ئاۋسترالىيىدىكى «تەڭرىتاغ ئانىلار گۇرۇپپىسى» خانىم - قىزلار مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جۈمە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە «تەڭرىتاغ ئانىلار گورۇپپىسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خانىم - قىزلار مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۈتكۈزۈلدى.

پائالىيەتتە ئۇيغۇر تىلى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەييارلىغان سەنئەت نۇمۇرلىرى، دىنى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە زىھىن سىناش مۇسابىقىلىرى، ئانىلارنىڭ شېئىر دىكلاماتسىيەلىرى ۋە ئەڭ گۈزەل ئۇيغۇر مىلليىچە كىيىم مودىل تاللاش مۇسابىقىسى ۋە باشقا ئەھمىيەتلىك تۈردىكى پائالىيەتلەر 200 گە يىقىن خانىم - قىزلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلىپ بېرىلدى. بۇ كېچىلىككە تاتار، ئۆزبەك خانىملارمۇ قاتناشقان بولۇپ، تاتار خانىملار ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.

پائالىيەتتە پېشقەدەم ئانىلاردىن رابىيە ئانا سۆزگە چىقىپ ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

تەڭرىتاغ ئانىلار گۇرۇپپىسىنىڭ بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يولتۇز خانىم، ئاينۇر خانىملارنى زىيارەت قىلدۇق.

پائالىيەت باشتىن - ئاخىر ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ، تەڭرىتاغ ئانىلار گورۇپپىسىدىكى خانىم قىزلار مۇشۇنداق مول مەزمۇندىكى پائالىيەتلەرنى بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.