تۈركىي دۆلەتلەر كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقى تەنقىدكە ئۇچرىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 3-سېنتەبىر، قىرغىزىستان.
تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 3-سېنتەبىر، قىرغىزىستان.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ يىغىنى 3‏-سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل بويىدىكى چولپان-ئاتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، تۈركىي تىللىق دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردوغان سۆزلەپ، پەلەستىننىڭمۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ سىرتىدا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا: «ھۆرمەتلىك دۆلەت رەئىسىم رەجەپ تاييپ ئەردوغان شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ دەل مەركىزىدە، ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›، ‹قۇتادغۇ بىلىگ› كە ئوخشاش تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق ئەسەرلىرى يېزىلغان جاي، ئالىي كېڭەشتە ئۇلارنى نېمىشقا تىلغا ئالمايسىز؟» دەپ يېزىلغان.

باش كاتىپلىق ئورگىنى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق تۈركىي دۆلەتلەر كېڭىشىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەتبۇئات باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرى، رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، مەدەنىيەت، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، تۈركىي دۆلەتلەر كېڭىشى ۋە ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان. يىغىندا 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق مىللىي تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان.

بىز يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن 6-نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان «سىپرۇس پوچتىسى» گېزىتى مۇخبىرى گۆكخان گۈلەر ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 6-نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئەمەس، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر كېڭىشىنى قۇرغان 4 دۆلەت ئۆزبېكىستان بىلەن ھونگارىيەنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. ئادەتتىكى ئومۇمىي مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى».

گۆكخان گۈلەر ئەپەندى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن سىپرۇس مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردوغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن سىپرۇس مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى. يىغىننى كېلەر يىلى سېنتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئېچىش قارار قىلىندى. مىللىي تەنتەربىيە پائالىيىتىنى 2020-يىلى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر كېڭىشىنىڭ باش كاتىپلىقىغا قازاقىستانلىق دىپلومات باغدات ئەپەندى تەيىنلەندى. تۈرك ئاكادېمىيەسى، مىراس ۋەخپى ۋە خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت سەنئەت تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى يېڭىدىن تەيىنلەندى».

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە پارلامېنتى ئەزاسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا تۈركىي مىللەتلەر ئائىلىسىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دۇچار قىلىنىۋاتقان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنىڭ چەكلىنىشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرىنىڭ بوغۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان تراگېدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن مەزكۇر يىغىن ياخشى بىر پۇرسەت ئىدى. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلار يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان ئوخشايدۇ. بۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەكلا يېرىم قىلىدىغان بىر ئىش».

پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بەزى پالاتا ئەزالىرىنىڭ «جازا لاگېرلىرى» ھەققىدە باياناتلار ئېلان قىلىپ، خىتاينى تەنقىد قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ يىغىنىدا «ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان جازا لاگېرلىرىغا سولاش تراگېدىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقى، يىغىننىڭ كەمچىلىكى ئىكەنلىكى» نى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بەزى پالاتا ئەزالىرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە دىققەت تارتىدىغان باياناتلار بەرمەكتە. ب د ت بىلەن ئامېرىكا بۇلارنى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە 5 تۈركىي جۇمھۇرىيەت رەئىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقى ئادەمنى ئويغا سالىدىغان بىر مەسىلە، شۇنداقلا يىغىندىكى ئەڭ چوڭ كەمچىللىك دەپ قارايمەن. چۈنكى، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى تۈركىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭمۇ مەسىلىسى. مەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا يۈرگۈزۈۋاتقان يوق قىلىش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرمەسلىكىنى ئەيىبلەيمەن».

1910-يىلى قۇرۇلغان تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتى رەئىسى پروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆز ئەپەندى تۈركىي دۆلەتلەر كېڭىشىگە ئەزا جۇمھۇرىيەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ گەرچە بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاقلىقى، ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنى مەدھىيەلىسىمۇ، ھەتتا رەجەپ تاييپ ئەردوغان تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز پەلەستىن مەسىلىسىنى تىلغا ئالسىمۇ، بىراق خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە دەخلى يەتمىسۇن دەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولاپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىللىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن تەقىبلەش يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى مەۋجۇت، بۇنى بۇزۇشنى خالىمايدۇ. بىز پەلەستىن مەسىلىسىگە، روھىڭگا مەسىلىسىگە ئىگە چىقىۋاتقان بولساق، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگىمۇ ئىگە چىقىشىمىز كېرەك. دىپلوماتىيەلىك تىل بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىدۇر».

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا يېقىندىن بۇيان تۈركىيە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ناتسىستلارچە جازا لاگېرلىرىغا سولاش ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلامى دىنىي كىملىكىنى چەكلەش يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى تەنقىدكە ئۇچرىماقتا ئىدى. بۇ قېتىمقى تۈرك دۇنياسى رەھبەرلىرى يىغىنىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋال يۈز بەرگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف، ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېف قاتناشقان. ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزايېف بىلەن ھونگارىيە (ۋېنگېرىيە) پرېزىدېنتى ۋېكتور ئوربان كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان. بۇ ھونگارىيە پرېزىدېنتىنىڭ بۇ يىغىنغا تۇنجى قېتىم ئىشتىراك قىلىشى شۇنداقلا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىشى ئىكەن.

تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ قىسقارتىلغان ئىسمى تۈرك كېڭىشى بولۇپ، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 2009-يىلى قۇرۇلغان. قۇرغۇچى دۆلەتلەر تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن ئىبارەتتۇر.

تولۇق بەت