بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن «قىش ھېكايىسى» پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىمۇ قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2018.01.08
qish-hekayisi.jpg بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن «قىش ھېكايىسى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى سەنئەت نومۇرى كۆرسەتمەكتە. 2018-يىلى 7-يانۋار، بىشكەك.
RFA/Féruze

قىرغىزىستان قىرغىزىستان مىللىي مۇزىكا زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كگ-تاي سەرگۈزەشتلىرى» دەپ ئاتالغان مۇزىكا پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىنتىزار» ناملىق مىللىي ئۇسۇل ئانسامبىلى قاتناشتى.

قىرغىزىستاندا يېڭى يىللىق مۇراسىملار ئون تۆتىنچى يانۋارغىچە داۋاملىشىش سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە بىر ئەنئەنىگە ئايلاندى. بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن، جۈملىدىن ھازىر قىشلىق دەم ئېلىش مەزگىلى بولغاچقا بالىلارغا بېغىشلانغان كۆپلىگەن كونسېرتلار ۋە پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلماقتا. 7-يانۋار كۈنى قىرغىزىستاننىڭ گۈلىنۇر تويغونبايېۋا سەنئەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «كگ-تاي سەرگۈزەشتلىرى» دەپ ئاتالغان قىشلىق بالىلار سەنئەت پائالىيىتى تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا ھاۋالە قىلىندى. مەزكۇر «قىش ھېكايىسى» دەپ ئاتالغان سەنئەت پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن «ئىنتىزار» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسۇل ئانسامبىلى تەكلىپ قىلىندى. ئانسامبىلنىڭ بەدىئىي رەھبىرى قەلبىنۇر تۇردىيېۋانىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئاتاقلىق سەنئەتكارلار بىلەن مىللىي فىلارمونىيەنىڭ، يەنى مىللىي مۇزىكا ئورنىنىڭ سەھنىسىدە نومۇر ئورۇنداش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە شەخسەن «ئىنتىزار» ئانسامبىلى ئۈچۈن چوڭ بىر ئۇتۇق ھېسابلىنىدۇ. «ئىنتىزار» ئانسامبىلى قازاقىستاندىكى «دولان» ئۇيغۇر مىللىي ئانسامبىلى بىلەن ھەمكارلاشماقتا. مەزكۇر مۇراسىمدا بالىلار ئۇسسۇل يېتەكچىسى بەختىيار ئىمراننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئورۇندىدى.

قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي ئارتىسى ۋە «كگ-تاي» پروگراممىسىنىڭ يېتەكچىسى گۈلىنۇر تويغونبايېۋا بۇ مۇراسىملاردا تالانتلىق بالىلارنى تاللاپ، سەھنىگە چىقىرىپ، مەشىق قىلدۇرۇپ چوڭ سەھنىگە تەييارلاۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. مەزكۇر پروگرامما قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

«ئىنتىزار» ئۇيغۇر مىللىي ئانسامبىلى «كگ-تاي» لايىھەسىگە باشتىلا قاتناشقان بولغاچقا، بۇ قېتىمقى كونسېرتقا ئۇلارمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. بۇ ھەقتە «ئىنتىزار» ئانسامبىلى مەسئۇلى مۇنداق دېدى.

«ئىنتىزار» ئانسامبىلىنىڭ ئەڭ ياش ئۇسسۇلچىسى ئالىيام دەرۋانقۇلوۋا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت مەركەزلىرى، ئۇسسۇل گۇرۇپپىلىرى ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. «ئىنتىزار»، «دىل ساداسى»، «يۇلتۇز» قاتارلىق سەنئەت گۇرۇپپىلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۇسسۇلچى قىز ئالىيامنىڭ ئانىسى ئامىنەم خانىم، مەزكۇر ئۇيغۇر مىللىي ئانسامبىلىدا ئۆسمۈرلەر ئاز-بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە تىلىنى ئۆگىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇرۇلغان مەخسۇس ئانا تىلدىكى مەكتەپ ۋە مىللىي مائارىپ يوق بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز ئانا تىلى، سەنئىتى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى ئۆز ئائىلىسىدە ياكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى تەشكىللىگەن گۇرۇپپىلاردا ئۆگىنىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا. ھۆكۈمەتمۇ بۇنى قوللىماقتا. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنداق تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشماقتا.

قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتى بويىچە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سانىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى مەركىزى ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە قازاقىستاندىن كېيىن ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىر قەدەر ياخشى ساقلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.