قىرغىزىستاندا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەشرىپى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېروزە
2016.10.04
qirghizistan-meshrep-doppa.jpg قىرغىز مەدەنىيىتىگە خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس راخماتۇللا كازىكېيېۋقا ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلىندى. 2016-يىلى 24-سېنتەبىر، قىرغىزىستان.
RFA/Féroze

قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېۋ 2016-يىلىنى «تارىخ ۋە مەدەنىيەت يىلى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋىتى بىلەن 23-25 سېنتەبىر كۈنلىرى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېۋنىڭ رەھبەرلىكىدە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى مەركىزى كېڭەش ئەزالىرى، ئاياللار كېڭىشى ئەزالىرى، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ خادىملىرى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىك مەشرىپىنىڭ يىگىت بېشى، قازىبېگى، پاششاپبېگى، كۆلبېگى، دارىبېگى باشلىق مەشرەپ ئەزالىرى، قىرغىزىستاندا تونۇلغان «ئىنتىزار» ناخشا-ساز ئانسابىلى، «يۇلتۇز» ئۇسۇلچى قىزلار توپى بىلەن بىرلىكتە جالال ئاباد شەھىرىگە مەشرەپ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سەپەرگە چىققان ئىدى.

بۇنداق چوڭ پائالىيەتلەر «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەرىپىدىن بۇرۇندىن قىلىنىۋاتىدۇ. 2013-يىلى «مېكېنىم قىرغىزىستان» دەپ ئاتالغان شوئار بىلەن پۈتۈن قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار كۆپ ساندا ياشاۋاتقان يېزا ۋە ۋىلايەتلەردە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ شۆبىلىرى ئېچىلغان ئىدى. بۇ شۆبىلەر جامائەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشماقتا. مەزكۇر ساياھەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە قىرغىزىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئا. ھاجىيېۋتىن سوئاللار سورىدۇق.

ئۇ: «بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز قىرغىزىستاندا قايسى يەرلەردە ئۇيغۇرلار ياشىمىسۇن، ئاشۇ يەرلەردە ‹ئىتتىپاق› جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىنى تەستىقلاش ۋە ئاشۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرۈشتۇر» دېدى.

24-سېنتەبىر كۈنى جالال-ئاباد شەھىرىدىكى «ئەلانۇر» تويخانىسىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋە جەنۇبىي ۋىلايىتىنىڭ جامائىتى ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەشرىپى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر مەشرەپ ساھىبخانىلىرى جالال-ئاباد ئوبلاستى بىلەن ئۆزگەن شەھىرىنىڭ ئۇيغۇر جامائەتلىرى بولدى. ئۇلار 22-ماي كۈنى بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەشرىپىگە قاتنىشىپ، شۇ كۈنى كېلەركى مەشرەپنى ئۆزلىرىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى مەشرەپ يىگىت بېشى ۋە قازىبەگدىن تەلەپ قىلىپ سوراشقان ئىدى. مەشرەپ بەگلىرى بۇلارنىڭ تەلىپىنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، كېلەركى مەشرەپنى جالال ئاباد ۋە ئۆزگەن شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت بەرگەن ئىدى.

بۇ مەشرەپكە جالال ئاباد ۋىلايىتىنىڭ گۇبېرناتورلۇق خىزمىتىنى ۋاقىتلىق ئۆتەۋاتقان ماماسالى ئاخماتوۋ، شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى تايىربېك چويبېكوۋ، جالال ئاباد ۋىلايىتى خەلق ئاسسامبلېيىسى كېڭىشىنىڭ رەئىسى قۇبانىچبېك خۇدايبېردىيېۋ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش قاتناشچىلىرى كېڭىشىنىڭ ئاقساقىلى سادىربېك قاچقىنبايېۋ، جالال ئاباد شەھىرىنىڭ ھۆرمەتلىك ئاقساقىلى سالى ئاكا تاشبايېۋلار، شۇنداقلا جالال ئاباد شەھىرىنىڭ جامائىتى، جالال ئاباد ۋىلايىتىدىكى قارا-سۇ، بازار-قورغان، سۇزاق ۋە باشقا يېزىلاردىن، ئوش ۋىلايىتىنىڭ ئوش ۋە ئۆزگەن شەھەرلىرىدىن، قەشقەر-قىشلاق ۋە باشقا يېزىلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر ھەم ئۇلار بىلەن بىرگە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 300 تىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېۋ سۆزگە چىقىپ، ئۆز نۇتقىدا مەشرەپ ئەھلىگە سالام يوللاپ، مۇشۇ مەشرەپتىن پايدىلىنىپ جالال ئاباد ۋىلايىتىدە «ئىتتىپاق» نىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرگە تەقدىرنامىلەرنى تاپشۇرۇشقا رۇخسەت قىلغايسىزلەر دەپ ئالىشېر ناسىراخۇنوۋقا قىرغىزىستان خەلق ئاسسامبلېيىسىنىڭ تەقدىرنامىسىنى؛ مۇبارخان ئايىتوۋا، سابىرجان ساتىبالدىيېۋ ۋە روزاخۇن ئىبرايىموۋلارغا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەشەككۈرنامىسىنى تاپشۇردى.

جالال ئاباد ئەھلى مەزكۇر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەشرەپتىن بەك خۇشال بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.

مەشرەپتە قىرغىز رېسپۇبلىكىسىنىڭ مەدەنىيىتىگە خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى راخماتوللا كەزىكېئېۋ قىرغىز ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى توغرىلىق شېئىرلار ئوقۇدى شۇنداقلا رىياسەتچى تەرىپىدىن تەييارلىغان تارىخقا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى توغرا تاپقانلارغا، ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلىندى.

مەلۇمكى «مەشرەپ» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر خەزىنىسى، شۇ سەۋەبتىن مەشرەپنىڭ قانۇن-قائىدىلىرى توغرىسىدا قىرغىزىستان جامائىتى ئىچىدە تونۇلغان، ھۆرمەتلىك ئاقساقاللارنىڭ بىرى، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىداتى ئەكبەرجان باۋۇدۇندىن سورىدۇق.

ئۇ: «مەشرەپ-بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزەلدىن كېلىۋاتقان ئويۇن-تاماشا بىلەن بىرگە خەلقنى ئەخلاققا، تەرتىپكە چاقىرىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر، مەشرەپ ئويۇنى بۇ خەلقنى، بولۇپمۇ ياشلارنى تەرتىپكە بوي سۇنۇشقا، ئەدەپسىزلىك قىلماسلىققا، چوڭلارنى ھۆرمەتلەشكە، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا، ئېڭىنى ئېچىشقا قارىتىلغان ئىجتىمائىي ئويۇندۇر».

بۇنداق پائالىيەتلەر، ئاساسەن، جەنۇبىي تەرەپلەردە ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلىرىمىز ئۈچۈن بەك مۇھىم، چۈنكى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن ئايرىلىپ، ئۆز تىلىمىزنى، تەنتەربىيە، ئەنئەنىمىزنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن، مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.» دېدى.

مەشرەپ بېگى بىلەن قازىبەگ مەسلىھەتلىشىپ، بىشكەك شەھىرىدىكى ئاتاي ئاگانبايېۋا ۋە تېس مەھەللىرىدىن كەلگەن مەشرەپ ئەھلىگە كېلەركى مەشرەپنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.