ياپونىيەلىك تۈركولوگ ئوساۋا موڭغۇلىيەدە يېڭىدىن ئىككى پارچە مەڭگۈ تاش بايقىدى

0:00 / 0:00

ياپونىيە «ئاساھى شىنبۇن» گېزىتىنىڭ 17 ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تۈركولوگ ئوساۋا تاكاشى 15-ئىيۇل كۈنى موڭغۇلىيەنىڭ شەرق تەرىپىدىن 8-ئەسىرگە تەۋە بولغان قەدىمكى تۈرك خانلىقىغا ئائىت غايەت زور چوڭلۇقتىكى ئىككى پارچە قەبرە تېشىنى بايقىغان.

ياپونىيە ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئوساۋا تاكاشى قەدىمكى تۈرك تارىخى تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭىدىن بايقالغان بۇ ئىككى پارچە قەبرە تېشى قەدىمىي تۈرك تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا،بولۇپمۇ تۈرك خانلىقىنىڭ خىتاينىڭ سۇي، تاڭ سۇلالىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە شۇنداقلا تۈرك خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلىشىدىن ئىبارەت، بۇ خانلىقنىڭ سىياسىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىكى قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىلىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياپونىيەلىك تۈركولوگ پروفېسسور ئوساۋا تاكاشى بىلەن موڭغۇلىيە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات ئاكادېمىيىسىنىڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى بىرلىكتە بۇ قەبرە تاشلىرىنى بايقىغان. قەبرە تاشلىرى موڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتورغا تۆت يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان دوڭوئىن شىرېئې دېگەن جايىدىن بايقالغان. دوڭوئىن شىرېئې دېلگېركھائان تېغىغا يېقىن جاي بولۇپ، ئۇلانباتورنىڭ جەنۇبىي شەرق تەرىپىگە توغرا كېلىدىكەن.

خەۋەردە، قەبرە تېشىنىڭ بىر پارچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتىر، كەڭلىكى ئۈچ مېتىر دېيىلگەن. خەۋەردە يەنە، قەبرە تېشى جەمئىي يىگىرمە قۇردىن،2832 خەتتىن تەركىب تاپقان. بۇ يېزىق قەدىمكى تۈرك يېزىقى دەپ كۆرسىتىلگەن.

پروفېسسور ئوساۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەبرە تېشىغا يېزىلغان خەتلەردە ئاساسلىقى ئۆلگەن كىشىنىڭ ھەسرىتى بايان قىلىنغان بولۇپ، «ئاھ،مېنىڭ ئائىلەم!»، «ئاھ مېنىڭ تۇپرىقىم!» دېگەندەك مەنىلەردە يېزىلغان.

تۈركولوگ ئوساۋانىڭ قارىشىچە، قەبرە تېشىغا يېزىلغان خەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ، تۈرك خانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئىمپېراتورى ئاسېنا (ئاشنا)نىڭ جەمەتىنىڭ قەبرە تېشى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدىكەن.

خەۋەردە كۆكتۈرك خانلىقى بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمكى چارۋىچى كۆچمەن خەلقلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تىل ۋە يېزىقى بولغان دەپ قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە، تۈرك خانلىقىغا ئائىت ھازىرغىچە تېپىلغان قەبرە تاشلىرىدىن بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى، كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى ۋە تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى قاتارلىق قەدىمكى مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى بۇندىن 120 يىل بۇرۇن موڭغۇلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن تېپىلغان دەپ كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ تارىخى 552-يىلى تۇنجى تۈرك ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە، كۆك تۈرك خانلىقى سۇي سۇلالىسى تەرىپىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ، شەرق تۈرك ئىمپېرىيىسى تاڭ سۇلالىسىگە بويسۇندۇرۇلغان. 630-يىلى تاڭ سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئىككىنچى قېتىم تۈرك ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان دېيىلگەن.

خەۋەردە يەنە 744-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ياپونىيەلىك تۈركولوگ پروفېسسور ئوساۋا تەرىپىدىن موڭغۇلىيەدە بايقالغان بۇ قەبرە تېشى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان ياماگۇچى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-پروفېسسور ئوساۋا ئەپەندى ياپونىيە ۋە خەلقئارادا كۆزگە كۆرۈنگەن تۈركولوگلاردىن بىرى، ئۇ بۇ قېتىم موڭغۇلىيەدە يېڭىدىن بايقىغان قەبرە تېشى، ئەلۋەتتە تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى يېڭى بىر بايقاش بولۇپ، بۇ بايقاش تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى قەدىمكى قەبرە تېشى يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشنى بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ قارايمەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلگىرى موڭغۇلىيەگە بېرىپ قەدىمكى قەبرە تاشلىرىنى زىيارەت قىلغان، تۈركىيە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن يېڭىدىن تېپىلغان بۇ قەبرە تاشلىرى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.