ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى قارا داغلار: قىزىل رېجىم ئاستىدىكى قىزىل ئەدەبىيات (2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.04.30
qizil-edibiyat-mao-zedong-305.png كوممۇنىستىك رېجىم ئاستىدىكى قىزىل خىتايدا ماۋ زېدوڭنى ئىلاھلاشتۇرۇپ ئىشلەنگەن ماركا
Public Domain (Wikipedia)

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ 1950 - يىللاردىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدە گەرچە خېلى زور كۆلەمدىكى نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان، مىللىي يازغۇچى - شائىرلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كوممۇنىستىك قىزىل رېجىمنىڭ بېسىمى تۈپەيلى سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ ۋاستىسى بولۇشتەك رېئاللىقتىنمۇ خالىي بولالمىدى.

بۇ جەرياندا بىر تۈركۈم مىللىي ۋىجدانغا ۋە بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە يازغۇچى - شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ زور ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ جارچىسى بولۇشتىن ساقلاندى ياكى قەلەمدىن چېكىنىش يولى بىلەن ئۆز ئىرادىسىنى ساقلىدى. ئەمما يەنە بىر تۈركۈم يازغۇچى - شائىرلار دەۋر شاماللىرىغا ئۇسسۇل ئويناپ قىزىل رېجىمنىڭ سادىق كۈيچىلىرىدىن بولۇپ قالدى.

بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قىزىل رېجىم ئاستىدىكى قىزىل يۈزىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك؟ بۇ مۇرەككەپ قىسمەتلەرگە تولغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا ساقلانغىلى بولمايدىغان خاتا تىياتېرمۇ ياكى ئالاھىدە تارىخىي شارائىتنىڭ مەھسۇلىمۇ؟

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پروزىچىلىقىغا ئاساس سالغان زۇنۇن قادىردەك داڭلىق يازغۇچىلارمۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ زور ئىمكانىيىتى ئىچىدە ئىنساننى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي ھېس - تۇيغۇلىرىنى يېزىشقا، ئەسەرلىرىدە رېئالىزىملىق ئىجادىيەت روھىنى ئىپادە قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن سىياسەتتىن خالىي ھالدا ئەركىن بەدىئىي ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشەلمىدى.

1945 - يىلى يازدا جەنۇبقا چۈشكەن مىللىي ئارمىيە بىلەن ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان، كېيىن ئىلىدىكى ئازاد رايونغا ئۆتۈپ تاكى 1949 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر مۇستەقىل ھاكىمىيەتنىڭ ئەركىن ھاۋاسىدىن نەپەس ئالغان مەشھۇر شائىر نىمشېھىتنىڭ قىزىل تۈزۈم ئاستىدىكى بەدىئىي ئىجادىيەت تېمىسىدىمۇ روشەن ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئۇنىڭ 1946 - يىلى ئىلىدا يازغان «ئالدىدا» ناملىق شېئىرىدا مۇقەددەس دەپ بىلگەن ۋەتەن تۇپرىقى ۋە ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز سۆيگۈسى شىمالى ئالتاي تاغلىرىدىن جەنۇبى قاراقۇرۇمغىچە، شەرقى ئارا يۇلتۇزدىن غەربىي پامىرغىچە بولغان ئۇيغۇر ئېلى چېگرىسى بىلەن چەكلەنگەن بولسا، 1950 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا يازغان «يۈرەك سۆزى» ناملىق شېئىرىدا ئۇنىڭ ۋەتەن ئۇقۇمىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل خىتاي تېررىتورىيىسى «ئانا ۋەتەن» سۈپىتىدە مەدھىيىلەندى.

ياشلىقىدا ئىلىدىكى مىللىي ئىنقىلابنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ ۋاقىتلىق مېۋىسىنى تېتىغان، 1950 - يىللاردا «تۈگىمەس ناخشا» قاتارلىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن تونۇلغان شائىر تېيىپجان ئېلىيوپمۇ 1962 - يىلى «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» ناملىق شېئىرى بىلەن قىزىل رېجىمنىڭ كۈيچىسى سۈپىتىدە سىياسىي چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشتى. ئىلى، چۆچەك ۋىلايەتلىرىدە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇش ۋە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىن قېچىپ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئۆتۈپ كەتكەن بىر شارائىتتا شائىر تېيىپجان مەزكۇر شېئىرىدا «جۇڭخۇا ئېلى» نى «ۋەتىنىم»، «خىتاي كومپارتىيىسى» نى «قىبلىگاھىم» دەپ مەدھىيىلەر ياغدۇردى. شۇ يىللاردا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «يەرلىك مىللەتچى» دېگەن نام بىلەن تەقىپلەنگەن ۋە تارىمغا سۈرگۈن قىلىنغان مەشھۇر ئەدىب زىيا سەمەدى ئامالسىزلىق ئىچىدە قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەندە تېيىپجان ئېلىيوپ «تارىم» ژۇرنىلىدا زىيا سەمەدىگە قارشى «زىيا، ئەدەبىيات - سەنئەت بېغىمىزدا ئۆسكەن شۇم بۇيا» ناملىق سىياسىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

تېخىمۇ ئېچىنارلىقى شۇكى، شائىر تېيىپجان ئېلىيوپ ئالەمدىن ئۆتۈپ 21 يىل ئۆتكەندە، يەنى «5 - ئىيۇل» قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتى مىللەت گەۋدىسى بويىچە يىرىكلەشكەن بىر شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2010 - يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا «تېيىپجان ئېلىيوپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 - يىللىقىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كومپارتىيە سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» ناملىق شېئىردىن بىر كۇپلېتنى شەخسەن ئۆزى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى «جۇڭخۇا ۋەتىنى» گە بولغان سۆيگۈ - مۇھەببىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن غولام ئوسمان زۇلپىقار سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىيەت روھى بىلەن مىللىي ۋىجدانى ئوتتۇرىسىدىكى مەسئۇلىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئېگەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 1960 - ۋە 1970 - يىللاردا مەيدانغا كەلگەن شائىر تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» قاتارلىق شېئىرلىرى ھەققىدە توختالدى.

1980 - يىللاردا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئوقۇغان، بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئابدۇشۈكۈر مەمەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ تېمىدا پىكىر بايان قىلدى.

ئاخىرىدا ئالىمجان ئىنايەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 1960 - ۋە 1970 - يىللاردىكى قىزىل سەھىپىسىگە باھا بېرىشتە شۇ مەزگىللەردىكى ئالاھىدە تارىخىي شارائىتنىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈش لازىملىقىنى، بولۇپمۇ تېيىپجان ئېلىيوپ قاتارلىق بىر تۈركۈم شائىرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە شېئىرىيىتىنىڭ ئىپادىلەش ئىمكانىيەتلىرىگە قوشقان ھەسسىسىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.