ئەلۋىدا قەلبىنۇر ئەلنازى ، ئەل سىزدىن رازى

0:00 / 0:00

كۆپلىگەن كىنو، تېلېۋىزيە تىياتىرلىرىدىكى ھەر خىل ئوبرازلارغا ئاۋاز بېرىپ خەلق قەلبىدە ئورۇن ئالغان، كۆپ زېھنى ۋە تالانتىنى بالىلار مائارىپىغا بېغىشلاپ بالىلار قەلبىدىكى چۆچەكچى ئانىغا ئايلانغان، «بالىلارنىڭ ياخشى دوستى، ئاتا ئانىلارنىڭ ياردەمچىسى، تالانتلىق ئاۋاز ئارتىسى» دەپ تەرىپلەنگەن قەلبىنۇر ئەلنازى 2016-يىلى 9-ئىيۇن كۈنى سەھەردە يۈرەك كېسىلى بىلەن 46 يېشىدا ۋاپات بولدى. بۇ قايغۇلۇق خەۋەر بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئوخشاش قايغۇغا سالدى، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىغا ئاتالغان قايغۇلۇق ئىنكاسلار، مەرسىيە-تەزىيەلەر ئۇيغۇر تاراتقۇلىرىنى قاپلىدى. ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىسە، ئۇنىڭ چۆچەكلىرىگە مەستانە ئەۋلادلار، مەرھۇم قەلبىنۇر ئەلنازىنىڭ ئۆزلىرىدە قالدۇرغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلماقتا.

قەلبىنۇر ئەلنازىنىڭ تەرجىمىھالىغا ئائىت مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە،ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تالانتلىق ئاۋاز ئارتىسى، كىشىلەر تەرىپىدىن سۆيۈملۈك بالىلارنىڭ يېقىن دوستى دەپ باھا بېرىلگەن قەلبىنۇر ئەلنازى 1970-يىلى ئىلى ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 16 ياش چېغىدىلا سېھىرلىك ئاۋازى ۋە تەبىئىي تالانتى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەرجىمە بۆلۈمىگە تاللاپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان ۋە بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى پۇختىلاپ ماڭغان. پېشقەدەملەرنى ئۇستاز تۇتۇپ كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ،كەسپىي جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە خاسلىق ياراتقان. ئۇنىڭ ئاۋازى ياڭراق، تەلەپپۇزى ۋە ئىنتوناتسىيەسى ئېنىق بولۇپ، خەلقنىڭمۇ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. كېيىنكى ئاۋاز ئارتىستلار سېپىگە ئاز بولمىغان ياراملىق ئاۋاز ئارتىستلىرىنىڭ تەربىيىلىنىپ قوشۇلۇشىدا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن. كەسىپكە قاتناشقان 26 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر خەلقى ياقتۇرۇپ كۆرۈۋاتقان كۆپلىگەن فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئاۋاز بېرىپ، ئەلنى قايىل قىلغان، بولۇپمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەس بولغان سەلبىي ئاۋازلارنى بېرىشتە ئاجايىپ ئۇستا ماھارىتى بىلەن زور تەسىر قوزغىغان.

ئۇنىڭ شاگىرت ۋە كەسىپداشلىرىدىن ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سابىق ئاۋاز ئارتىسى ئابدۇسالام نىياز، قەلبىنۇر ئەلنازىنىڭ ۋاپاتىدىن بەكمۇ قايغۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزى ۋە باشقا ياش ئاۋاز ئارتىسلىرى ئۈچۈن ئۇستاز، خىزمەتداشلار ئۈچۈن كەسىپ ئۈلگىسى ۋە سىرداش دوستى ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ جەسۇر، مەردانە خۇشچاقچاق پەزىلەتلىرى بىلەن ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر ئايال زات ئىكەنلىكىنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىدى.

قەلبىنۇر ئەلنازىنىڭ تەرجىمىھالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ، كارتون فىلىم «كۆك بۆرە» دىكى قىزىل بۆرىگە ئاۋاز بېرىپ، بالىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇ مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ چۆچەكلەر پروگراممىسىدا ئوقۇغان چۆچەكلىرى بالىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، «چۆچەكچى موماي» دەپ تەرىپلەنگەن. يېقىنقى يىللاردا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «مۇئەللىم» ئېلېكترون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ تەكلىپلىك ئاۋاز بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، «ھازىرقى بالىلار كارامەت» ناملىق ئەپ، تۈركىيەلىك يازغۇچى ئەزىز نەسىننىڭ شۇ ناملىق ئەسىرىگە ئاساسەن ئاۋازلىق ئەپ قىلىپ ئىشلىنىپ بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر خەلق بالىلار چۆچەكلىرى، ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى، دۇنياۋى مەشھۇر چۆچەكلەر، دۇنياۋى مەشھۇر مەسەللەر قاتارلىق ئەپلەرگىمۇ ئاۋاز بېرىش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ۋە رېژىسسورلۇق قىلىپ بۇ ئاۋازلىق چۆچەك-مەسەل ئەپلىرىنىڭ ياخشى چىقىشىغا چوڭ تۆھپە قوشقان.

ئۇ ھازىرغىچە ئاۋاز بەرگەن فىلىم ۋە ئوبرازلار: كورېيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن: «مۇنچا خوجايىنى ئائىلىسىدىكى ئەرلەر» دىكى پۇ جى. «مېھىرلىك كۆڭۈللەر» دىكى ئەن چىڭشى. كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن: «ئالتۇن توي» دىكى جۇاڭ بەڭگى. «پۇشايمان» دىكى جۇ جيالى. «شەھرىستاندا زاۋال» دىكى سىشى تەيخۇ. ئەنگلىيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن: «ئايال باش ئەلچى سىكىستىنا» دىكى سىكىستىنا. «ئۇرۇش ۋە مۇھەببەت» دىكى كائىناتا. ھىندىستان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن: «ماڭلاي سۇرۇخ» دىكى سۇئىندىرى قاتارلىقلار.

ئۇيغۇرچە تورلاردا ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ 2006-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى (غۇلجا)دا ئاۋاز ئارتىسى قەلبىنۇر ئەلنازىنىڭ تۆھپىلىرىگە بېغىشلىغان «ئاۋازىڭغا ئاخىر زامان يوق» ناملىق شېئىرى كۆزگە چېلىقىدۇ:

ئاۋازىڭغا ئاخىر زامان يوق

تۇغۇلماقنى تەڭرىدىن دەيدۇ،
تونۇلماقنى تەلەيدىن لېكىن.
دانالاردىن كۆرگۈم بار سوراپ،
شۇ سۆز زادى ئورۇنلۇقمىكىن.
...بىراق سىڭلىم ئويلىسام سېنىڭ،
ئىستىقبالىڭ ئەجرىڭدىن بولدى.
قەيسەرلىكىڭ، جاسارىتىڭدىن،
تەمكىنلىكىڭ، سەۋرىڭدىن بولدى....
سەن مىنگەن ئات بارچە ئاتتىن ئۇچقۇر،
سەن چىققان دۆڭ ھەممىدىن ئېگىز،
بايرىقىڭ بار بۇلۇت ئۈستىدە،
قىلدى سېنى مېھنىتىڭ ئەزىز....
خۇش بۇي ھىدىڭ قاپلىدى ئەلنى،
ياخشى گېپىڭ بولدى ھەر جايدا.
شۇ ئەمەسمۇ تونۇلدى دېگەن،
بۇنداق بەخت ھەممىگە قايدا....
ئاۋازىڭغا ئاخىر زامان يوق،
جىمى يەرنى يۈرىدۇ كېزىپ.
ئاڭلىغانغا ھۇزۇر لەززىتى،
ئاۋازىڭدا ئىچۈردۈڭ ئېزىپ....
تەلەي ساڭا ياراشتى ھەجەب،
ئوڭدىسىغا تارتقاندەك چۈشۈڭ.
سېنى سىڭلىم خۇش قىلىپ ئۆتسۇن،
ئۆمرۈڭدىكى جىمى ياز-قىشىڭ....

مۇئەللىم تورىدا ئۇنىڭغا بېغىشلانغان ماقالىدە «قەلبىنۇر ئەلنازى كەسىپتە ئۇتۇق قازانغانغۇچى بولۇشتىن ئاۋۋال ئۇ بىر ئايال، بىر مېھرىبان ئانا» دەپ تەرىپلەنگەن.


كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا ئۇنىڭ رادىيو، تېلېۋىزىيەلەرنىڭ بالىلار پروگراممىسىدا ئېيتقان چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، ھازىر چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بالا شائىر ئەنقەر ئەيسا، قەلبىنۇر ئەلنازىنىڭ، ئۆزگىچە سېھىرلىك ئاۋازى بىلەن چوڭلارنى مەمنۇن قىلىپ، نۇرغۇن ئىجابىي، قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئېيتىپ ياش غۇنچىلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاجايىپ ئوبرازلىق ئېيتقان چۆچەكلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۆزىنىڭ كىچىك بالىلىقىدا خىيالىي دۇنياسى ئېچىلىپ، تەسەۋۋۇرلىرى قانات يېيىپ قولىغا قەلەم ئېلىشىغىمۇ ئىلھام بولغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇستاز قەلبىنۇر ئەلنازىنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇسىنى مەرسىيە بىلەن ئىزھار قىلدى:

ئەلنىڭ نازى قەلبىنۇر ئەلنازى ھەدەم ۋاپاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن

نۇر قەلب سىز،
نۇر !
بىرلە نازىڭىز
شۇنچە تاتلىق، شۇنچىكى ئوماق
ئەلدە، ھەر يەردە...
ياق،
يۇشۇرمايمەن ياق،
ئويلىمىدىم ئەمەس ئويلىدىم،
يېرىم كۆڭۈل يېرىم.
تىنمىدىم...
ئىچىمدە سىز چۆچەك پەرىشتە قىز،
ئارمىنىڭىز خۇش چېچەك مەلىكە قىز،
بۈگۈن بولغانلارغا باق ئاھ....
پەقەت بىر سۆزۈم زىكىر كېچە كۈن
نۇر ئىچىدە، جەننەت يولىڭىز

ئەنقەر ئەيسا كۆكيار
2016 يىل 9 ئىيۇن

كەسپىدە، ئەل قەلبىدە ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تالانتلىق ئاۋاز ئارتىسى قەلبىنۇر ئەلنازى ئارىدىن كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدە تەلەپپۇز، ئالاھىدە ھېسسىيات ۋە مېتودلىرى بىلەن ياراتقان ئوبرازلىرى، ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى، ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئۇنىڭغا بېغىشلاپ يازغان «قەلبىنۇر ئاۋازىڭغا ئاخىر زامان يوق» دېگەن شېئىردا ئېيتقىنىدەك، ئۇنىڭ قالدۇرغان ئاۋازلىق مېھنەت مېۋىلىرى رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ۋە شۇنىڭدەك ئەل قەلبىدىن بارغانسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالغۇسى.