تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەمەت گۆرمەز ئەپەندى، 8-چېسلا خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى.
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىكى 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەمەت گۆرمەز ئەپەندى، خىتاي چەتئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى باشلىقى جاڭ يىجيۇڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان. مەمەت گۆرمەز ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشتا سۆز قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن توختامنامىلەرنى تۈزۈپ ھەمكارلىشىشىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەمەت گۆرمەز ئەپەندى، تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى توغرا چۈشىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«تۈرك تىلىنىڭ ئاتىسى ھېسابلىنىدىغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق تۇنجى تۈركچە لۇغەتنى يېزىپ قالدۇرغان مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسى ئەنە شۇ زېمىندا. تۈرك ئىسلام تارىخى ۋە مەدەنىيەت تارىخى جەھەتتىن مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدىغان «قۇتاتقۇ بىلىك» ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئەنە شۇ زېمىندا ياتماقتا. تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلەرنى ئۆز ئاتىمىز دەپ قارايدۇ. بۇ، بىزنىڭ 25 مىليون ئۇرۇق-تۇغقىنىمىز بار دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي بايلىقلارنى تېخىمۇ زور بايلىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت.»
مەمەت گۆرمەز ئەپەندى قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشى كېرەكلىكىنى، جىنايى ئىشلار بىلەن دىنىي مەسىلىلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ قاراش كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.
خىتاي چەتئەل دوستلۇق جەمئىيىتى باشلىقى جاڭ يىجيۇڭ سۆز قىلىپ، «شىنجاڭ توغرىسىدا تارقالغان سەلبىي خەۋەرلەر توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. خىتايدا 31 ئۆلكىدە 23 مىليون مۇسۇلمان بار. ھەر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر بەخت ئىچىدە ياشىماقتا. خىتايدىكى مەدەنىي بايلىقلار مۇسۇلمانلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن تېخىمۇ بېيىيدۇ» دېگەن.
ئەڭ ئاخىرىدا تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەمەت گۆرمەز ئەپەندى خىتاي ۋەكىللىرى ئۆمىكىگە سوغا بۇيۇملىرى بەرگەن.
بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تەتقىقاتچى ژۇرنالىست ئازاتجان بۇغرا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مەمەت گۆرمەزنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىن قارىغاندا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
