مەلۇمكى، 1916-يىلى 25-ئىيۇن كۈنى رۇسىيە چار پادىشاھىنىڭ 19 ياشتىن 43 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەر كىشىلەرنى لاشمانلىققا، يەنى قارا ئىشقا ئېلىش توغرىلىق پەرمانىغا قارشى يەتتىسۇدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە بۇ ئۇرۇشتا چوڭ چىقىملارغا ئۇچراۋاتاتتى. رۇس ئەسكەرلىرىنى كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك، ئوق-دورا، زاۋۇتلارنى يېقىلغۇ، قورال-سايمانلار بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنى تېخىمۇ تېز ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە چىقىرىلغان بۇ پەرمان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ بېشىغا ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئېلىپ كەلدى. شۇ جۈملىدىن ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيىلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىنمۇ مىڭلىغان ئادەم مەجبۇرىي تىزىمغا ئېلىنىپ، رۇسىيەنىڭ ھەر خىل رايونلىرىدىكى ئېغىر ئىشلارغا ئەۋەتىلدى. قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقەگە ھۆكۈمەت دەرىجىسىدە ئەھمىيەت بېرىلىشكە باشلىدى. چار پادىشاھنىڭ پەرمانىغا قارشى نارازىلىقلار مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەت دەپ ئاتىلىپ، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئەمگەكلەر ۋە بەدىئىي ئەسەرلەر يېزىلدى.
يېقىندا ئالماتادىكى «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن ئابدۇلجان بەرايېفنىڭ «توخنىياز باتۇر» ناملىق ھۆججەتلىك پوۋېستى نەشر قىلىندى. ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قازاق ۋە باشقىمۇ مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە چار رۇسىيەنىڭ سىياسىتىگە قارشى يۈرگۈزگەن كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن.
چار پادىشاھىنىڭ 1916-يىلى 25-ئىيۇندا ئەرلەرنى لاشمانلىققا ئېلىش توغرىلىق پەرمانىنىڭ چىقىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچىيىپ، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان يەتتىسۇ ۋىلايىتى بۇ قارشىلىقنىڭ چوڭ مەنبەلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. يەتتىسۇ ۋىلايىتىنىڭ نارىنقول ۋە چارىن رايونى ئەتراپىدىكى قارقارا دېگەن جايدا باشلانغان قوزغىلاڭ ئۇيغۇرلار جايلاشقان چوڭ ئاقسۇ، ئاۋات، دولاتا يېزىلىرىغىمۇ قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يەردە كۆتۈرۈلگەن ئاھالىگە توخنىياز غوجامنىيازوف رەھبەرلىك قىلغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئابدۇلجان بەرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، خەلق ئارىسىدا كەڭ تارالغان «ئاسماندىكى ئاي قايدا، ئاقسۇ دېگەن جاي قايدا؟ كۆپنىڭ كۆز نۇرى بولغان، توخنىياز باتۇر قايدا؟ توخنىياز دېگەن باتۇر، قايقا ئۈستىدە ياتۇر. كۆپنىڭ سۆزىنى سۆزلەپ، ئۆز بېشىنى يەپ ياتۇر» دېگەن قوشاقلار ئەنە شۇ شەخسكە بېغىشلانغاندۇر. ئا. بەرايېف توخنىيازنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا چار رۇسىيەگە قارشى ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغان تارىخىي نامايەندە ئىكەنلىكىنى، بۇ شەخس ھەققىدە يىگىرمە يىل مابەينىدە ئىزدەنگەنلىكىنى ھەم بۇنىڭغا بەزى ئەمگەكلەرنىڭمۇ ئاساس بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچى، قۇرماش خۇدايبېرگېنوفنىڭ «توخنىياز» دېگەن كىتابى. قۇرماش ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ ئارىلاشقان كىشى. ئۇنىڭ بوۋىسى جاڭاباي توخنىياز توغرىلىق كۆپ ھېكايە قىلىپ بەرگەن بولۇپ، توخنىياز بىلەن يېقىن دوست ئىدى. ئۇ ياركەنتتە ۋېلىباينىڭ مەدرىسىدە ئوقۇغان كىشى. ئاندىن ئۇ توخنىياز بىلەن بىللە ۋېلىباينىڭ سودا ئىشلىرىنى يۈرگۈزگەن».
ئا. بەرايېف جاڭاباي ۋە توخنىيازنىڭ بىرلىشىپ، چار ئەسكەرلىرىگە قارشى قانداق ئۇرۇش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە كۆپ سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، ئامما خەلقنى قوراللاندۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا كۆپ قىينالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ توخنىيازنىڭ قانداق كىشى بولغانلىقىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «بىرىنچىدىن، ئاڭلىق ئادەم بولغان. ئىككىنچىدىن، چوڭ ئاقسۇنىڭ ئاقساقىلى بولغان. ئۈچىنچىدىن، شۇ يەردىكىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يوشۇرۇن تەشكىلات قۇرغان. ئۇنىڭ مەقسىتى خەلق ئىچىدە دۇرۇس تەشۋىقات يۈرگۈزۈش ئىدى، يەنى بالىلارنى مۇتلەق بەرمەسلىك ئەمەس، بېرىش، ئامما پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە 200 ئەمەس، پەقەت 100 كىشى بېرىش. ئامما بۇ تىزىمنى ئازاد بولۇس يوق قىلىپ، بايلارنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، پەقەت كەمبەغەللەرنىڭ بالىلىرىنى كىرگۈزگەن».
ئا. بەرايېف شۇ چاغدا توخنىيازنىڭ خەلقنى باشلاپ، ئازاد بولۇسنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرگەنلىكىنى ھەم تىزىمنى خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا كۆيدۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ باتۇر ئاتىلىپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ توخنىيازنىڭ ئەنە شۇ ھەرىكىتىدىن كېيىن تۇتۇلۇپ، باشتا قارقارا تۈرمىسىگە قامالغانلىقىنى، ئۇ يەردە قوزغىلاڭ باشلانغاندا ياركەنتكە ئەۋەتىلىپ، يولدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئا. بەرايېفنىڭ پىكرىچە، 1916-يىلقى قوزغىلاڭ، بىرىنچىدىن، خەلقنىڭ كۆزىنى ئېچىپ، ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشىنى كۈچەيتكەن. ئىككىنچىدىن، خەلق بۇ جەھەتتە ئۇيۇشچانلىقنىڭ، ئىتتىپاقلىقنىڭ ماھىيىتىنى ياخشى چۈشەنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ كىتابتا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۇڭگان ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ بىردەك ئازاب تارتقانلىقىنى، بولۇپمۇ قازاق بىلەن ئۇيغۇرنىڭ بىر-بىرىگە قېرىنداش بولۇپ، دائىم بىر-بىرىنى يۆلەپ، قوللاپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
1916-يىلقى پادىشاھ پەرمانىنى ئۇيغۇرلار قانداق قوبۇل قىلغان؟
ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخچى دوكتور ئابلەھەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دەۋردىكى قوزغىلاڭنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ھەر خىل كۆزقاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ھازىر يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىنمىغان ماۋزۇلارنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى جىددىي ئۆگىنىش شۇنى كۆرسەتتىكى، دەسلەپتە بۇ پەرمان جاي-جايلاردا ئاھالە تەرىپىدىن ئۇرۇشقا چاقىرىش سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ئىدى. ئۇنداق بولغاندا بۇ رۇسىيەنىڭ يەرلىك ئاھالىنى ئۇرۇش ۋاقتىدا ئالدىنقى سەپتىكى ئارمىيە قىسىملىرىغا جەلپ قىلىشتىن ئازاد قىلىش سىياسىتىگە قارشى بولغان بولار ئىدى. ھەقىقەتنى ئېيتساق، ھۆكۈمەت ئۆز قول ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئاھالىسىنى قوراللاندۇرۇشتىن چۆچۈگەن، چۈنكى بىر كۈنى بولمىسا، بىر كۈنى بۇ قورال ئۆزىگە قارشى قارىتىلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ئەمەلدارلىرىغا گەپنىڭ ئۇرۇش ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ئارقا سەپتىكى ئىشلار ھەققىدە بولۇۋاتقانلىقى توغرىلىق ئاھالە ئارىسىدا تەشۋىقات يۈرگۈزۈشكە توغرا كەلدى. بۇ پەرمان ئۇ چاغلاردا ھەر خىل كۆزقاراشلارنىمۇ پەيدا قىلدى. مەسىلەن، تاجىك تارىخچىسى كومول ئابدۇللايېفنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ ۋاقىتلاردا ئاھالە ئارىسىدا ‹بىز، ئاسىيالىقلار پەقەت ئارقا سەپ ئۈچۈنلا يارالدۇقمۇ، بىز جەڭچى بولۇشقىمۇ لايىق› دېگەنگە ئوخشاش نارازىلىقلارمۇ ئورۇن ئالغان. يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى بولسا، دەسلەپتە بۇ ھەقتە چاقىرىلغان يىغىنلارغا قاتنىشىشتىن باش تارتىپ، ئوچۇق قارشىلىقلارنى ئېلىپ بارمىغان ئىدى. كېيىنرەك بۇ بارا-بارا بىر پۈتۈن قارشىلىققا ئايلىنىشقا باشلىدى».
ئا. كامالوفنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ پادىشاھ پەرمانىغا قارشى نارازىلىقلىرىنىڭ مەركىزى ئاقسۇ-چارىن بولۇسلۇقى ۋە ياركەنت ئۇيېزى(ناھىيىسى) بولۇپ، بىرىنچىلەردىن ئاقسۇ-چارىن ئۇيغۇرلىرى كۆتۈرۈلگەن. ئۇ شۇنداقلا چوڭ ئاقسۇدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە 500 كە يېقىن ئادەمنىڭ قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ بېشىدا خوجامنىيازوف، مەڭسۈر ئامېروف، تۆلېگېن ئوسمانوف، جارۇللا تەجەللايېف، مۇسا ھېزىزوف ئوخشاشلارنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.