سەنئەتكار شۆھرەت تۇرسۇن ئىجراسىدىكى ئۇيغۇر مۇقامى تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيەدىكى چوڭ سەھنىدە ئورۇنلىنىدۇ

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-08-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2018-يىل 2-سېنتەبىر سىدنېي رىۋېرسايىد تىياتىر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شۆھرەت تۇرسۇن ئىجراسىدىكى راك مۇقامى كونسېرتىنىڭ ئېلانى. سيدنەي، ئاۋسترالىيە.
2018-يىل 2-سېنتەبىر سىدنېي رىۋېرسايىد تىياتىر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شۆھرەت تۇرسۇن ئىجراسىدىكى راك مۇقامى كونسېرتىنىڭ ئېلانى. سيدنەي، ئاۋسترالىيە.
Social Media

ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىلا تونۇلۇپ قالماي ياپونىيە ۋە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى، مۇقاملىرىنى ئورۇنداپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان شۆھرەت تۇرسۇننىڭ، راك مۇقامىنى «ئۇيغۇر 12 مۇقام فېستىۋالى» دا، ئاۋسترالىيەدە سەھنىگە ئېلىپ چىقىدىغانلىقى خەۋىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى زور خۇشاللىق سۈپىتىدە يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالماقتا.

بولۇپمۇ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلىرىغا قامىلىپ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتى، ئۇيغۇر كىملىكى خىرىسقا ئۇچراۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنىۋاتقان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن، ۋەتىنىدىكى زۇلۇم سەۋەبلىك ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىدىن قايغۇرۇۋاتقان ئۇشبۇ پەيتتە، سەنئەتكار شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ۋەتەندىن يىراق بىر قىتئەدە تەقدىم ئەتمەكچى بولغان بۇ كونسېرتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ھاياجانغا سالماقتا.

خوش ئۇنداقتا ئالدى بىلەن شۆھرەت تۇرسۇننىڭ سەنئەت بىلەن ئۆتكەن پەرقلىق ھاياتى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە، مەرىپەتلىك سەنئەتكارلار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن شۆھرەت تۇرسۇن، كىچىكىدىنلا ئۇيغۇر خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى، مۇقام سادالىرى ئىچىدە چوڭ بولغان. شۆھرەت تۇرسۇننىڭ دادىسى تۇرسۇن ئاكا غۇلجىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر سازەندە ۋە سەنئەت ئۇستازى بولۇپ، شۆھرەت ئۇنىڭدىن 6 يېشىدىلا دۇتار چېلىشنى ۋە مۇقام ئېيتىشتى خەلق ناخشىلىرىنى ئۆگەنگەن. 

شۆھرەت تۇرسۇن كۆپ قىرلىق تالانتى بىلەن كېيىن بېيجىڭ مەركىزى تىياتىر ئۇنىۋېرسىتېتىغا تاللىنىپ، ئىززەت ئىلياس، ئادىل مىجىت، نىجات نىياز قاتارلىق داڭلىق ئۇيغۇر تىياتىر ئارتىسلىرى بىلەن تەڭ قاتاردا تەربىيىلەنگەندىن كېيىن، 1986-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكىگە خىزمەتكە چۈشكەن. 1989-يىلىدىن 1995-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە ياپونىيەدە مۇزىكا كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان ۋە بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەتتا ياپون خەلقىنىڭ قەدىمى ناخشىلىرىنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ ياپونلارنىمۇ مەھلىيا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ياپونىيەدە ئىشلەپ تارقاتقان «12 مۇقام» ناملىق مۇزىكا پلاستىنكىسى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناخشىچىلارنىڭ ئىچىدە ئەينى ۋاقىتتا ئە يۇقىرى تېخنىكا ۋە سۈپەت بىلەن ئىشلەنگەن مۇزىكا پلاستىنكىسى بولۇپ قالغان ئىدى. 

ئۇيغۇر سەنئىتى تەرەققىياتىنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ سىياسىي چەكلىمىلىرىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن شۆھرەت تۇرسۇن، ئاۋازىنى ئەركىن ياڭرىتىش ۋە ئەركىن ياشاش پۇرسەتلىرىنى ئىزدەپ، ئاخىرى 1999-يىلى ئاۋسترالىيەگە ئائىلىسى بويىچە كۆچۈپ چىققان. ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتىن ئىبارەت ئوتتەك ئارزۇ ئۇنىڭ مەيلى قايسى دۆلەتتە ياشىمىسۇن، چىدامچانلىق ۋە ئىجتىھات بىلەن ياشىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.

«ۋەتەندىن، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ مەنبەسى ۋە تۇپرىقىدىن ئايرىلىپ ئوخشىمىغان يەرلەردە ياشاپتىمەن، ئامما سەنئىتىم مەن بىلەن بولغاچ، ماڭا روھى ئوزۇق بېرىپ كەلدى، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، روھۇم، كۆزۈم، ئاۋازىم بىلەن ئۇيغۇر بولۇپ ياشىدىم» دەيدۇ بۇ ھەقتە شۆھرەت تۇرسۇن.

شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى ئۇيغۇرلار مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلدۈرمەي ناۋا قىلغان راك مۇقامىنى ياپونىيە، ئاۋسترالىيە سەھنىلىرىدە بۇ تۇنجى قېتىم نامايان قىلىشى ئەمەس، شۆھرەت تۇرسۇن بىر يېرىم سائەتلىك مەزكۇر كونسېرت ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ھەمكارلاشقان سەنئەتكارلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ بىباھا گۆھىرى، قىممەتلىك تارىخىي مىراسى بولغان مۇقام مۇزىكا سەنئىتىنىڭ مۆجىزىلىك سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلغاندىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋەتەنداشلىرى ئازابتا ئىڭراۋاتقان بىر پەيتىدە، ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى بولغان ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلب يارىلىرىغا مەلھەم بولۇشنى ئويلىماقتا ئىكەن.

ئۇ، ئاۋسترالىيەلىكلەرگە، دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى، ئۇيغۇرلاردىكى تىز پۈكمەس مىللىي روھنى مۇزىكا ئارقىلىق نامايان قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭچە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى گەرچە بۈگۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولسىمۇ، مەيلى دۇنيا ئۇيغۇرلارنى قايسى بىر تەرەپتىن كۈزەتسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىرىنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا ھېچكىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىدەك بىلمىسە كېرەك». 

شۆھرەت تۇرسۇن بىلەن راك مۇقامىنى مەزكۇر فېستىۋالدا ھەمكارلىشىپ ئورۇنداش ئۈچۈن، ئۆزى ياشاۋاتقان ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدىن 500 كىلومېتىرچە يىراقتىكى سىدنېيغا يېتىپ كەلگەن داڭلىق داپچى تاھىر ئىمىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقام ئانسامبىلىنىڭ كەسپىي داپ چالغۇچىسى بولۇپ، مەشھۇر داپچى ئىمىن داپنىڭ ئوغلى بولىدۇ. 

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ياخشى» تەشۋىقاتى قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام ئۆمىكى 2011-يىلى ئاۋسترالىيەگە كېلىپ ئويۇن قويۇش جەريانىدا سىياسىي پاناھلىق تىلەپ ئاۋسترالىيەدە قالغان بولۇپ، ھازىر ئادىلايد شەھىرىدە ياشىماقتا.

بۇ قېتىملىق ئويۇننىڭ ئۆزى ئۈچۈن بەكمۇ ھاياجانلىق بىر سەھنە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن تاھىر ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋەتەندىن، سۆيگەن مۇزىكا كەسپىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان، بۇ قېتىمقى سەھنىنىڭ ئۆزىنى خۇددى سۇدىن ئايرىلغان ھاياتلىققا تەشنا بېلىقنىڭ قايتا سۇغا سەكرىگىنىدەك بىر تۇيغۇغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تاھىر ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇقام ئانسامبىلىدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى پەقەت ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈنلا خىزمەت قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى بولسا خىتاينىڭ يوقاتماقچى بولغان ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى ئىكەنلىكى شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھازىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاشلا قاتتىق باستۇرۇشلارغا ئۇچراپ، لاگېرلاردا زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ شۇ زۇلۇمدا قالغان كەسىپداشلىرى، سەپداشلىرىنىڭ روھى بولۇپ پائالىيەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ كېچىلىكنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتىگە قارشى كۈرەش مەيدانى دەپ بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ بارلىق ماھارىتىنى چىقىرىدىغانغا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:

شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ كامالەتكە يەتكەن ئورۇنداش ماھارىتى، ئىچىدىن ئېتىلىپ چىققان ساپ ئۇيغۇر روھى، چوڭقۇر ئىشتىياق بىلەن ئورۇندىغان خەلق ناخشىلىرى ۋە مۇزىكىلىرى، مۇقاملىرى شۇنداقلا گۈزەل ئىجادىي ناخشىلىرى بىلەنمۇ ئۆز ئاتا كەسپى سەنئەت ساھەسىدە نەتىجە قازانغان كۆپ قىرلىق سەنئەتكار، ئەلۋەتتە «ھەر قانداق زەپەر قۇچقان بىر ئەرنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن بىر ئايال بولىدۇ» دېگەندەك، شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى رامىلە خانىم ئۇنى مەيلى قايسى جايدا ياشىمىسۇن، تۇرمۇشنىڭ ئەڭ قىيىن كۈنلىرىدىمۇ ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان پىداكار ئۇيغۇر ئاياللاردىن. 

ئۇ يولدىشى شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىگە بولغان سۆيگۈسى ۋە پىداكارلىقىغا ھۆرمىتى ۋە قايىللىقىنى. بىلدۈردى:

رامىلە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيانىڭ پۈتۈن يېرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى سەۋەبلىك ئائىلىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ تەسىرىدە يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان روھى ئىنتايىن چۈشكۈن، شۆھرەت تۇرسۇننىڭمۇ قېرىنداشلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇ بولۇپمۇ 5-ئايدا ئانىسىنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن چوڭقۇر ھەسرەتلەنگەن، ئەمما ئۇ چۈشكۈنلەشمىگەن، ئەكسىچە خىتاينىڭ بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىپ يەنە بىر ياقتىن سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئارتىسلارنى ئويۇن قويغۇزۇپ، ئۇيغۇر سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ ئاۋسترالىيە ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئۆز مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىگە مۇراجىئەت قىلغان. بۇ كونسېرت شۇ خىل روھ ۋە ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە روياپقا چىقماقتا ئىكەن.

2018-يىل 2-سېنتەبىر سىدنېي ۋاقتى 4 تە سىدنېي رىۋېرسايىد تىياتىر سارىيىدا شۆھرەت تۇرسۇن ئىجراسىدىكى راك مۇقامى، ئۇيغۇر تارىخىي سەنئەت مىراسى بولمىش مۇقامنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى بۇ چوڭ سەھنىدە تۇنجى قېتىم ئورۇندىلىشىدۇر. ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى تاماشىبىنلارغا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلار قالدۇرغۇسى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت