مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر قازاقىستاندا 15 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئالماقتا. بۇ جەھەتتە ئۇلار ئۆز خەلقىنىڭ ئۆتمۈشىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە، ۋەتىنى ھېسابلانغان قازاقىستان تارىخىنى، قازاق خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش مۇمكىنچىلىكىگىمۇ ئىگە بولۇۋاتىدۇ. ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلار تەربىيىسىگە قازاقىستان ھۆكۈمىتىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. شۇنداقتىمۇ ھازىر كۆپچىلىكنى تەشۋىشلەندۈرىدىغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. شۇلارنىڭ بىرى ياشلار تەربىيىسىدۇر. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «بۈگۈنكى ئاسىيا» گېزىتلىرىدە، «ئىنتىزار»، «غۇنچە»، «ئېھسان» ژۇرناللىرىدا ماقالىلەر پات-پاتلا ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.
ياشلار تەربىيىسىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان نەرسە نېمە؟ ئۇلارنى تەربىيىلەشنىڭ قانداق يوللىرى بار؟ بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
بىز بۇ ھەقتە يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى ئەختىرىم ئەخمەتوۋا، ئابدۇخالىق ھەمرايېف ۋە ئازتېكىن ئىبراھىموفلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00