تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر خانىم، قىزلار باھار فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتتى
2013.05.24
تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر خانىم، قىزلىرى ئەرجىيەس ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەنئەنىۋىي فېستىۋاللىرىدىن بىرى بولغان باھار فېستىۋالىغا ئىشتىراك قىلدى.
5 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە داۋاملاشقان بۇ فېستىۋالدا قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر خانىم، قىزلار مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تونۇتتى. بۆلۈمنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇيغۇر ئاياللار تاماقلارنى ئۈلگۈرتەلمەي قالدى. 3 كۈن ئىچىدە بۇ يەرمەنكىنى يۈز مىڭ ئەتراپىدا كىشى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇتۇلغان بۆلۈمنى زىيارەت قىلدى. قەيسەرى ئەرجىيەس ئۈنىۋېرسىتېتىدىكى چوڭ مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ فېستىۋالدا تۈركىيەدىكى داڭلىق ناخشىچىلار كونسېرتمۇ بەرگەن بولۇپ، بۇ فېستىۋال مەيدانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغانلار ئىچىدە، شەھەر باشلىقلىرى، ھەرقايسى رايونلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارمۇ بار. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ئاچقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار كومىتېتى رەئىسى رابىيە ئىلكتۈرك خانىم ۋە باھار فېستىۋالىدا ئۇيغۇر تامىقى يەۋاتقان تالاس رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى رىفات يىلدىرىم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
نەق مەيدانغا تېلېفون قىلغىنمىزدا، تالاس رايونلىق ھۆكۈمەت باشلىقى رىفات يىلدىرىم ئەپەندى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن خېلى بۇرۇنلا تونۇشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
- لەغمەن مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلەردىن بىرى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك مەدەنىيىتىنى ياخشى بىلىمەن. ئۇيغۇرلار باي مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت. شۇڭا مەن بۈگۈن فېستىۋالغا كىرىپلا بىرىنچى قىلغان ئىشىم لەغمەن يېيىش بولدى. مەن ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە بارغىنىمدىمۇ ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا تاماق يەيمەن. ۋىلايىتىمىزدە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى يېيەلىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلىۋاتىمەن.
رىفات يىلدىرىم ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ تۈگەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
- زۇلۇم مەڭگۇ داۋاملاشمايدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى مېنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا. ئەمما ئاللاغا ئىشىنىمىزكى، بۇ زۇلۇم ئاخىرلىشىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ياخشى بىلىمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز.