قەھرىمانماراشدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2016.11.16
تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئېلانى.
تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان قەھرىمانماراش ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بولغان قەھرىمانماراش شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ قەھرىمانماراش شۇبىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان دوكلات بېرىش يىغىنىدا قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944-يىلى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.
بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى قەھرىمانماراش شۆبىسى رەئىسى كەمال ئەپەندى يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى قەھرىمانماراش خەلقىگە ئاڭلىتىش ۋە بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى يېڭىلاش ئىدى. بۇلاردىن باشقا 20-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ئىدى. دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.»
كەمال ئەپەندى دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «دوكلات بېرىش يىغىنى ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلار دوكلاتنى كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ ئاڭلىدى. بەك تەسىرلەندى. بىز ئەسلىدە دوكلات بېرىش يىغىنىنى 50 مىنۇت ئۆتكۈزىمىز دەپ پىلان تۈزگەن ئىدۇق، ئەمما ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشتى.»
يىغىندا دوكلات بەرگەن دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى يىغىنغا كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، بولۇپمۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىندىن بېرى تۈركىيە جامائەتچىلىكىدە ھەتتا سىياسەتچىلەرنىڭ كاللىسىدىمۇ خىتايلار راستىنىلا ئۇيغۇرلارغا شۇنچىۋالا ئېغىر زۇلۇم ئېلىپ بېرىۋاتامدىغاندۇ؟ دېگەن سوئال پەيدا بولۇپ قالدى. دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى بۇنداق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب نېمە دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.
قەھرىمانماراش شەھىرى 1 مىليون 100 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بولۇپ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇب رايونىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەڭ ياخشى بىلىنىدىغان رايونلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.









