تۈرك دۇنياسى ھۆججەتلىك فىلىم مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى

0:00 / 0:00

مەركىزىي ئىشخانىسى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار فېدېراتسىيەسى تۇنجى قېتىم تۈرك دۇنياسى ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى ئۆتكۈزمەكچى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فېستىۋال ھەرقانداق ئادەمگە ئوچۇق بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ ئەسەر قاتناشتۇرسا بولىدىكەن.

تۈركىيە، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن سىرت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ياشاۋاتقان رايونلاردىكى قېرىنداش مىللەتلەردىن كىشىلەر ئىشتىراك قىلىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى.

18-فېۋرال رەسمىي باشلىنىپ 23-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىغان «تۈرك كۈلتۈرى ۋە تۈرك دۇنياسىغا نەزەر» تېمىدىكى مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى مەندەرەس دەمىر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنداق بىر مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەتنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆتمۈشىدىكى ئوخشاشلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق تۈرك مەدەنىيىتىگە ۋە تۈرك دۇنياسىغا خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار بىرلىكى رەئىسى مەندەرەس دەمىر ئەپەندى مۇسابىقىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھۆججەتلىك فىلىم مۇسابىقىسىگە ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى تۈركىيە ئىستانبۇلدا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.»

ئۇ، مەزكۇر مۇسابىقە تۇنجى مۇسابىقە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەدىكى نۇرغۇن ئىدارە، جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسى ھۆججەتلىك فىلىم مۇسابىقىسىنى ئىستانبۇلدىكى تۈرك دۇنياسى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىرلىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتكۈزىمىز. مەزكۇر پائالىيەتكە دۇنيا ژۇرنالىستلار فېدېراتسىيەسى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى مۇھاجىرەتتىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى، نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتى، شىمالىي سىپرۇس يېقىن شەرق ئۇنىۋېرسىتېتى، تۈركىيە رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئەزەربەيجان دۆلىتى، قازاقىستان مەدەنىيەت ۋەخپى، ئىراق تۈركمەن ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى، ماكىدونىيە تۈرك ژۇرنالىستلار بىرلىكى قاتارلىق ئورگانلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلماقچى. بۇ مۇسابىقىگە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئاپتونوم رايونلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.»

مەندەرەس دەمىر ئەپەندى تۈرك دۇنياسى ھۆججەتلىك فىلىم مۇسابىقىسىدە دەرىجىگە كىرگەن فىلىملارنىڭ 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 17-18-كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ نىغدە شەھىرىدە، 10-ئاينىڭ 7-8-كۈنلىرى ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ، شەئىك ۋە گەنجە شەھەرلىرىدە، 10-ئاينىڭ 28-29-كۈنلىرى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈرك دۇنياسى ھۆججەتلىك فىلىم مۇسابىقىسىگە 2010-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىشلەنگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىملار بىلەن ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان بولۇپ، فىلىم تۈركچە ۋە ئىنگلىز تىلىدا ئىشلەنگەن بولۇشى كېرەك ئىكەن.

مەندەرەس دەمىر ئەپەندى مۇسابىقىدە بىرىنچىدىن ئۈچىنچىگىچە باھالانغانلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇسابىقىدە بىرىنچى بولغانلارغا 15 مىڭ تۈرك لىراسى، ئىككىنچى بولغانلارغا 10 مىڭ تۈرك لىراسى، ئۈچىنچى بولغانلارغا 7 مىڭ تۈرك لىراسى مۇكاپات بېرىمىز.»

بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش خالايدىغانلار www.tdgf1.com تور ئادرېسىدىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلىسە بولىدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى بۇ مۇسابىقىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىشلەنگەن بەزى ھۆججەتلىك فىلىملار خىتاي ئىچىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، خەلقئارا مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھۆججەتلىك فىلىملارنىڭ يوق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.