قىرغىزىستاندا قەدىمكى يايلاق مىللەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە ئويۇنلىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد
2014.09.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
kochmen-milletlerning-tenterbiye-musabiqisidin-korunush.jpg كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش
RFA/Azad


ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا يايلاق مىللەتلىرى دەپ ئاتالغان كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ تەنتەربىيە ئويۇنلىرى مۇسابىقىسى 9 - سىنتەبىر كۈنى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل ئوبلاستىدا باشلاندى. مۇسابىقە ئاساسەن چولپانئاتا شەھىرىدىكى بەيگە مەيدانىدا ھەمدە ئىسسىق كۆل ئوبلاستىنىڭ ئەڭ مەنزىرىلىك بولغان «قىرچىن» يايلىقىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى. بۇ مۇسابىقە 14 - سىنتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.

كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ تەنتەربىيە ئويۇنلىرى نامى بىلەن تۈنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ مۇسابىقىگە ئەزەربەيجان، ئاۋسترىيە، ئافغانىستان، گېرمانىيە، ئامېرىكا، تۈركىيە، شۋېتسىيە، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان، بىلارۇسىيە، بىرازىلىيە، لىتۋا، كورىيە، رۇسىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيە، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ھەمدە ئەرەب مەملىكەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە كوماندىلىرىدىن بولۇپ 350 نەپەر تەنھەرىكەتچى شۇنداقلا 250 تىن كۆپرەك مېھمان قاتناشماقچى.

مۇسابىقىنىڭ سەلتەنەتلىك ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايىف كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:

- كۆچمەنلەر ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ بېشىدا تۇرغانلار. دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزگىچە ھەسسە قوشقان مىللەتلەردۇر. ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش بىزنىڭ پەرزىمىز. ئۆز تارىخىنى ۋە تومۇرىنى بىلگەنلەرنىڭ كېلەچىكى پارلاق بولىدۇ.

كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى تۈركى تىللىق دۆلەتلەر باشچىلىرىنىڭ 2012 - يىلدىكى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان ھەمدە تۈنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ تۈرلىرى ئاساسەن كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ تارىختىكى ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىدىن بولغان ئات ئۈستىدە ئېلىشىش، ئوغلاق تارتىش، ئات بەيگىسى، چېلىشىش، قۇش سېلىش، قىز قۇۋار قاتارلىق توققۇز تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۈنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنلىرى مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق قەدىمكى كۆچمەن مىللەتلەر ياشاۋاتقان خىتاي مەملىكىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۈمىكى ئەۋەتمىگەنلىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر نۇقتا بولۇپ قالدى. بىز خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىلىش مەقسىتىدە قىرغىزىستاندىكى پىشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى نازىم قەمبىرىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.