تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە تۇرۇپ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر شاھىت ئۆزىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى قېچىش ھېكايىسىنى مۇنداق باشلىدى:
- بىز تايلاندتا بەش-ئالتە ئايچە تۇرۇپ قالدۇق. شۇ جەرياندا تايلاند ساقچى تەرەپنىڭ 400 دەك ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۇتۇپ لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇق. ھەر جەھەتتىن ئېھتىيات قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇق. شۇنداقتىمۇ كۈندىلىك ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىمىز، بىر ئامال تېپىشىمىز كېرەك ئىدى. يۇيۇنۇپ-تارىنىپ، ساياھەتچى شەكلىدە كىيىم كىيىپ كوچىلارغا چىقىپ تۇردۇق. چۈنكى تايلاند بىر ساياھەت دۆلىتى بولغاچقا دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆپ ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن يۈرۈش-تۇرۇش ۋە كىيىم كېچەكلىرىمىزنى ساياھەتچى پوسۇنىغا ئوخشىتىپ كىيىپ، پاسپورتسىز يۈرۈۋەردۇق. تايلاندتىن باشقا ئەللەرگە كېتىش مۇمكىنچىلىكىنى تاپالمىغاچقا، ئاخىرى مالايشىياغا بېرىش قارارىغا كەلدۇق.
شۇنداق قىلىپ، يەنە قاچاق يوللار بىلەن مالايشىياغا قاراپ ماڭدۇق. 400 نەچچە قېرىندىشىمىز تۇتۇلۇپ قالغان تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى ئورمانلىقلاردىن يوشۇرۇنچە ئۆتتۇق. يېنىمىزدا چەتئەللەردىكى قېرىنداشلار ياردەم قىلغان ئاز-تولا پۇللىرىمىز بار ئىدى. مالايشىيا تەۋەلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن «ئادەم قاچاقچىلىرى» بىزنى ئۈستى يېپىلغان ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ ماڭدى. ئەپسۇسكى، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاپتوموبىللار يول بويىدا توختىۋالدى. بىز ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن توختاپ قالغانلىقىنى سورىساق، باشقا باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ماڭغىلى ئۇنىمىدى. كۆڭلىمىزگە گۇمان چۈشۈپ نېمە قىلارىمىزنى بىلمەي تۇرساق، ئالدىمىزدىن تۇيۇقسىزلا ساقچى ماشىنىسى پەيدا بولۇپ بىزنى قورشىۋالدى. شۇ مىنۇتلاردا ئاندىن «ئادەم قاچاقچىلىرى» بىلەن ساقچىلارنىڭ تىلى بىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. مەن ھاجەتكە كىرىمەن دېگەننى باھانە قىلىپ ھاجەتخانىدا يېنىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى 1000 دوللار پۇلنى ئايىغىمنىڭ پېتىكى ئاستىغا يوشۇردۇم. 100 دوللار پۇلنى ئايرىپ يانچۇقۇمغا سالدىم. ساقچىلار بىزنى ئايرىم-ئايرىم ئاختۇرۇپ، يانچۇقىمىزدىكى پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋالدى. بىللە ماڭغان بىر قېرىندىشىمنىڭ 2000 دوللار پۇلىنى ئېلىۋالدى. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە يانچۇقۇمدىكى 100 دوللارنى ئالدى-دە، ھەممە يېرىمنى ئىزدەپمۇ ئايىغىم ئىچىدىكى پۇللارنى تاپالمىدى. مالايشىيا ساقچىلىرى بىزنى تۇتۇپ، ھەممە پۇل-پۈچەكلىرىمىزنى مۇسادىرە قىلىپ قۇپ-قۇرۇق قىلىپ قويغاندىن كېيىن، بىزنى تاشلاپ كېتىپ قالدى.
تايلاندنىڭ جەنۇبىي قىسمى مۇسۇلمانلار رايونى بولغاچقا ئادەتتە سەزگۈر رايون ھېسابلىنىدىكەن. قوراللىق ساقچىلار يول ئېغىزلىرى ۋە مۇھىم جايلارنى تىنىمسىز چارلاپ تۇرىدىكەن. بىز 3-4 تىن بولۇپ بۆلۈنۈپ مېڭىپ، ئامان-ئېسەن مالايشىيا چېگراسىغا كىرگەن بولساقمۇ، لېكىن مالايشىيا ساقچىلىرى يانچۇقلىرىمىزنى پۈتۈنلەي قۇرۇقداپ قويدى. مالايشىيا گەرچە مۇسۇلمان دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلىرىدا پارىخورلۇق ئېغىركەن. مالايشىيانىڭ ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قوشنا دۆلەت تايلاند بىلەن سېلىشتۇرغاندا مەلۇم پەرقلەر مەۋجۇتكەن. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، گەرچە تايلاند بۇددىست بىر دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ سۈپىتى مالايشىيادىن يۇقىرى ئىكەن.
شۇنداق قىلىپ مالايشىيادىكى مۇساپىرلىق ھاياتىمىز باشلاندى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ پۇلسىزلىق، موھتاجلىق ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قاتتىق قىسىلىشقا ئۇچرىدۇق. ۋاقىت قانچە ئۇزارغانسېرى مالايشىيادىن تۈركىيە ياكى باشقا ئەركىن دۆلەتلەرگە كېتىشىمىزنىڭ شۇنچە قىيىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا ئىمكانىيىتىمنىڭ يېتىشىچە تەۋەككۈل قىلىشقا نىيەت قىلدىم.
ئۇ، قېچىش ھېكايىسىنى مۇنداق داۋام قىلدى:
- ئاخىرى 300 دوللارغا بىر دانە ساختا تۈركىيە پاسپورتى سېتىۋالدىم. قېشىمدا قالغان بار-يوق پۇللىرىمنىڭ ھەممىسىنى يىغىشتۇرۇپ ئىستانبۇلغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى ئالدىم. بۇ مېنىڭ ھىجرەت سەپىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى دەسمايەم شۇنداقلا تەۋەككۈل قىلىپ بېقىش يولىدىكى ئاخىرقى ئۇرۇنۇشۇم ئىدى!... شۇنداق، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، كۇئالالامپۇر خەلقئارا ئايرودرومىغا قەدەم باستىم. مەن شۇ مىنۇتلاردا ئەگەر پاسپورت كونترولىدىن ئاما-ئېسەن ئۆتۈپ كېتەلىسەم، ئەركىن دۇنياغا پەرۋاز قىلىدىغانلىقىمنى، ئەگەر تۇتۇلۇپ قالغان تەقدىردە مالايشىيا تۈرمىسىگە تاشلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىمنى ئويلىدىم. بۇ ئويلىرىم ماڭا تەسەللى ۋە كۈچ بەردى.
ئەپسۇسكى، پاسپورت كونترولىدا قولۇمدىكى ساختا تۈركىيە پاسپورتى كومپيۇتېرغا سۈركىلىشى بىلەنلا سىگنال بېرىپ ساختىلىقى بىلىنىپ قالدى. ساقچى مېنى بىر ئىشخانىغا باشلاپ كىرىپ، بىرنەرسىلەرنى سورىدى. مەن چۈشەنمىدىم دەپ باش چايقاپ تۇرۇۋالدىم. ئاخىرى ساقچى باشلىقى قولۇمدىكى ئايروپىلان بېلىتىنى يىرتىپ ئىككى پارچە قىلىپ پاسپورت بىلەن بىللە قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى ھەمدە سىرتقا چىقىرىۋەتتى. مەن ئۇلارنىڭ مېنى تۈرمىگە سالمىغانلىقىغا ھەيران بولدۇم. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بۇ يەردە لاغايلاپ يۈرسەم بولمايتتى. ئۇدۇلۇمدىكى بىر كومپيۇتېر ئالدىدا بېشىغا ياغلىق سالغان بىر مالايشىيالىق قىزنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئىچىمدە ئاللاھغا يالۋۇردۇم، ئاسانلىق بېرىشنى تىلىدىم. مەن قىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم!» دەپ سالام بەردىم ۋە: «بېلىتىم ئېھتىياتسىزلىقتىن يىرتىلىپ كەتتى!» دېدىم. قىز قولۇمدىكى پاسپورت بىلەن يىرتىق بېلەتنى ئېلىپ بىر قارىغاندىن كېيىن، خۇددى ھەممىنى چۈشەنگەندەك ماڭا يېنىككىنە بىر كۈلۈمسىرىدى-دە، ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسىدىن بىرنى بەردى. كۆز ئالدىمدا مۆجىزە يۈز بەرگەندەك تۇرۇپلا قالدىم. قىز ئىنگلىزچە سۆزلەپ: «تېز بولۇڭ، ھازىر سائەت 12:00 نىڭ ئايروپىلانى ئۇچىدۇ!» دېدى.
مەن دەرھال ھاجەتخانىغا كىرىپ كىيىمىمنى يۆتكىدىم-دە، پاسپورت كونترولىغا ئىككىنچى قېتىم باردىم. ئەپسۇس، پاسپورتۇم كومپيۇتېرغا تېگىشى بىلەن يەنە سىگنال بەردى. ئەتراپقا بەش-ئالتە ساقچى يىغىلىپ، مالاي تىلىدا بىرنېمىلەرنى دېيىشكىلى تۇردى. ئىچىمدە ئاللاھدىن ئاسانلىق تىلەپ توختىماستىن دۇئا قىلىپ تۇردۇم. شۇ ئارىلىقتا ياغلىق سالغان بىر ئايال ساقچى پەيدا بولدى. بەلكىم باشلىقى بولسا كېرەك. ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا ماڭا بىرنېمىلەرنى دېدى-دە، پاسپورتۇمغا تامغا باستى. مەن شۇ مىنۇتتا پاسپورتۇمغا قارا تامغا بېسىلىپ، ئىككىنچى قېتىم رەت قىلىنغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ھالبۇكى، ئايال ساقچى مېنىڭ ئايروپىلانغا چىقىدىغان تەرەپكە مېڭىشىمنى ئىشارەت قىلدى. مەن مەڭدىگەن پېتىم ئىچىگە كىردىم. ئوڭۇممۇ ياكى چۈشۈممۇ بىلمەيمەن، پاسپورت كونترولىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدىم. ئاللاھغا توختىماي دۇئالار قىلىپ ھەمدۇسانىلار ئېيتتىم!...
ئايروپىلان كۈتۈش زالىدىن پويىزغا چىقىپ بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇچۇشقا تەييارلىنىپ تۇرغان ئايروپىلاننىڭ قېشىغا بارىدىكەنمىز. پويىزدىن چۈشۈپ، ئايروپىلان شوتىسىغا دەسسەي دەپ تۇرسام مالايشىيا ئىستىغباراتىنىڭ ئىككى نەپەر ئالاھىدە خادىمى تۇيۇقسىز ئالدىمدا پەيدا بولۇپ مېنى توستى. بەدىنىمدىن مۇزدەك تەر چىقىپ كەتتى. ئۇلار مېنىڭ پاسپورتۇمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ۋۇجۇدۇمدىكى ئاخىرقى كۈچ-ماغدۇرۇممۇ غايىب بولدى. شۇ مىنۇتلاردا ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر يۆلەنچۈكۈم ۋە باشپاناھىمنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلدىم. ئۇلار بىر ھازادىن كېيىن مەندىن: «سىز مۇسۇلمانمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن «ئەلھەمدۇلىللا، مۇسۇلمانمەن!» دېدىم. ئۇلار گەپ-سۆز قىلماستىن مېنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىمنى ئىشارەت قىلدى. ئاللاھغا شۈكرىلەر ئېيتىپ ئايروپىلانغا چىقتىم. بۇ تاسادىپىيلىققا قاراڭ! ئايروپىلاندا تايلاند ۋە مالايشىيادىكى مۇشەققەتلىك قاچقۇنلۇق كەچۈرمىشلىرىدىن كېيىن ئىشلىرى توغرىلىنىپ تۈركىيەگە ئۇچقان 89 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بار ئىكەن. مەنمۇ ئۇلارنىڭ بىرى بولۇپ قوشۇلدۇم. ئايروپىلان ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە يىللارچە تارتقان مۇشەققەتلىك كۈنلىرىمىز، ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى قاچقۇنلۇق كەچۈرمىشلىرىمىز ئارقىمىزدا قەپ قالدى.
(تۈگىدى)
