ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا ئاۋستىرىيەنىڭ ۋېنا شەھىرىدە قەدىمكى مەدەنىيەتلىك خەلق تۇخارلار ھەققىدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا تۇخارلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تېمىلار نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان.
مەلۇمكى، تۇخارلار قەدىمكى زاماندا مەركىزىي ئاسىيادا، جۈملىدىن تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي قىسمىدىكى رايونلاردا پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان خەلقلەرنىڭ بىرىدۇر. تىلشۇناسلار بىردەك تۇخار تىلىنىڭ ئالىقاچان ئۆلگەن تىللار قاتارىدا سانىلىدىغانلىقىنى، ئەمما تارىختا بۇ تىل بىلەن پارلاق مەدەنىيەت ئىزنالىرى قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىزغىن ئېقىمغا ئايلانغان ئورتا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقى ئېكىسپېدىتسىيەسى داۋامىدا قېزىۋېلىنغان زور كۆلەمدىكى يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە تۇخار تىلىدىكى ھۆججەتلەرمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
قەدىمكى تىللار ۋە يېزىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار ئۇيغۇر ئېلىدىن قېزىۋېلىنغان تۇخارچە يازما يادىكارلىقلارنىڭ تىلىنى ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىيدۇ. يەنى تۇرپاندىن تېپىلغان تۇخارچە يازما ھۆججەتلەرنىڭ تىلىنى «تۇخار ئا تىلى»، كۇچادىن تېپىلغان تۇخارچە ھۆججەتلەرنىڭ تىلىنى «تۇخار ب تىلى»، كرورەندىن تېپىلغان تۇخارچە ھۆججەتلەرنىڭ تىلىنى «تۇخار ك تىلى» دەپ ئۈچكە بۆلىدۇ. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنى تۇخارلار تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان ياكى تەرجىمە قىلىنغان بۇددىزم مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەر تەشكىل قىلىدۇ.
تۇخارلار ئىرقىي ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ھىندى - ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ خەلق بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي گىرۋەكلىرىدىن تۇخارلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن مۇميالار تېپىلغان. مىلادىيە 6 - ۋە 8 - ئەسىرلەردىن كېيىن تۇخارلار ئۇيغۇرلار بىلەن زور دەرىجىدە ئارىلىشىپ كەتكەن. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېيىنچە تۇخارلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تەركىپىگە سىڭىپ كەتكەن. تۇخارلار ياراتقان مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت ئامىللىرىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن.
ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇخارلار ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تېكلىپ بىلەن قاتناشقان گېرمانىيە گۆتتىڭەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئورتا ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنسىتىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ قېتىملىق يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ، تۇخارلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلار ئېلىدىن تېپىلغان تۇخارچە يازما يادىكارلىقلار ھەمدە تۇخارلار بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00