تۈركىيە يۇنۇس ئەمرە كۈلتۈر مەركىزىنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ پەخىرلىك ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» مىسىر دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ ئارخىپخانىسىدىن چىقىرىلىپ دىجىتال تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ياسىلىش ئارقىلىق مىسىرنىڭ بابىل خەلق كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇزېيخانىسىدا كۆزگەزمىگە قويۇلغان.
بۇ ھەقتە تۈركىيە ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەن تۈركىيە يۇنۇس ئەمرە ئېنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى سۇلايمان سەزەر ئەپەندى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
«ئەسەر ھازىر مىسىرنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇزېيلىرىدىن بىرى بولغان مىسىر بابىل خەلق كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، مسىر، تۈركىيە ۋە باشقا جايلاردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. بۇ ھەم ئەسەرنىڭ قوغدىلىشى ھەم تونۇتۇلۇشى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن كېيىن، مىسىرغا زىيارەتكە، ئېكىسكۇرسىيەگە بارغان تۈركلەر بۇ ئەسەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلەيدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھەر يىلى يۈز مىڭلەرچە كىشى زىيارەت قىلىدىغان بىر مۇزېيغا قويۇلۇشى تۈركىي تىللارنىڭ قانچىلىك باي ۋە ئۇزۇن تارىخلىق تىل ئىكەنلىكىنى دۇنياغا كۆرسىتىشتىكى بىر نامايەندىسى.»
سۇلايمان سەزەر ئەپەندى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا بۇ خىزمەتكە كۆپ كۈچ چىقارغان تۈركىيەنىڭ قاھىرەدىكى باش ئەلچىسى ھۈسەين ئاۋنى بوتسالى ئەپەندىگە، مىسىر دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ ئارخىپخانا مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئابدۇنناسىر ھەسەن ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتتى.
ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەن مىسىر بابىل خەلق كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىمان ئىززەتتىن ئىسمائىل ئەپەندى بۇ مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئۆزىنىڭ مۇزېيىدا قويۇلۇشىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن:
«بۇ كۇتۇپخانا ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ كۈلتۈر، ئىلم ۋە دىنىي مىراسلىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا. 11 - ئەسىردە يېزىلغان بۇ ئەسەر ئەڭ قەدىمىي قوليازمىلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ پەقەتلا تۈرك خەلقىنىڭلا ئەمەس، دۇنيا خەلقىنىڭ مەدەنىي مىراسىدۇر. بۇ ئەسەرنى ئەسىرلەر بويى ناھايتى ياخشى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىمىز. تېخىمۇ كۆپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ئەسەردىن پايدىلىنىشىغا مۇزېينىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمەن.»
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، داڭلىق پېيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەلسەپىۋىي ھېكمەتلەر بىلەن تولغان دۇنياۋىي ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قاھىرە نۇسخىسىدىن باشقا ھىرات ۋە فەرغانە نۇسخىلىرىمۇ مەۋجۇت.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قاھىرى نۇسخىسى 1896 - يىلى قاھىرەدىكى ئەينى ۋاقىتتا ھىدىۋ كۇتۇپخانىسى دەپ ئاتىلىدىغان كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرى ئالمان مورتىز تەرىپىدىن تېپىلغان بولۇپ، قاھىرە نۇسخىسىنىڭ رادلوفنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن رۇسىيەگە ئەۋەتىلگەن كۆپەيتمىسى ھازىر پېتېرىسبۇرگ ئىلىملەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئېنىستىتۇتىنىڭ سان پېتىرىسبۇرگ بۆلۈمىنىڭ قوليازمىخانىسىدا ساقلانماقتا.
0:00 / 0:00
