8-ئاپرېل كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى ئالامېدىن-1 مەھەللىسىدىكى مەدەنىيەت ئۆيىدە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى لېبېدىنوۋكا، نوۋو-پوكروۋكا، كەڭ-بۇلۇڭ، چەت-كۆل، بېلوۋودسكىي يېزا-رايونلىرىدىن، توقماق ۋە قارا-بالتا شەھەرلىرىدىن كەلگەن جامائەت ۋەكىللىرى بولۇپ 270 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىنغا سىياسىي پەنلەرنىڭ نامزاتى رەھىمجان ھاپىز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ، مۇراسىمنىڭ قاتناشچىلىرىغا سالام يوللاپ ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت نادىروۋقا سۆز بېردى. دەسلەپ ئابدۇرېشىت ھاجىم ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇدى، ئاندىن مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ياش ئۆسمۈرلەرگە تارىخنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇنتۇلدۇرماسلىق ئۈچۈن 8-ئاپرېل كۈنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلى قېھرىمان جەڭچىلەردىن 12 ئادەم ھايات ئىدى، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇلار ئارىسىدىكى مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىدىن نۇرمۇھەممەت ھەسەنوف ۋە خەمىت كېنجىبايېف باقى دۇنياغا كەتتى.
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ جامائەتكە سالام يوللاپ، ئۇيغۇر مىللىي ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. ئۇ، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى نامىدىن قەھرىمانلارغا ئالاھىدە سوۋغاتلارنى تاپشۇردى.
ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتنىڭ رەئىسى تۇرسۇن ئىسلام سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۆز دوكلاتىدا مىللىي ئارمىيەنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەش قىلىپ ئۈچ ۋىلايەتنى ئازاد قىلغانلىقىنى سۆزلەپ، مىڭلىغان جەڭچى-ئوفىتسېرلارنىڭ قۇربان بولغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى ۋە شۇنداقلا 8-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن چوڭ بايرام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاندىن «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى روزى مۇھەممەت ئابدۇلباقى ئىختىيارىي سۆزگە چىقتى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغان ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا گۇۋاھ بولغان غەيرەت ھاجىم جاھانۇف ئۆز ھېسسىياتلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
مەزكۇر يىغىندىن پايدىلىنىپ، جامائەت يەنە دىلشات قاسىموفنى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلىدى.