تۈركىيە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار (1)

0:00 / 0:00


ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئاناتولىيە يانى تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قەدىمىي تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشىمۇ قەدىمىي تارىخقا ئىگە. ئەمما يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. ئۇنداقتا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟ 2009 - يىلى تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىر مۇئاۋىنى بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەدە 300 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇنداقتا ئۈچىنچى ھىجرەت دەپ ئاتالغان مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىشى قاچان، قانداق باشلاندى؟ مەزكۇر ھىجرەتنىڭ ئاساسىي سەۋەبى نېمە؟ بۇ ئۇيغۇر كۆچمەنلەر تۈركىيەنىڭ قايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، كۆپ قېتىم تايلاند ۋە مالايشىياغا بېرىپ بۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش خىزمەتلىرىنى قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇنۇلارنى دېدى: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تايلانتقا قېچىپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى 2014 - يىلى تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان «تايلانتدىكى بىر ئورمانلىقتا 200 ئۇيغۇر تۇتۇلۇپ قالدى» ماۋزۇلۇق خەۋەردىن ئۇقتۇق. ئەمما بۇ خەۋەر چىقىشتىن بۇرۇنمۇ بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسيا دۆلەتلىرىگە قېچىپ چىققانلىقىنى ئاڭلىغان. لېكىن بۇ خەۋەرنىڭ چىقىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۆچى دۇنياغا ئاشكارا بولدى. ئاشكارا بولغاندىن كېيىن بىز بۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتۇق.»

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 2014 - يىلى رامىزان ئېيىدا تۇنجى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى، 2015 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە تەخمىنەن 7 - 8 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم تەرتىپلىك ھالدا تۈركىيەگە كېلىشى 2014 - يىلى رامىزان ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى بولدى. رامىزان ئېيى كىرىشى بىلەن مەن مالايشىياغا بېرىپ ئەتە روزى ھېيىت دېگەن كۈنگىچە مالايشىيادا بولدۇم. مالايشىيادىكى تۈرك ئەلچىلىكى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىش ئىشى ئۈچۈن يول ماڭدۇق. شۇنىڭ بىلەن 2015 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان بىر يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە 8 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۈركىيەگە كەلگەن بولدى. بۇ كېيىنكى 65 يىللىق ئۇيغۇر تارىخىدا تۈركىيەگە قىلىنغان 3 - چوڭ ھىجرەت دېيىشكە بولىدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قەيسەرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، نېمە ئۈچۈن قەيسەرىنى تاللىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ئۇيغۇرلار مالايشىيادىكى ۋاقتىدا، ئۇيغۇرلار ئەركىن ئىبادەت قىلالايدىغان، بالا - چاقىلىرىنى ئوقۇتالايدىغان مۇھىت يارىتىش، شۇنداقلا بېشىنى تىققىدەك ئۆيى بولسۇن دەپ قەيسەرىگە كەلسۇن دەپ ئويلاشقان ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ بۇ ئۇيغۇرلارنى قەيسەرىگە ئېلىپ كەلگەن. ھازىر 1000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بىر قوروجاينىڭ ئىچىدە ياشايدۇ. مەكتەپلىرى بار.»

بىر يىل بۇرۇن قەيسەرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر مۇساپىر دىلشات ئەپەندى قەيسەرىنى تالاشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قەيسەرى ۋالىسى بىزگە 6 ئاي ئىچىدە پۇقرالىق بېرىمىز دېگەن. ئۆي بەردى. شۇڭا بىز بۇ جايدا تىنچ - ئامان ئىبادەت قىلىپ، بۇ يەردىكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋەتىنىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بىر كىشىلىك خىزمەت قىلالايمىزمۇ دېگەن مەقسەت بىلەن قەيسەرىگە كەلگەن ئىدۇق.»

قەيسەرىگە قاچان كىملەر كەلگەن؟ ئۇيغۇرلارنىڭ قەيسەرىگە ئومۇمىي ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قانداق؟ بۇرۇن كەلگەنلەرنى ھۆكۈمەت قانداق ئورۇنلاشتۇرغان؟ بۇگۈن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر زادى نېمە؟

ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا يېقىنقى زامان تارىخىدا تۈركۈملىگەن كىشىلەرنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىشى 1950 - يىللاردىن باشلاپ بولغان.

1952 - يىلىدىن كېيىن تۈركىيەدە ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ سانى تېزلا كۆپەيگەن. 1950 - يىللاردا ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن بولۇپ، 1820 كىشى تۈركىيەگە پارلامېنتىنىڭ بىر قارارى بىلەن كۆچمەن بولۇپ، قوبۇل قىلىنغان. كېيىنكى يىللاردا ئاز - ئازدىن بولسىمۇ داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى داۋام قىلغان. ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ يولباشچىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتەكىننىڭ ئەسلىمىلىرىدە يېزىلغانلارغا ئاساسلانغاندا، 1950 - يىللاردىن 1970 - يىللارغىچە ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن بولۇپ تۈركىيەگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 30 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى 53 يىل بۇرۇنقى كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ مۇنۇلارنى دېدى: «بىز 1961 - يىلى يۇرتتىن چىقىپ 4 - 5 يىل ئافغانىستاندا تۇرۇپ، 1965 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدۇق. بىزنى توپ زەمبىرەك ئېتىپ كۈتىۋالدى. ئەنقەرەدە ھەممىمىزگە فامىلە بەردى. بىزگە «ئەفەندىگىل» فامىلىسىنى بەردى. قەيسەرىگە بۇرۇن جايلىشىپ قالغان ئەبەيدۇللاھ ئىسىملىك بىر كىشى تەرجىمان بولۇپ كەلدى. شۇنىڭ تەكلىپى بىلەن بىزنى قەيسەرىگە ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. شۇ كۈنى ئاقشام ئاپتوبۇس بىلەن بىزنى قەيسەرىگە ئېلىپ كەلدى. بىز 105 ئائىلە قەيسەرىگە كەلگەن ئىدۇق. بىزنى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى. بىزنى قەيسەرى ۋالىسى، ھەربىي باشلىقلار، ھەربىي مۇزىكا ئانسامبىلىسى كۈتىۋالدى. قەيسەرىنىڭ بايلىرى ئۆيلىرىگە مېھمانغا چاقىرىپ كۈتىۋالدى. مەن تۈركىيەگە كەلگەن ۋاقتىمدا 13 ياشتا ئىدىم. بۇلار ياخشى يادىمدا.»

ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قەيسەرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇرلاردىن دۆلەت 10 يىلغىچە باج ئالمىغانلىقىنى، ئالاھىدە مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «دۆلەت ئىدارىلىرىدە خىزمەت قىلغانلىرىمىزنىڭ مائاشىدىن 10 يىلغىچە باج ئالمىدى. دۆلەت سېلىپ بەرگەن ئۆيلەرنى ھەممىمىزگە تەقسىم قىلىپ بەردى. بىزدىن بۇرۇن قەيسەرىنىڭ دەۋەلى ناھىيىسىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار بار ئىكەن. ئۇلار بىز كەلگىچە ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كەتكەن ئىكەن. قەيسەرى ياخشى بىر جاي، خەلقى مېھماندوست، ئۇيغۇرلارنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ. ھازىر ئەھمەت يەسەۋى مەھەللىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللە 1965 - يىلى بىز كەلگەندىن كېيىن قۇرۇلغان بىر مەھەللە. ئەسلىدە بۇ جاي بىر قومۇشلۇق ئىدى.»

ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بۇندىن 55 يىل بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىدىن قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ چىقىشىدىكى سەۋەبنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي بېسىمى تۈپەيلىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:«بىزدە تاشمۇ سەۋەبسىز جايىدىن مىدىرىمايدۇ دېگەن بىر ماقال - تەمسىل بار. مەن يۇرتتىن ئايرىلغاندا 7 - 8 ياشتا ئىدىم.. ھازىر قەيسەرىگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى ئاتا - ئانىسىنى، بەزىلىرى بالا - چاقىلىرىنى تاشلاپ چىقىپتۇ. خىتاينىڭ ئېغىر بېسىمى، چىدىغۇسىز زۇلۇمى بولمىسا قانداقمۇ يېقىنلىرىنى تاشلاپ بۇ جايلارغا كەلسۇن.»

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 1950 - يىللاردا باشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى 1965 - يىلىدىن 1980 - يىلىنىڭ باشلىرىغىچە توختاپ قالغان بولسىمۇ، 1980 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ زورىيىپ داۋام قىلغان.