ئەلىخان تۆرىنىڭ «تۈركىستان قايغۇسى» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىندى
2016.08.29
1944 - 1946 - يىللىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان دىنىي ۋە سىياسىي ئەرباب ئەلىخان تۆرىنىڭ ھايات ۋاقتىدا يېزىپ قالدۇرغان «تۈركىستان قايغۇسى» ناملىق ئەسىرىنىڭ 1 - ۋە 2 - قىسمى بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىر كىتاب ھالىدا ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.
مەزكۇر ئەسەرنىڭ 1 - قىسمى 2007 - يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىدى.
ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى بۇ قېتىم مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىمۇ تەييارلاپ، ھەر ئىككى ئەسەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر كىتاب ھالىدا قايتىدىن نەشر قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.
كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ ئوغلى ئاسىلخان تۆرىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولۇپ، بۇ قىسىم ئەلىخان تۆرە يازغان «تۈركىستان قايغۇسى» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كىتابنىڭ 2 - قىسمى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ يەنە بىر ئوغلى قۇتلۇقخان تۆرە تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى باتۇر قاراخانلى مەزكۇر قىسىمنى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.
بىرىنچى قىسىم بولسا شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان ئىدى.
مەزكۇر ئىككى قىسىملىق كىتاب جەمئىي 592 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىز كىتاب توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، بىرىنچى قىسمىنى نەشرگە تەييارلىغان ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمى ۋە ئىككىنچى قىسمىنى نەشرگە تەييارلىغان باتۇر قاراخانلى ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
شىۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت كېرىمى ئەپەندى «تۈركىستان قايغۇسى» ناملىق ئەسەرنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى قۇتلۇقخان تۆرە ساقلىغان قول يازمىغا ئاساسەن نەشرگە تەييارلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابدۇرېشىت كېرىمى ئەپەندى كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئەلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ ھايات تارىخى ۋە پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇرېشىت كېرىمى ئەپەندى مەزكۇر كىتابتا 3 مۇھىم نەرسىنىڭ قەيت قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«تۈركىستان قايغۇسى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى باتۇر قاراخانلى ئەپەندى، مەزكۇر قىسىمدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 1930 - يىلىدىن 1950 - يىلىغىچە بولغان تارىخى بايان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ تەرجىمىھالىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ، 1885 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ توقماق شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئەلىخان تۆرە ياش ۋاقتىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ۋەتىنىگە قايتىپ، بۇخارادا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ياشلىق چاغلىرىدىن تارتىپ سوۋېت كوممۇنىست تۈزۈمىگە قارشى كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان ۋە 1930 - يىللاردا ئىلىغا قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان ئىدى.
ئەلىخان تۆرە 1944 - يىلى 7 - نويابىر كۈنى غۇلجىدا قوزغالغان ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە، 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى غۇلجا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ئەلىخان تۆرە، 1946 - يىلى، 6 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، بىر ئۆمۈر تاشكەنت شەھىرىدە ياشاپ، 1976 - يىلى 2 - ئايدا تاشكەنتتە91 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.