مۇتەخەسسىسلەر: ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغدىماي تۇرۇپ «قۇتئادغۇ بىلىگ» نى تەتقىق قىلىش، شەكىلۋازلىق
2016.05.13
ئەنقەرەدە «قۇتئادغۇ بىلىگ تەتقىقاتى تارىخى» ناملىق ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا خىتايدىن كەلگەن بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارمۇ قاتناشتى. بۇ ھەقتە توختالغان تۈرك مۇتەخەسسىسلەر دائىرىلەرنى «قۇتئادغۇ بىلىگ» كە ئوخشاش ئۆلمەس ئەسەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل مائارىپى ھەققىنى قوغداشقا چاقىرىدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى، تۈركىيە قىرىققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئىقتىساد ۋە مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئورتاق يازغان «قۇتئادغۇ بىلىگ تەتقىقاتى تارىخى» ناملىق ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر ئىدارىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى باشلىقى قۇدرەت بۇلبۇل ئەپەندى، تۈركىيە قىرىققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى ئەكرەم يىلدىز ئەپەندى، تۈركىيە - خىتاي پارلامېنتلىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى باشلىقى راۋزا قاۋاقچى خانىم، خىتاي پروفېسسور خۇ فەنجۇ قاتارلىق كۆپ ساندا مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىش پىلانىنى، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئىقتىساد ۋە مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنىسا جامال خانىم بىلەن تۈركىيە قىرىققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇھەممەت ساۋاش قافكاسيالى ئەپەندى ئورۇنلىغان.
«قۇتئادغۇ بىلىگ تەتقىقاتى تارىخى» ناملىق كىتاب، بىر ئىش پىلانى نەتىجىسىدە يېزىپ چىقىلغان بولۇپ، كىتابىدا قۇتئاتغۇ بىلىگ ناملىق ئەسەر توغرىسىدا تۈركىيەدە، خىتايدا، ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئامېرىكىدا، رۇسىيەدە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ تىزىملىكى ۋە بۇلار ھەققىدە تەھلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر ئەسەر تۈركىيەدە تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە، خىتايدا بولسا خىتايچە نەشر قىلىنغان.
بۇ يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە - خىتاي پارلامېنتلىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى باشلىقى راۋزا قاۋاقچى خانىم كىتاب تونۇتۇش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈرك - ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق مىراسى بولغان قۇتئادغۇ بىلىگ بىلىگ نى تەتقىق قىلىشنىڭ تۈرك - خىتاي مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
راستىنىلا «قۇتئادغۇ بىلىگ تەتقىقاتى تارىخى» ناملىق كىتاب شۇنداق رول ئوينارمۇ؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان. ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور زېكى قايماز ئەپەندى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان تونۇلغان تۈركولوك، پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ۋە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
پروفېسسور دوكتور زېكى قايماز ئەپەندى «قۇتئادغۇ بىلىگ تەتقىقاتى تارىخى» ناملىق ئەسەرنى تونۇتۇش يىغىنى ۋە كىتاب ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ياخشى ئۆتتى. خىتايدىكى، رۇسىيەدىكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى قۇتئادغۇ بىلىگ ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى يىغىپ تەھلىل قىلىپتۇ، مەنچە ياخشى بوپتۇ. خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى گۈلنىسا جامال خانىم يېزىپتۇ. بۇ ئايال ئۈرۈمچى مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى ئىكەن. مەنچە پايدىلىق بىر ئەسەر بوپتۇ.»
تونۇلغان تۈركولوك، پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى «قۇتئادغۇ بىلىگ» كە ئوخشاش ئۆچمەس ئەسەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل ھەققىنى بەرمەي تۇرۇپ، بۇ خىل تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر خىتاي دۆلىتى تۈركلەرنىڭ تارىخىنى، مەدەنىي مىراسلىرىنى تەتقىق قىلسا، تۈركىيە بۇنى قارشى ئالىدۇ. ئەمما بۇ سىياسىي مۇناسىۋەتتە ياكى مەدەنىي مۇناسىۋەتلىرىدە بۇ تارىخى ئابىدىلەرنىڭ مىراسخورلىرى ۋە ئەۋلادلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ھەق ۋە ھوقۇقىنى بېرىشى شەرت.»
ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدا مائارىپ ئېلىپ بېرىش ھەقلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېرىلمەي تۇرۇپ، بۇ خىل تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشنىڭ غەلىتە ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت جەھەتتىن كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشىنى خالايدىكەن، تارىختىكى بۇ بۈيۈك ئەسەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى بېرىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا بۇ بىر شەكىلۋازلىق بولۇپ قالىدۇ. تۈركىيە دۆلىتى بۇ مەسىلىلەردە خىتاينى زورلىشى كېرەك. خىتاي رەھبەرلىرىگە تۈرك رەھبەرلەر ‹سىلەر ‹قۇتئادغۇ بىلىگ›، ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەسىرى دەپ قوبۇل قىلىدىكەنسىلەر، ئەمما مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدا تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمايدىكەنسىلەر› دېيىشى كېرەك.»
تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 20 يىلدىن بېرى داۋاملىق ھالدا بۇ خىل يىغىنلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىگە ھېچقانداق تەسىرى بولمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي دۆلىتى بۇ ئەسەرلەرنى ئۆزىنىڭ دەپ قارايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق بولسىلا بۇ خىل خىزمەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتايدا قۇتئادغۇ بىلىگ تەتقىقاتىنىڭ بەك ئاجىز ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ خىل تەتقىقاتلار كۆپەيسە ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«قۇتئادغۇ بىلىگ تەتقىقاتى تارىخى» ناملىق ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 11 - ماي كۈنى ئەنقەرەدە، 12 - ماي كۈنى قىرىققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا تونۇلغان تۈركولوگلاردىن ياپونىيەلىك پروفېسسور سۈزۈكى تاداشى، پروفېسسور دوكتور پېتىر زىئەمى ۋە پروفېسسور دوكتور كامىل ۋەلى نەرىمانئوغلۇ ۋە «قاراخانىيلار دۆلىتى تارىخى» ناملىق كىتابنى يازغان پروفېسسور دوكتور رېشات گەنچ ئەپەندىلەرمۇ قاتناشتى.