تاتار ئالىمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىخىي ۋەقەلەر ھەققىدىكى بايانلىرى (2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-12-11
Share
sherqiy-turkistan-jumhuriyiti-milliy-armiye-chong-ofitserliri-ghulja.jpg شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ چوڭ ئوفىتسىرلىرى، غۇلجا، ۋاقتى ئېنىق ئەمەس
RFA/Oyghan

تاتار ئالىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر يېرزىن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 30 - ۋە 40 - يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىققا كەلگەن تارىخىي ۋەقەلەر شۇنىڭدەك بۇ رايوندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ پەقەت ئۇيغۇر مىللىي تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدىمۇ چوڭقۇر ئىز قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ سۆھبەت داۋامىدا، خەلقنىڭ ئادالەتسىزلىككە قارشى كۈرەشلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىڭ شىسەينى ھەربىي، مەمۇرى ۋە مالىيە جەھەتتىن قوللاپ يەرلىك خەلقلەرنىڭ تونۇلغان زىيالىيلىرىنى، بايلىرىنى باستۇرۇشىغا ياردەملەشكەنلىكىنى، شىڭ كوممۇنىزمدىن يۈز ئۆرۈگەندىن كېيىن، خەلق ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىش مەيدانىغا ئۆتىۋېلىپ، ئاخىرىدا خەلق ھاكىمىيىتىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ تارىخچى مۇنىر يېرزىن بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت