مۇتەخەسسىسلەر: «خەن سۇلالىسىنىڭ تۇتۇق مەھكىمىسى قۇرۇپ، غەربىي رايوننىڭ ئىدارە قىلغانلىقى گۇمانلىق»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 60‏-يىلى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى» قۇرۇپ، مەزكۇر رايونغا ھەربىي-مەمۇرى باشقۇرۇش يۈرگۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى.

غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى» قۇرغانلىقى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇر غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ھېچقانداق بىر ئارخىپىدا ئۇچۇرىمايدۇ. بۇ ئۇچۇر پەقەت كېيىنكى خەن ياكى شەرقىي خەن دەۋرىدىكى تارىخچى بەنگونىڭ «خەن تەزكىرىسى»ناملىق ئەسىرىدە ئەڭ بۇرۇن تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەن. ئەمما بەنگو ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى كۆرسەتمىگەن. ئۇنىڭ ئەسىرىدىكى بۇ مۈجمەل ئۇچۇر دەۋرىمىزدىكى مۇنازىرىنىڭ تۈگۈنىگە ئايلىنىپ، كەسكىن سىياسىي كۈرەشلەرگە سەۋەب بولۇپ كەلدى.

خەن سۇلالىسىنىڭ «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى» ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولغانمۇ ياكى بىر سىياسىي يالغانچىلىقمۇ، دېگەن بۇ سوئال 1980‏-يىللاردا ئۇيغۇر تارىخچىلار بىلەن خىتاي تارىخچىلار ئوتتۇرىسىدا كەسكىن مۇنازىرە قىلىنغان. ھۆكۈمەت مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر ھېچقانداق بىر ئارخېئولوگىيەلىك دەلىل تاپالمىغان ئىدى.

مەزكۇر مەسىلە يېقىندا يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ تارىخ، ئارخېئولوگىيە، مىللەتشۇناسلىق تەتقىقات ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر 8‏-دېكابىر كۈنى كورلانىڭ بۈگۈر ناھىيىسىدە 2 كۈنلۈك يىغىن چاقىرىرىپ، مەزكۇر مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان. خەۋەردە خىتاي تەتقىقىقاتچىلىرىنىڭ «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى» نىڭ ئورنى بۈگۈردە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئورنىنى تونۇش مەسىلىسىدە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن خەۋەردە بۈگۈردىكى قايسى خارابىلىكنىڭ ئۇنىڭ ئورنى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ قانداق ئارخېئولوگىيەلىك ئىلمىي دەلىللەرگە تايانغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

چەتئەلدىكى بەزى تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى بىھۇدە ئاۋارىچىلىك ئىكەن. ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق خىتاي تارىخچى جۇ شۆيۈەن ئەپەندى، «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى» دېگەننىڭ قەغەز يۈزىدىكى ئىىسىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەۋجۇت بىر ئورگان ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ خىل تارىخ چۈشەنچىسى كۈلكىلىك ئىكەن.

جۇ شۆيۈەن مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ دەۋردە خەن سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى بەلكىم شىمالدا ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىدىكى جايلارغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئادەم سانىمۇ ناھايىتى ئاز بولغان. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگىنى يوق. ھېچقانداق باجمۇ يىغىپ باقمىغان. ئاتالمىش ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ بىرىنچى ئامىلى خەلق ئۇلارغا باج تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇنى ھۆكۈمرانلىق قىلدى، دەيمىز. ئەگەر سەن بىر يەرگە دەسسەپ قويۇپلا بۇ يەر مېنىڭ دېسەڭ، ئەنگىلىيەلىكلەرمۇ خىتايغا كەلگەنغۇ. شۇنداق بولسا خىتاينى ماركوپولونىڭ، ئىتالىيەنىڭ دېسەك بولامدۇ؟ ماركوپولو خىتايغا كەلگەنغۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ دەۋاتقانلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي قىممىتى يوق. كىشىلەر ۋە خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى بېرىپ-كېلىشنى خىتاينىڭ زېمىنى دېيىشكە دەسمايە قىلىپ كۆرسىتىش كۈلكىلىك.»

خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ ئورنى بۈگۈردە» دېگەن خۇلاسىغا كېلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىدىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىپ، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن، مائارىپ ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى پەرقلىق پىكرى بار ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى باستۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە ئېلان قىلىندى.

خىتاي كومپارتىيەسى بۇ يىل 8‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ،«شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» نى مۇزاكىرە قىلغان. يىغىندا خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشىنىڭ رەئىسى، «شىنجاڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى يۈ جېڭشىڭ سۆز قىلىپ، «شىنجاڭدا تارىخ، مىللەت، دىن، مەدەنىيەت مەسىلىلەردىكى خاتا چۈشەنچىلەرنى تازىلاش» نى ئوتتۇرىغا قايغان.

ئۇنىڭ سەل ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «ئارخېئولوگىيە ئىلمى ‹شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى› ئىكەنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى يىپپەك يولى مەدەنىيەت تتەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار بارات خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ ئورنىنى تاپتۇق» دېگىنى ھېچقانداق ئىلمىي تارازىدا توختىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «بۇلار ئىلمىي جەھەتتىن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. لېكىن بۇلاردىكى مەقسەت پەقەت ئۆزىنىڭ تېرىتورىيەسىنى كېڭەيتىشكە، مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە تارىخىي ئاساس ھازىرلاشقا ئۇرۇنۇشتۇر. شۇڭا بۇنىڭ ئىلمىيلىقى ھېچقانداق تارازىدا توختىمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق دەيدىغان بولساق، ئۆز ۋاقتىدا چاڭئەن ياكى لوياڭدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ‹تۇتۇق مەھكىمىسى قۇردۇق›، پۈتۈن غەربىي رايون،(داشى)، پېرىسىيە ھەممىسى مۇشۇنىڭغا كىرىدۇ، دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداق بولسا، ئىران ۋە ئەرەب زېمىنلىرىمۇ خىتاينىڭ پارچىسى بولۇپ قالمامدۇ. بۇ ئولتۇرۇپ يېزىۋالسا بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئەمەلىيەت ۋە تارىخىي پاكىتقا قارايدىغان گەپ. ھەقىقەتكە قارايدىغان گەپ.»

دوكتور قاھار باراتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىرغا قەدەر «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى» دەيدىغان بۇنداق ئورۇننىڭ ئارخېئولوگىيەلىك ئىزى تېپىلىپ باقمىغان. ئۇ، «بار بىلەن يوق ئارىسىدىكى بۇنداق بىرنەرسىنىڭ ھېچقانداق ئارخېئولوگىيەلىك ئىزى» قالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قاھار بارات مۇنداق دېدى: «تارىخ كىتابلاردا 60-يىللىرىدىن باشلاپ، تۇتۇق مەھكىمىسى، جاڭچيەن دېگەن گەپلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئىشقا دىققەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخچىلىرىمۇ بۇ قانداق ئىش، دەپ قاراشقا باشلىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ خەن تەزكىرىسىدە يېزىلغان بىر ھېكايە ئىكەن. بۇ پەقەت بىر تارىخ كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تەرەپلىمە قاراش. بۇنى ئارخېئولوگىيەلىك پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانمىسا بۇنىڭ قىممىتى يوق. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇنىڭغا زور كۈچ ئاجرىتىشىدىكى سەۋەب بۇ.»

خىتاي تارخىچى جۇ شۆيۈەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تارىخىي قارىشىدا ئېغىر شوۋېنىزىملىق خاھىش بار ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كومپارتىيەنىڭ شۇنداق بىر ئىدىيىسى بار، ئەزەلدىن تارتىپ خىتاي زېمىنى دەيدىغان. ئەزەلدىن تارتىپ خىتاي زېمىنى دەيدىغان بۇ سۆز قۇرۇق گەپ. ھازىرقى شەرقىي شىمالدىكى ۋىلادىۋوستوك بۇرۇن جۇرجىنلارنىڭ ماكانى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى شۇ يەردە باش كۆتۈرگەن. ئۇ ھازىر رۇسىيەنىڭ زېمىنى. ئەگەر ئەزەلدىن تارتىپ خىتاي زېمىنى بولسا، نېمە ئۈچۈن رۇسىيەگە بېرىپ، بۇ يەر ئەزەلدىن بىزنىڭ زىمىنىز، دېيەلمەيدۇ. ئالياسكا بۇرۇن رۇسىيەگە قارايتتى. كېيىن بۇ يەرنى ئامېرىكىغا سېتىپ بەرگەن. بىز ئالياسكا ئەزەلدىن رۇسىيەنىڭ زېمىنى دېمەيمىز.»

جۇ شۆيۈەننىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي تارىخ مەسىلىلىرىدە قەدىمكى زاماندىكى سۇلالىلەر بىلەن بىلەن ھازىرقى زاماندىكى ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى ئۆز ئارا بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ تاشلىماقتىكەن.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلار خىتاي تارىخىدىكى ئاتالمىش «مەركىزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى باشقۇرۇشى»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭدا يېتەكچى مەدەنىيەت ئېقىمىغا ئايلىنىشى» ۋە «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ ئورنى» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن شەرھلەپ ئۆتكەن.

بۇ يىغىنغا خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى، خىتاي دۆلەتلىك مۇزېيى، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورگانلاردىكى تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان.