سېيىت نادىر ئەپەندى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.09.09
seyit-nadir-iordaniye-1.jpg ئىوردانىيەدىكى ئۇيغۇر سودىگەر، كارخانىچى سېيىت نادىر ئەپەندى
RFA/Shohret Hoshur

ئانا ۋەتىنى شەرقى تۈركىستاننى كۆرۈپ باقمىغان، ئەمما ئانا ۋەتەننىڭ مۇھەببەت ۋە ھەسرىتى 50 يىلدىن بۇيان يۈرىكىدە يېلىنجاپ تۇرۇۋاتقان ئىيوردانىيەلىك ئۇيغۇر سودىگەر سېيىت نادىر ئەپەندى مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلان ۋە غايىلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى 7 پەرزەنتنىڭ چوڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرغا قەدەر ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى قېرىنداشلىرىنى يېتەكلەش ۋە ئەۋلاد يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن ئەمەلىي بىر ئىش قىلىش پىلانى بارلىقىنى ئېيتتى.

ھازىرغا قەدەر 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قاماقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىش پۇرسىتى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن سېيىت نادىر ئەپەندى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئىچىدە ئاكتىپ رول ئېلىشقا روھىي ۋە ماددىي ئىمكانلار جەھەتتىن تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.