ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر رېستورانى «مىراج» بېزەكلىرىنىڭ قويۇق مىللىي پۇرىقى سەۋەبلىك تاقالغان
2018.09.27
ئۈرۈمچىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر رېستورانى «مىراج» نىڭ ئۈرۈمچى غالىبىيەت كوچىسى ۋە قاراماي يولىدىكى تارمىقى بىردەك تاقىۋېتىلگەن.
رادىيومىزغا كەلگەن بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر بۇ رېستوراننى تاقاشتا ئۇنىڭ قويۇق ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبتىكى بېزەك ۋە نەقىشلىرىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئاشقۇنلۇق» ئىدىيەلىرىنى ئويغىتىش ھەمدە تەرغىب قىلىش رولى بار دېگەننى باھانە قىلغان. ئىلگىرى بىز ئېرىشكەن بىر خەۋەردە بۇ رېستوراننىڭ شېرىكى ئابدۇرېشىت ھوشۇر ھاجىمنىڭ ئاكىسى، سابىق «غۇلجا خالىس فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئابلىمىت ھوشۇر ھاجى ۋە «مىراج» رېستورانى نىڭ يەنە بىر شېرىكى ئابدۇۋەلى ھاجىم بىلەن بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا تەڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، غۇلجىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ يەنە بىر شېرىكى ئابدۇزاھىر ھاجىمەمەتنىڭ چەتئەلگە ئىستىقامەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
نۆۋەتتە «مىراج» رېستورانىنىڭ تېلېفونى پۈتۈنلەي ئېتىۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىز ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ، بۇ رېستوراننىڭ تاقىلىش سەۋەبىنى سۈرۈشتۈردۇق. لېكىن ئالاقىدار ئورگانلار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. پەقەت غالىبىيەت كوچىسى بىلەن دوستلۇق كوچىسىنىڭ دوقمۇشىدىكى «مىراج» رېستورانىغا قوشنا بىر دۇكاننىڭ خادىمى «مىراج» رېستورانىنىڭ تىجارىتى توختىلىپ، ئىچىنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن بۇ دۇكاندار رېستوراننىڭ نېمە ئۈچۈن چېقىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ تەكرار ئېچىلىدىغان ياكى ئېچىلمايدىغانلىقى، ئىگىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا دائىر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
«مىراج» رېستورانىنىڭ شېرىكى ئابدۇرېشىت ھاجىمنىڭ كانادادىكى ئىنىسى ئەركىن موللا ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر رېستورانغا ئۆز ۋاقتىدا 3 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان ئىكەن. ئەركىن موللا ئەيسا مۇنداق دېدى: «ئابدۇرېشىت ھاجىم بۇنىڭغا بىرىنچى مەبلەغ سالغۇچى، ئابدۇۋەلى ھاجىم ئۇنىڭغا ئىككىنچى مەبلەغ سالغۇچى. ئابدۇۋەلى ھاجىم بىزنىڭ يۇرتلۇق، بىزگە تۇغقان ئەمەس. ئۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇزاھىر. بۇلار 3 شېرىك. كېرەم دېگەن قېرىندىشىمىز بۇ ئىشنى باشلاپسېلىپ بولغاندىن كېيىن ئايرىلغان بولسا كېرەك. ھازىر 3 شېرىكنىڭ 2 سى تۇتقۇن قىلىندى، بىرى چەتئەلگە قېچىپ كەتتى.»
رادىيومىز يېقىندا كەلگەن يەنە خەۋەردە «مىراج» رېستورانىنىڭ ئىككى شېرىكلىرى تۇتقۇن قىلىنىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. رېستوران ئىگىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئوتتۇرا-شەرق ئەللىرىدە تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇرنىڭ رادىيومىزغا بەرگەن خەۋىرىدە ئابدۇرېشىت ھاجىمنىڭ رىزايدىن ئىسىملىك مىسىردا ئوقۇغان بىر ئوغلى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى يوقلىغىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مىراج» رېستورانىنىڭ شېرىكلىرىدىن ئابدۇرېشىت ھوشۇر ھاجى بىلەن ئابدۇزاھىر ھاجىمەمەت ئاتۇشتىكى ئاتاقلىق دىنىي ئۆلىما مەرھۇم ئەمەت خېتىپھاجىمنىڭ نەۋرىلىرى بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ جەمەتىدىنلا 50 دەك ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان. ئوتتۇرا-شەرقتىكى يۇقىرىقى ئۇچۇر مەتبەسى رادىيومىزغا بەرگەن خەۋىرىدە ئەمەت خېتىپھاجىمنىڭ نەۋرىلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە ئىنژېنېرلار، دوختۇرلار، تىجارەتچىلەر ۋە دىنىي ئۆلىمالارنىڭ بارلىقى، ئابدۇرېشىت ھاجىمنىڭ مىسىردا ئوقۇپ كەلگەن ئوغلى رىزايدىن ۋە ئاتۇش شەھەرلىك دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى مۇيەسسەر ھاجى مەمەت شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەمەت خېتىپھاجىمنىڭ كانادادىكى نەۋرىسى ئەركىن موللا ئەيسا يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى دەلىللىدى. ئەركىن موللا ئەيسا مۇنداق دېدى: «ئەمەت خېتىپھاجىم دېگەن مېنىڭ چوڭ دادام بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ نەۋرىسى بولىمەن. مېنىڭ ئانامنىڭ دادىسى بولىدۇ. ئەمەت خېتىپھاجىمنى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئەھلى-ئىلىملارنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق. ناھايىتى مەشھۇر بىر ئادەم. ھازىرقى ۋەزىيەتتە مانا مۇشۇ ئەمەت خېتىپھاجىمنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرقى بىزنىڭ ھېسابىمىزدا 50 نەچچىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە خەيرۇللا مەخسۇم بار. خەيرۇللا مەخسۇم ئابدۇسەمى مەخسۇمنىڭ كىچىك ئوغلى. ئابدۇسالامكامنىڭ ئىنىسى. ئەمىرۇللا مەخسۇم ئۇمۇ مەخسۇم دادىمىزنىڭ ئوغلى. ئۇنىڭدىن كېيىن قىزلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە فامىلىسى ئابلىز بولغانلار مېنىڭ ئاپامنىڭ سىڭلىسىنىڭ بالىلىرى. غېنىجان ئابلىز سەلەيھاجى ئابلىز دېگەنلەر، يەنە قىزلار بار. ئابلىز ئەۋلادىدىن 10-15 تەك ئادەم تۈرمىدىكەن ھازىر. بۇلار ئابدۇرېشىت ھاجىكام بىلەن بىر تۇغقاننىڭ بالىلىرى بولىدۇ. ھەممىمىز بىر نەۋرە بولىمىز.»
ئەركىن موللا ئەيسانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «مىراج» رېستورانىنىڭ تاقىشىغا ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي بېزەكچىلىك، نەققاشلىق سەنئىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىپادىلىشى سەۋەب بولغانكەن. ئەركىن مۇنداق دېدى: «بۇ ئاشخانىنى 2013-يىلى ئۆزۈم بېرىپ كۆردۈم. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ناھايىتى قويۇق مىللىي پۇراق ئەكس ئەتكەنلىكىدە ئىكەن. بىزمۇ قانداق ياسىغاندۇ دەپ ھەيران قالدۇق. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىم بىر مىللەت تىكەنلىكىنى مانا مەن دەپ ئىپادىلىگەن. بۇ خىتاينىڭ ھازىرقى مەقسىتى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى يوقىتىش ئەمەسمۇ. شۇڭا بۇ ئاشخانىنىنى تاقاپ، ئاكىلىرىمىزنى قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىزىنى يوقىتىۋېتىمىز دەپ شۇ نىيەتكە كەلگەن گەپ. . .»
نۆۋەتتە ئابدۇرېشىت ھاجىم بىلەن مەزكۇر رېستوراننىڭ يەنە بىر شېرىكى ئابدۇۋەلى ھاجىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن غۇلجىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئېتىقادنىلا ئەمەس، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەر قانداق خاسلىقىنى ئىپادىلەشنىڭ ئۆزىنى «بۆلگۈنچىلىك» «ئاشقۇنلۇق» نىڭ ئىپادىسى دەپ جازالايدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.