ئالمۇتادا ئابدۇللا روزىباقىيېف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.10.27
A-Rozibaiyef-120-Almata.jpg ئابدۇللا روزىباقىيەف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىغا بەغىشلانغان يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش. 2017-يىل 26-ئۆكتەبىر، ئالماتا، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

26-ئۆكتەبىردە ئالمۇتادىكى دوستلۇق ئۆيىدە دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيېف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

مەزكۇر ئىلمىي يىغىننى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ر. سۇلايمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيۇشتۇردى. مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئالمۇتا شەھىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ، «مىر» نەشرىيات ئۆيى، «تۇران» جەمئىيەتلىك فوندى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى ۋە قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئاكادېمىيىلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەندى. يىغىنغا زىيالىيلار، جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، ياشلار قاتناشتى. 

ئا. روزىباقىيېفنىڭ تەۋەللۇتىنى ئۆتكۈزۈش بويىچە تەشكىلىي ھەيئەتنىڭ رەئىسى، ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئۆمەروفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدا مەخسۇس كومىسسىيە قۇرۇلۇپ، ئابدۇللا روزىباقىيېفقا بېغىشلانغان بىر قاتار پائالىيەتلەرنى بەلگىلىگەن ئىدى. 

بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شاۋكەت ئۆمەروف مۇنداق دېدى: «بىز ئۆكتەبىر ئېيىنى ‹روزىباقىيېف ئېيى› دەپ ئېلان قىلدۇق. ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› نىڭ ھەر بىر سانىدا ئابدۇللا روزىباقىيېف توغرىلىق ناھايىتى ياخشى ماتېرىياللار بېسىلىپ چىقتى. شۇنداقلا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ چوڭ گېزىتى ‹ئالمۇتا ئاخشىمى› گېزىتىدە قازاق تىلىدا چوڭ ماقالە بېسىلدى ھەم ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ پىلانلىرى چۈشۈرۈلدى. بۇنىڭغا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، مۇنازىرىلەر، ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ئەمگەكلىرىنى ئۆگىنىش توغرىلىق كۆپلىگەن پائالىيەتلەر چۈشۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ يەكۈنى 30-ئۆكتەبىردە ئابدۇللا روزىباقىيېف مەكتىپىدە چىقىرىلىدۇ، يەنى بارلىق مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئا. روزىباقىيېف ھاياتىنىڭ ئۈچ ساھەسى بويىچە ئىلمىي-تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ يەكۈنى چىقىرىلىدۇ، يەنە ئۇنىڭ ھاياتى توغرىلىق بەس-مۇنازىرە بولىدۇ ۋە مۇئەللىملەرنىڭ دەرس بېرىش ئۇسلۇبلىرى بويىچە سىنىپ سائەتلىرىنى بەلگىلەيدۇ ۋە تەستىقلايدۇ.»

شاۋكەت ئۆمەروف تەشكىلىي ھەيئەت بەلگىلىگەن پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ، بۇنىڭغا كۆپىنچە ئالىملارنىڭ جەلپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. 

يىغىننى كىرىشمە سۆز بىلەن ئاچقان ر. سۇلايمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ ئىلمىي ئىشلار بويىچە ئورۇنباسارى غالىمجان دۈيسېن قازاقىستاندا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەردە ئا. روزىباقىيېفنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، مۇستەقىل قازاقىستان مەملىكىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئا. روزىباقىيېفنىڭمۇ مۇناسىپ ئورنى بار ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل قازاقىستان خەلقىنىڭ پەرزەنتى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

يىغىننىڭ ئومۇمىي قىسمىدا سۆزگە چىققان ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر ئېرزىن ئۆزىنىڭ «ئا. روزىباقىيېف-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ پەرزەنتى» ناملىق دوكلاتىدا ئا. روزىباقىيېفنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيىتىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر داھىيسى دەپ قارايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرۈشتە، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئۇنىڭ تۆھپىسىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئا. روزىباقىيېف ئۇيغۇر مىللىي مەتبۇئاتنىڭ شەكىللىنىشىگە چوڭ تۆھپە قوشقان سىياسىي ئەربابتۇر. 

يىغىننىڭ ئىككىنچى قىسمىدا سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، «ئا. روزىباقىيېف-دۆلەت ۋە سىياسىي ئەرباب» دېگەن دوكلاتىدا ئا. روزىباقىيېفنىڭ 18-20 ياشلىرىدا ئالمۇتادا مىللىي مائارىپنى، مەتبۇئاتنى، ئەدەبىياتنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە «ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نى قۇرغانلىقىنى، تاشكەنت، سەمەرقەنت، بۇخارا، قوقەن، ئەنجان قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئارىلاپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تاراتقانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا ئۇنىڭ «ئالتىشەھەر-جۇڭغارىيە ئىشچىلىرىنىڭ ئىنقىلابىي ئىتتىپاقى» نى تەشكىللەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرۈش يولىدا كۆپ ئەمگەك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

يىغىندا ئاخبارات تېخنولوگىيىلىرى خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى رۇفات بۇۋدىنوف، ئا. روزىباقىيېفنىڭ پۇبلىستىكىلىق ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە، مائارىپى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ئورۇن ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنگىچە ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغانلىقىنى تەكىتلىسە، «ئۆرلېۇ» ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى رۇسلان ئارزىيېف ئۆز دوكلاتىدا ئا. روزىباقىيېفنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ئەدەبىي تىلىنى قولغا كەلتۈرۈشتە كۆپ ھەرىكەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئا. روزىباقىيېف پۈتكۈل ئۇيغۇرلار بىر سۆزنىڭ مەنىسىنى بىردەك چۈشەنگەن چاغدا، ئۇ سۆزلەر قەتئىي بەلگىلەنگەن مەخسۇس قائىدىلەر ئىچىگە كىرگەن ھالەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ رەسمىيلىشىپ، تۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئا. روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىلمىي-مېتودىكىلىق ئىش بويىچە ئورۇنباسارى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئابىدەم ئاسقاروۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يەنى بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن رۇس پادىشاھى 1916-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا ئاھالىسىدىن ئەرلەرنى «قارا ئىشقا» سەپەرۋەر قىلىش توغرىلىق پەرمان چىقارغان ئىدى. ئەمما بۇنىڭغا قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ خەلقلەر قارشى چىقىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ قارشىلىق رۇس ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىز باستۇرۇلدى. 1918-يىلى بولسا، يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقتى دېگەن باھانە بىلەن قىزىل قوراللىق ئەترەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىنى قىرغىن قىلىشى خەلقتە «ئاتۇ پاجىئەسى» دەپ نام ئالدى. ئەنە شۇ ۋەقەلەردىن كېيىن ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى قوشنا ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئا. ئاسقاروۋا، ئا. روزىباقىيېفنىڭ ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنى يەتتىسۇغا ياندۇرۇپ كېلىشكە تىرىشقانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىستان ھۆكۈمىتى يەتتىسۇغا شىنجاڭدىن 300 مىڭ ئادەمنى كۆچۈرۈپ چىقىشنى كۆزدە تۇتىدۇ ۋە 1920-يىلى مارتتا شىنجاڭغا كومىسسىيە ئەۋەتىلىدۇ. ئۇنى ئا. روزىباقىيېف باشقۇرىدۇ. ئۇ خىتاي تىلىنى بىلگەن ئادەم. نەتىجىدە كومىسسىيە 250 مىڭ ئادەمنى يەتتىسۇغا كۆچۈرۈپ چىقىدۇ». 

يىغىنغا قاتناشقان دوكلاتچىلار شۇنداقلا ئا. روزىباقىيېفنىڭ دۆلەت ۋە سىياسىي ئەرباب سۈپىتىدە مەملىكەت ۋە پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرىدا كۆپ ئىشلىگەنلىكىنى، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى، ئۇنىڭ كۆپلىگەن مىللىي مەسىلىلەرگە، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-ئىملا قائىدىلىرىگە، مىللىي كىملىكىگە ئائىت مەسىلىلەرگە كۆپ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.