تارىخىي شەخس بايانچۇر ئۇيغۇر تىياتىرى سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.11.20
quddus-ghojamyarof-jumhuriyetlik-uyghur-muzikiliq-tiyatiri-305.jpg قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق تىياتىرى. 2011-يىلى دېكابىر، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن تارىخىي شەخس، 8-ئەسىردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ شاھزادىسى بايانچۇرنىڭ ئوبرازى دەسلەپكى قېتىم ئۇيغۇر مىللىي سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە مۇستەقىل تەتقىقات يۈرگۈزۈپ، مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە بىر قاتار سالماق ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان پروفېسسور ئابدۇللام سامساقوفنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئەنە شۇ نام بىلەن ئاتالغان تارىخىي دراما قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا قويۇلدى. تىياتىر رېجىسسورى ئەزىزجان ئىسكەندەروف سەھنىلەشتۈرگەن مەزكۇر ئەسەر شۇ دەۋىر روھىنى يورۇتۇشقا، يىراق ئۆتمۈشتىكى ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ ئوبرازلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە بېغىشلانغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەسەر ئاپتورى ئابدۇللام سامساقوف ھەم مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور بەھرەم غىلاۋىدىنوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.