سابىق سوۋېت ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان

0:00 / 0:00

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي قىسىملىرى ئافغانىستاندا 1979 - يىلدىن تا 1989 - يىلغىچە بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قىلمىشى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ئەيىبلەندى.

بۇ ئارىلىقتا ئافغان ئۇرۇشىغا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بىر قاتاردا كۆپ ساندا ئۇيغۇر جەڭچىلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار مەملىكەتنىڭ ھەر خىل رايونلىرىدا خىزمەت قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى مەخسۇس ئۇيغۇرلاردىن گۇرۇپپا قۇرغان بولۇپ، بۇلار ئۇزۇن مەزگىل مەخپىي تۇتۇلغان ئىدى.

ئافغانىستانغا كىرگەن ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنىڭ بىرى مىنەمجان ئاسىموفتۇر. ئۇ ئافغان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى پارۋان ۋىلايىتىنىڭ باغرام شەھىرى ئەتراپىدىكى سوۋېت ھەربىي قىسمىدا خىزمەت ئۆتىگەن. ئۇ ۋاقىتلاردا باغرامدا سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ چوڭ ھەربىي ئايرودرومى ۋە ھەربىي - ھاۋا كۈچلىرى ئورۇنلاشقان ئىدى.

تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.