ماۋزۇلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە تىرىشىدۇ. بىراق قازاقىستان ھۆكۈمىتىدە مىللىي ئۆرپ - ئادەت، ئەدەبىيات، تارىخ، مەدەنىيىتىمىزنى تەرەققىي ئەتكۈزۈشكە بارلىق مۇمكىنچىلىكلەر يارىتىلغان. شۇڭلاشقا «ئۇيغۇر ئاۋازى» ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەرتەرەپلىمە راۋاجلىنىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز.»

ئې. ئەسمەتوف شۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېزىتتا ئۆتكەن يىلى «ئۇيغۇر ئاۋازىنىڭ قوبۇلخانىسى» دېگەن ماۋزۇنى ئاچقانلىقىنى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە تونۇلغان شەخسلەرنىڭ، جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار رەھبەرلىرىنىڭ خەلق تەرىپىدىن چۈشكەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى «بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق»، «تەپەككۈر تەكچىسىدىن»، «مەنىۋىيەت مەيدانىدىكى مىسكىنلىك»، «مائارىپسىز ئەدەبىياتنى، ئەدەبىياتسىز سەنئەتنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟» ۋە يەنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ماۋزۇلارنىڭ كۆپچىلىكتە ياخشى ئىنكاسلار قوزغىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ يىلى ئاتاقلىق يازغۇچى تۇرغان توختەموف نامىدا قەلەم ساھىبىلىرى ئارىسىدا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئې. ئەسمەتوف يېڭى ئېچىلغان «باش مۇھەررىر مۇنبىرى» ماۋزۇسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدا ئۆزەم شەخسەن ئەتراپىمىزدا بولۇۋاتقان مۇھىم ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئويلىرىمنى يېزىۋاتىمەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدە بولۇۋاتقان ئاممىۋىي كەمچىلىكلەر ھەققىدە تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى بار ماقالىلەرنى يېزىشقا تىرىشىۋاتىمەن.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالماتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيىسىگە قاراشلىق بەشياغاچ يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى ئىسمايىل روزىيېف «ئۇيغۇر ئاۋازى»نىڭ بىر پۈتۈن خەلقنىڭ گېزىتى ئېكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئانا تىلىمىزدا چىقىۋاتقان بىردىن - بىر رەسمىي گېزىتىمىزنىڭ سۈپىتى خېلى ياخشىلاندى دېسەكمۇ بولىدۇ، تارىلىش دائىرىسىمۇ كۆپەيدى. گېزىت توغرىلىق ئېيتىدىغان پىكرىم، بىرىنچىدىن، رەسمىي ماتېرىياللار سەل قىسقارتىلسا. گېزىتنىڭ نامى "ئۇيغۇر ئاۋازى" بولغاندىكىن، خەلقىمىزنىڭ ھاياتىنى يورۇتۇپ بېرىشتىكى تۆھپىسى يۇقىرى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەسىلىلىرى كۆپ. مەسىلەن، مائارىپ ساھەسى توغرىلىق ماقالىلەرمۇ بېرىلىۋاتىدۇ، ئامما بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك بېرىلسە دەيمەن.»

ئى. روزىيېف پەقەت قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ھاياتى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى توغرىلىق ماتېرىياللارنىڭ كۆپرەك بېرىلىشىنى، ھەر قانداق ياخشى ماقالىلەرنىڭ ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنى سۆزسىز تاپىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ مۇشتىرىلىرىنىڭمۇ سانىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.