ئۇيغۇرلار كۆرسەتكەن ھۆرمەت تۈرك سەنئەتكارنى يىغلاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2015-11-18
Share
bunyamin-aqsungur-ependi.jpg ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان تۈرك دۇنياسىدا تونۇلغان داڭلىق سەنئەتچى بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى زىيارەت تەسىراتىنى ئاڭلاتتى. 2015-يىلى 14-نويابىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

14-نويابىر شەنبە كۈنى، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى فوندى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان تەسىراتى» دېگەن تېمىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى، شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىدا تونۇلغان داڭلىق سەنئەتچى بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى زىيارەت تەسىراتىنى ئاڭلاتتى.

يىغىندا بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر سەنئەتچى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ «سالام خەلقىم» دېگەن ناخشىسىنى ئورۇنلىدى. كېيىن ئۆزىنىڭ 48 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىش ئارزۇسى قۇربان ھېيتتا رېئاللىققا ئايلانغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى ۋە مەمنۇنىيىتىنى ئىپادىلىدى.

بۇنيامىن ئاقسۈنگۈر ئەپەندى ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئاقسۇ، كورلا، قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە تارىخى، جۇغراپىيىسى، تىلى، ئەدەبىيات سەنئىتى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى شۇنداقلا ئىقتىسادىي ئەھۋالى توغرىسىدا كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ئۆزى تارتقان رەسىملەر ئارقىلىق تەسىرلىك ئۇسۇلدا ئاڭلاتتى.

بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى مېھماندوست خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۈرۈمچىدە بىر قىسىم سەنئەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىنى، ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلىپ كۆڭۈللۈك مېھمان قىلغانلىقىنى، شەھەرلەرنى ئايلىنىشتا ئۆزىنى يالغۇز قويماستىن ۋە ھېچقانداق چىقىم قىلدۇرماستىن بېشىدا كۆتۈرۈپ زىيارەت قىلدۇرغانلىقىنى، تاماق زىياپەتلەردە، سۆھبەتلەردە ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە قوشۇمچە قىلىپ: «مەن ئاقسۇنگۈر بولغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس، بىر تۈرك بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم تۈركىيەگە بولغان ھۆرمىتىنى ماڭا كۆرسەتتى. ھال بۇنداق ئىكەن، بىزنىڭ جۇمھۇر رەئىسىمىزگە كۆپ ۋەزىپە چۈشىدۇ» دېدى.

بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى، ئۈرۈمچىدە مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىرنىڭ، تۇرپاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قەبرىسىنى، ئاقسۇغا بېرىپ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىنى، ئاتۇشتا سۇتۇق بۇغراخان قەبرىسىنى، قەشقەردە مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلغاندىكى تۇيغۇلىرىنى ناھايىتى تەسىرلىك بىر ئۇسۇلدا ئىپادىلىدى ۋە ئۇ قەبرىلەرنىڭ بېشىدا چۈشكەن خاتىرە رەسىملىرىنى چوڭ ئېكران ئارقىلىق كۆرسەتتى.

بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى، تەسىراتلىرىنى سۆزلەش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرسەتكەن مېھماندوست ۋە قېرىنداشلىق مۇئامىلىسىنى ئىپادىلەپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭمۇ كۆزلىرىنى نەملەتتى.

بۇنيامىن ئاقسۇنگۈر ئەپەندى ئاخىرىدا، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ «ئۇچراشقاندا» دېگەن ناخشىسى بىلەن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ «جانان ئۇيقۇدا» دېگەن ناخشىسىنى دۇتار بىلەن ئورۇنلاپ يىغىن ئەھلىنى ھاياجانغا سالدى.

بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى تۈرك دۇنياسىنىڭ سەنئەتلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ت ر ت تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ۋە ئۆزبېكچە ناخشا ئوقۇپ، ساز چېلىپ كېلىۋاتقان تۈرك سەنئەتچى بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان راۋاب ۋە دۇتار بىلەن ئورۇنلىغان ئۇيغۇرچە ناخشىلىرى تۈركىيەدە ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى: «بۇ خىل يىغىنلارنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى ‹شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى› ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق، بولۇپمۇ بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندىگە ئوخشاش تۈركىيەدە تەسىرى بار كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشى ناھايىتى مۇھىم پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت