«قۇتادغۇ بىلىگ بىبلىئوگرافىيىسى» ناملىق ئەسەر ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.09.23
qutadghu-bilig-bibliographiyisi-ezerbeyjan.jpg ئەزەربەيجاندا نەشىر قىلىنغان «قۇتادغۇ بىلىگ بىبلىئوگرافىيىسى» ناملىق كىتاب
RFA/Erkin Tarim

«قۇتادغۇ بىلىگ بىبلىئوگرافىيىسى» ناملىق يېڭى بىر ئەسەر ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا نەشر قىلىندى. ئەزەربەيجان باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق ئەدەبىياتى كافېدراسى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور رامىز ئاسكەر تەرىپىدىن تەييارلانغان ئەسەردە 20 تىلدا يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىگ» توغرىسىدىكى مەنبەلەرگە ئورۇن بېرىلگەن. 192 بەتتىن تەركىب تاپقان ئەسەردە « قۇتادغۇ بىلىگ» توغرىسىدا ئەزەربەيجان، تۈرك، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار، تۈركمەن، ئەرەب، رۇس، نېمىس، ئىنگلىز ۋە ياپون تىلىغا ئوخشاش 20 تىلدا يېزىلغان 1540 پارچە كىتاب، ماقالە ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىگە ئورۇن بېرىلگەن. بۇلارنىڭ 651 پارچىسى تۈركچە، 254 پارچىسى رۇسچە، 239 پارچىسى قازاقچە، 74 پارچىسى ئۇيغۇرچە، 67 پارچىسى قىرغىزچە، 61 پارچىسى ئىنگلىزچە، 56 پارچىسى ئۆزبېكچە، 46 پارچىسى نېمىسچىدىن تەركىب تاپقان ئىكەن.

كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان پروفېسسور دوكتور رامىز ئاسكەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسەر 11 - ئەسىردە ياشىغان تونۇلغان ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى«قۇتادغۇ بىلىگ» تەتقىقاتى ئۈچۈن زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئىكەن.

بىز كىتاب توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنىڭ بېسىلىشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى جېلىل تۇران ئەپەندى ۋە مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان پروفېسسور دوكتور رامىز ئاسكەر ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

رامىز ئاسكەر ئەپەندى بۇ ئەسەرنى نەشر قىلدۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ يىل ئۇلۇغ ئالىمى ۋە مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىلىدۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى "قۇتادغۇ بىلىگ" تۈرك دۇنياسىنىڭ شۇنداقلا ئىلىم دۇنياسىنىڭ پارلىغان يۇلتۇزى. بۇ "قۇتادغۇ بىلىگ"نىڭ ئىلمىي قىممىتىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەن "قۇتادغۇ بىلىگ" تەتقىقاتىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن مەزكۇر ئەسەرنى نەشرگە تەييارلىدىم.»

ئەسەرنىڭ نەشر قىلىنىشى ئۈچۈن ماددىي ياردەم بەرگەن جېلىل تۇران ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تونۇلغان تۈركولوگ، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تەتقىقاتچىسى رامىز ئاسكەر ئەپەندى 1954 - يىلى ھازىرقى ئەرمېنىيە چېگراسى ئىچىدىكى گۈمرۈ ۋىلايىتىنىڭ ئاماسيا ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1978 - يىلى موسكۋا لومونوسوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1978 - يىلىدىن 1983 - يىلىغىچە ئەزەربەيجان ئاۋازى رادىئوسىدا ئىشلىگەن. 1983 - يىلىدىن 1992 - يىلىغىچە ئەزەربەيجاندىكى گېزىت ۋە ژۇرناللاردا تەھرىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1992 - يىلىدىن 1997 - يىلىغىچە ئەزەربەيجان ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2000 - يىلىدىن باشلاپ ئەزەربەيجان باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە فاكۇلتېتىدا خىزمەت قىلماقتا. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ھەققىدە دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى، «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدە پروفېسسورلۇق ئىلمىي ماقالىسى يازغان رامىز ئاسكەر ئەپەندى ھازىرغىچە كۆپ ساندا خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ، مەخمۇت قەشقىرىنىڭ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ناملىق ئەسىرىنى ئەزەربەيجان ۋە رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ 40 ئەتراپىدا ماقالىسى كۆپ ساندا تەرجىمە ئەسىرىمۇ نەشر قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.