قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تائاملىرى كەڭ ئومۇملاشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2018.03.29
Qirghizistan-uyghur-ashxana-01.jpg قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر رېستورانىدا غىزالىنىۋاتقان قىرغىزلار.
RFA/Feruza

بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تائاملىرى قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى كۆپلىگەن خەلقلەرگە كەڭ ئومۇملىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىللىي يېمەك-ئىچمەكلىرىدىن بولۇپ قالماقتا. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ جۇمھۇرىيەت مىقياسىدىكى ھەر خىل بايراملارغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر تائاملىرىنى داۋاملىق كۆرگەزمە قىلىپ كەلمەكتە.

سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، مۇستەقىل قىرغىزىستاندا پايتەخت بىشكەك شەھىرىنى ئاساس قىلىپ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ۋە رېستورانلىرى ئېچىلدى. خېرىدارلىرى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتقان ئۇيغۇر رېستورانلىرى تائاملىرىنىڭ ئۆزگىچە تەمى، تۈرىنىڭ خىلمۇ-خىللىقى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن داڭ چىقىرىشقا باشلىدى. 

ئۇنىڭدىن باشقا قىرغىزىستاندىن ئۇيغۇر دىيارىغا سودا-سېتىق ۋە ساياھەت بىلەن بارغانلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ مەززىلىك تەمى قىرغىزىستاندىكى ئاشخانىلار بىلەن يەرلىك خېرىدارلارنىڭ ئالاھىدە ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. 

قىرغىزىستان كۆپ مىللەتلىك مەملىكەت بولۇپ، بۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە. تائام مەدەنىيىتى ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر ساھەدۇر. 

ئۇنداقتا، قىرغىزىستانلىقلار ئۇيغۇر مىللىي تائاملىرىنى قانچىلىك بىلىدۇ، ئۇيغۇر مىللىي تائاملىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن قىرغىزىستاندىكى ئومۇملىشىش ئەھۋالى قايسى دەرىجىگە باردى، ئۇنىڭ يەرلىك خېرىدارلار ئارىسىدىكى تەسىرى قانداق؟ 

بىز بۇ سوئاللار ھەققىدە قىرغىزىستاندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ رايىنى بىلىش ئۈچۈن توقماق شەھىرىدىكى ئاھالىلەرگە سوئال قەغەزلەرنى تارقىتىپ، ئىجتىمائىي راي سىناش ئېلىپ باردۇق. بۇ پائالىيەتتە دوختۇرخانا، مەكتەپ، ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىدىكى خادىملار، سودىگەرلەر شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، جەمئىي 630 ئادەمنىڭ پىكرى ئېلىندى. نەتىجىدە سوئال قەغەزلىرىمىزگە جاۋاب بەرگەن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ 87 پىرسەنتى لەڭمەن ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك ئۇن تائام تۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن. ئەمما ئۇلار قىرغىزىستاندا بۇرۇندىن كەڭ تونۇلغان مانتا، سامسا، پولۇ قاتارلىق تائاملارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن تارقالغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى يۈزلىگەن ئاشخانىلاردا مەزكۇر تائاملار تەييارلانسىمۇ، ئەمما بۇلار «ئۇيغۇر تائاملىرى» دەپ ئاتالمىغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى «مىللىي تائاملار» دېگەن كاتېگورىيە ئىچىدە تىزىملىككە ئېلىنغان ئىكەن.

ھازىرقى ۋاقىتتا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ۋە چۇ ۋىلايىتىدىكى يېزا-شەھەرلەردە كۆپلىگەن ئاشخانىلار ئېچىلىپ، ئۇلارنىڭ تاماق تىزىملىكىدە ئۇيغۇر تائاملىرى يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلىمەكتە. 

بىز قىرغىزىستاندىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە بىلىشى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىشكەكتىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا كىرىپ خېرىدارلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئالدۇق. ئۇلار، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ كۆركەم، قۇۋۋەتلىك ۋە ئۆزگىچە لەززىتى بارلىقىنى تىلغا ئېلىشتى. 

بىشكەكتىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا تاماق يېگەن بىر قىرغىز خانىم ئۇيغۇر تائاملىرىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈم قىرغىز بولساممۇ، ئەمما لەڭمەن ۋە ھەر خىل مانتا-سامسا قاتارلىق ئۇيغۇر تاماقلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن. تۇڭگان ئاشخانىلىرىدىمۇ ئوخشاش تاماقلار بار، ئەمما ئۇلار تۈرلۈك دورا-دەرمەكلەرنى كۆپرەك قوشۇۋەتكەچكە، بەزىلەرگە ئانچە ياقمايدۇ. ئۇلار بۇنداق تاماقلارنىڭ تەمى قېرىق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلىرى يېيىشلىك، بەرىكەتلىك ۋە تۇز-تەمى مۇۋاپىق. كۆپلىگەن قېرىنداش مىللەتلەر ئۇيغۇر تاماقلىرىنى يەپ ھۇزۇرلىنىپ كېتىدۇ. مەن ھەممەيلەننى ئۇيغۇر تائاملىرىنى تېتىپ كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىمەن.»
بىشكەك شەھىرىدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا بىر رۇس خانىم ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تاماقلىنىۋاتقان ئىكەن. بىز بۇ ئاشخانىغا كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە بۇ رۇس خانىمنىڭ قىزىنىڭ بوينىغا ئەتلەس ياغلىق ئورىۋالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ لەڭمەننى چوكا بىلەن يەۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. 
بىز ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئۆزىنى ئېلېنا دەپ تونۇشتۇرغان بۇ رۇس خانىم ئۇيغۇر تاماقلىرىنى ئائىلىسى بويىچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆيىدە ھەر قانچە تىرىشقان بولسىمۇ لەڭمەننى ئۇيغۇرلاردەك ئوخشىتالمىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بالىلىرىمىز بىلەن پات-پات ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا كېلىپ تۇرىمىز. ئۇيغۇر تائاملىرىنى بەك ياخشى كۆرىمىز. ئۆيىمىزدە تەييارلايمىز، لېكىن ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭكىدەك ئوخشىتالمايمىز، بىزگە ھەقىقىي ئۇيغۇر لەڭمىنى ۋە ئۇنىڭ لەززىتى بەكمۇ ياقىدۇ.»
مەزكۇر رۇس خانىمنىڭ قىزى ئۇيغۇر تائاملىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن دوست بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ماڭا بۇ ياغلىقنى ياسمىنە ئىسىملىك ئۇيغۇر دوستۇم تەقدىم قىلغان ئىدى. بىز سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ۋە ناخشىلىرىنى ياخشى كۆرىمىز. ھەر خىل مۇراسىملاردا ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىنى ئوينايمىز. چۈنكى ئۇيغۇر ناخشىلىرى شوخ ۋە خۇش ئاۋاز. ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل كىيىملىرى بەك چىرايلىق، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى بولسا بەك ئەۋرىشىم ۋە نازۇك. بىز يەنە ئۇيغۇر دوپپىسىنىمۇ ياخشى كۆرىمىز.»
سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۇلاردىن «لەڭمەننى چوكا بىلەن يېيىشنى نەدىن ئۆگەندىڭلار،» دەپ سورىساق، ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بىز ئۇيغۇر تاماقلىرىنى يەۋاتقاندا، بولۇپمۇ لەڭمەننى يېگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىغا تىرىشىپ، ئۇنى چوكا بىلەن يېيىشكە ئادەتلەندۇق.»

بىشكەك ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ۋە رېستورانلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرنىڭ مىللىي بېزەكچىلىك ئۇسلۇبىدا ياسالغان بولۇپ، ئۇلاردا ئۇيغۇر ناخشا-كۈيلىرى داۋاملىق ياڭراپ تۇرىدۇ. تاملىرىغا تۈرلۈك ئۇيغۇر ماي بوياق رەسىملىرى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى ئېسىلىپ، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.
1950-1960-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن قىرغىزىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تاماقلىرىنى قىرغىزىستانغا تونۇشتۇرۇش ۋە تارقىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

بۇ ھەقتە قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ قىرغىزىستانغا ئومۇملىشىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتى بويىچە، ھازىر قىرغىزىستاندا 60 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سانىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا ۋە شەھەرلەرگە، ئاز قىسمى قاراقول، ئوش، قارا بالتا قاتارلىق شەھەرلەرگە تارقالغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى ياخشى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي تائاملىرى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىدە مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.