ئەنقەرەدىكى خىتاي مەدەنىيەت ھەپتىسى تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئورۇن ئېلىۋاتقان شۇ كۈنلەردە، ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ رايونلىرىدىن بىرى بولغان چانقايا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئەلچىلىكى بىلەن ئورتاقلىشىپ «خىتاي مەدەنىيەت كۈنى» ئۆتكۈزۈشى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرى، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، ئامما ۋە بەزى ئوبزورچىلار چانقايا رايونلۇق ھۆكۈمەتكە خەت يېزىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، ياش تۈركىستانلىقلار ھەرىكىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى چەلەبى ئۆزتۈرك ئەپەندىلەر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاينىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

يېڭى ئاقىت گېزىتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان «چانقايا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئىشقى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن سايلانغان ئەنقەرە چانقايا رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ قېرىنداش مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى قەتلىئام قىلغان خىتاي دۆلىتى بىلەن بىرلىكتە «خىتاي مەدەنىيىتى ھەپتىسى» ئۆتكۈزۈشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا ئورتاق بولۇشتىن ئىبارەت دەپ يېزىلغان.

ماقالىدە ئەنقەرە چانقايا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىنى تونۇتماي، تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قەتلىئام قىلىۋاتقان خىتايلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن «خىتاي مەدەنىيەت ھەپتىسى» ئۆتكۈزگەن ئەنقەرە چانقايا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ھەر ساھە خەلقىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى يازغان. خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ پائالىيەتنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.

ئاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 65 يىلدىن بېرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشقا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن ئەنقەرە چانقايا رايونلۇق ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى يېزىلغان.

بىز بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن چانقايا رايونلۇق ھۆكۈمەتكە نارازىلىق خېتى يېزىپ ئەۋەتكەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خەلقنىڭ پىكرىگە قۇلاق سالىدىغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى، ۋەتىنىنى تارتىۋالغان خىتاينىڭ قېرىنداش تۈركىيەدە بۇنداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشىنى توسۇشقا، خىتايلارغا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن ھەرقايسى ئورگانلارغا خەت يېزىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىردى.