بوغازىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن چاغان بايرىمى نېمىنىڭ بېشارىتى؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-02-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۆكتىچى لىۇ شىاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ بېرىلگەنلىكىدىن غەزەپلەڭەن خىتاي، كوڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان.
خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۆكتىچى لىۇ شىاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ بېرىلگەنلىكىدىن غەزەپلەڭەن خىتاي، كوڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان.
Gulshen

خىتاي دۆلىتى يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە تۈركىيەنىڭ بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى قۇرۇپ، بۇ ئىنستىتۇتلار ئارقىلىق تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشكە تىرىشماقتا.

11-فېۋرال كۈنى كەچتە تۈركىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان بوغازىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە چاغان پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

مەزكۇر پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى خىتاي مەدەنىيىتى جەمئىيىتى، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى خادىملىرى، تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلىكى ۋە بوغازىچى ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى ئىشتىراك قىلغان. بۇ، تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرلىكتە چاغان ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، «خىتاينىڭ چاغان بايرىمى يىغىلىشى» نامى بېرىلگەن مەزكۇر پائالىيەتتە خىتايچە، تۈركچە ئۇسسۇللار، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى ۋە خىتاينىڭ چامباشچىلىقىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلگەن.

س ن ن تۈرك (CNN Türk) تېلېۋىزىيەسى تور بېتىدە 12-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ يېڭى يىلى بوغازىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇتلۇقلاندى» ماۋزۇلۇق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، پائالىيەتتە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن بوغازىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پروفېسسور دوكتور ئالى تەكجان ئەپەندى، تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئۆز ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، تۈركىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن كونسۇلى چېن شۇدا ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇققا تۆھپە قوشقان بوغازىچى ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا، تۈركىيە-خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا رەھمەت ئېيتقان. بىز بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان بوغازىچى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئالى تەكجان ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ كاتىپى بىلەن كۆرۈشۈپ، تېلېفون زىيارىتى قىلىش تەلىپىمىزنى يەتكۈزگەن بولساقمۇ، لېكىن ئىمكانىيەت بولمىدى.

بىزنىڭ «مەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى ئەركىن تارىم، ئۇنىۋېرسىتېتىڭىزنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئالى تەكجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلماقچىدىم» دېگەن تەلىپىمىزگە سېكرېتار خانىم: «ئالى تەكجان ئەپەندىنىڭ ئاخشامغىچە يىغىنى بار، تېلېفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇڭ، بىز تېلېفون قىلايلى» دەپ جاۋاب بەردى.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان بوغازىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتايلارنىڭ بىرلىكتە چاغان ئۆتكۈزۈشىنى قانداق چۈشىنىش لازىم؟ بۇنداق داۋاملاشقان تەقدىردە بۇ خىل پائالىيەتلەر يېقىن كەلگۈسىدە باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارغىمۇ يېيىلارمۇ؟ بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىرى بولار؟ ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ۋە قەھرەمانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىنىي ئىلىملەر كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئىپارخان ئۇيغۇر خانىم قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ 10 يىلدىن بۇيان كۇڭزى ئىدىيەسىگە تايىنىپ، تۈركىيەدە ئۆز قوللىغۇچىلىرىنى كۆپەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇنىڭ بىر نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى بوغازىچى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆپى غەرب ئەللىرىدە ئوقۇپ كەلگەن كىشىلەردىن تەركىب تاپقان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇلارنىڭ خىتاي دۆلىتىنى چۈشىنىش ياكى خىتاي بىلەن قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن بۇنداق بىر پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە 220 ئەتراپىدا ئۇنىۋېرسىتېت بار بولۇپ، ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتا كۇڭزى تەتقىقات مەركىزى، 4 ئۇنىۋېرسىتېتتا خىتاي تىلى كافېدراسى مەۋجۇت. خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قوللىغۇچىلىرىنى كۆپەيتىش ئېھتىمالى بارمۇ؟ ئىپارخان ئۇيغۇر خانىم بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، چۈنكى تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ كۆپىنىڭ تۈركلەرنىڭ مىللىي قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوخشاش مەسىلىلەرگە سەزگۈر قارايدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىسى ۋە ئەلچىخانا خادىملىرى ئىزچىل ھالدا تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرى ۋە دۆلەت ئىدارىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى، ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە ئىكەن. دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ قىلغانلىرىغا قارشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى ئىزچىل ھالدا ئاڭلىتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز مەيداننى بوش قويماي داۋاملىق ھالدا سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئورتاقلىشىشىمىز كېرەك. كېيىنكى كۈنلەردە خىتاينىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغان زۇلۇمى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇلدى. بۇندىن كېيىنمۇ ئىزچىل ھالدا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەردە بۇنى ئاڭلىتىش كېرەك. پەقەت ۋەقە بولغان كۈنىلا ئەمەس، ھەر دائىم ئىزچىل ھالدا ئاڭلىتىش كېرەك. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ بەك ياخشى ئېلىپ بېرىلدى، ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرۇش كېرەك».

تۈركىيەدە ھازىرغىچە ئەنقەرەدىكى ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى بوغازىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان بولۇپ، مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتاي تۈركىيەدىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانىكەن. تۈركىيە بولسا، خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت