شىۋېتسىيەدە ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىدە سوتۇق بۇغراخان مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
2016.11.17
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 12-نويابىر.
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا تۇنجى بولۇپ مەيدانغا كەلگەن مەسچىتنىڭ نامىنى پادىشاھ سۇلتان سوتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ، مەسچىتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى، شەرقىي تۈركىستاندا 1933- ۋە 1944-يىللىرى 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى بىلەن تەڭ ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىپ، سوتۇق بۇغراخان مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن، ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى.
بۇ قېتىمقى قوش مۇراسىم، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 12-نويابىر كۈنى شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 12:00 دە باشلىنىپ 14:30 دە ئاخىرلاشتى.
مەزكۇر مۇراسىمغا، سىتوكھولمدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇشاۋىرى فاتىخ قاراجا، تۈركىيە تاشقى تۈرك توپلىمىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ۋەكىلى رافېد جاندەمىر، تۈركىيە دىيانەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە قاراشلىق رىنكېبۈي مەسچىتىنىڭ ئىمامى ۋەيسەل قىلىچ، قازاق ئىسلام فېدراتسىيۇنىنىڭ ۋەكىلى مەھمۇد غوجا، فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ۋەكىلى تاھىر ھاجى، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرى، تۈرك تەقۋا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسنىڭ ۋەكىلى، شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ مەسئۇلى، ئىبنى رۇشىد تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ۋەكىلى، يەرۋا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىقلار ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرىدىن بولۇپ 150 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم ئالدى بىلەن رىنكېبۈي مەسچىتىنىڭ ئىمامى ۋەيسەل قىلىچنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن سوتۇق بۇغراخان مەسچىتىنىڭ مەسئۇلى فارۇخ سادىق ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، مەزكۇر مەسچىتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە كۈچ چىقارغانلارنىڭ كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىنى، بۇ مەسچىتنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان سۇلتان سوتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسمىنى بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار يېقىنقى تارىخىدا يەنى 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنلىرى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق ئىسلام جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى ئاڭلاتتى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيارنى زىيارەت قىلدۇق.
ئابدۇللا كۆكيار سۆزىدە مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا كەلگەن مېھمانلارنىڭ خۇشال بولغانلىقى ھەمدە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
مۇراسىمغا قاتناشقان ھەرقايسى تەشكىلات، مەسچىت ئىماملىرى ۋە تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇشاۋىرى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، سوتۇق بۇغراخان مەسچىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۇتۇق بۇغرا مەسچىتنىڭ مەسئۇلى فارۇق سادىق شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئۆتكەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخىدىكى ئەسلىمىلەرنى ئاڭلاتتى.
پائالىيەتكە كەلگەن مېھمانلارنى ئۇيغۇر تائاملىرىدىن، مۇراسىم ئۈچۈن تەييارلانغان نازۇ-نېمەتلەرگە ئېغىز تەگدى، ئاخىرىدا ھەممەيلەن بىرلىكتە قول كۆتۈرۈپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشى ۋە سوتۇق بۇغراخان مەسچىتىنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.









