«مىراج رېستورانى» نىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ بىردەك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى
2018.12.19

«مىراج» شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قاراماي يولىدا ۋە يەنئەن يولىدىكى «غالىبىيەت كوچىسى» دا «چوڭ مىراج»، «كىچىك مىراج» دەيدىغان ئىككى رېستورانى بار بولۇپ، بۇ ئىككى رېستوراندا تەخمىنەن 200 دەك ئىشچى-خىزمەتچى ئىشلەيتتى. بىز بۇ يىل يازدا دائىرىلەرنىڭ چوڭ-كىچىك «مىراج» نى بىردەك پېچەتلەپ، ئۇنىڭ ئىككى شېرىكىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئابدۇزاھىر ھاجى مەمەت قاتارلىق بەزى شېرىكلىرىنىڭ چەتئەلدە چىقىپ پانالىنىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىگىلىگەن.
نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا داڭ چىقارغان بۇ رېستوراننى پېچەتلەپ، ئۇنىڭ خوجايىنلىرىنى تۇتقۇن قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. چەتئەلدە تۇرۇشلۇق مەزكۇر رېستورانغا ئالاقىدار بىر خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر رېستوراندا ئىشلەيدىغان 200 دەك ئىشچى-خىزمەتچىسىنى بىردەك تۇتقۇن قىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرغا ئېرىشكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرىقى خانىم 19-دېكابىر رادىيئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «مىراج» نىڭ باشقۇرغۇچى ۋە بوغالتىرلىرىدىن تارتىپ ئاشپەزلىرىگىچە ھەممىسى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مىراجنىڭ ھېچقانداق تازىلىق ئىشچىسىمۇ قالمىدى شۇ. 200 ئىشچىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى، يوق. ھەتتا ھېچنېمە قالمىدى، دەيدۇ ئۇلار. خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىدى. پەقەت بىرلا تۇڭگان بارتى. ئۇنىڭغا قانداق بولغاندۇ، ئۇنى بىلمەيمەن. ئۇ شىركەتنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرامتى ؟ھەر ھالدا شۇنداق بىر ئىش قىلاتتى.»
مۇخبىر: «خىزمەتچىلەردىن كىملەر بارتى يەنە ئېسىڭىزدە قالغان؟»
جاۋاب: «ئابلىكىم دەپ گۆش-پۆش، خام ماتېرىيال سېتىۋالىدىغان بىر بالا بار ئىدى، ئۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مالىيەنى باشقۇرىدىغان مۇنەۋۋەر، رازىيە. تۇقىز دېگەن پۈتۈن ئىشچىلارنى باشقۇرىدىغان قىز بالا بار ئىدى. پاتىگۈلنىڭ يولدىشى ئابلىز. ئەخمەتجان ماۋۇ 8-ئارمىيە ئىش باشقارمىسى يېنىدىكى مىراجنىڭ باشقۇرغۇچىسى. پۇل ئالىدىغان يەردە خاتىرە، زۇلپىيە، دەپ ئىككى قىز بالا بار ئىدى، ئىسمېنا بىلەن ئىشلەيتتى ئۇلار. ئۇلارمۇ تۇتۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە. خاتىرە بىلەن زۇلپىيە ئۆز ئارا ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەيتتى. ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەخمەتجان ئىدى. يەنە ئاسىيە، دەپ بىر قىز بارتى، قاچا-قۇچىلارنى باشقۇرىدىغان. كىچىك مىراجدا يەنە گۈزەلنۇر باشقۇرغۇچى بولغان، مەسىلەن ئابدۇرېھىمجان سەي قورۇيدىغان، دېگەندەك بالىلار بارتى».
مۇخبىر: «چوڭ مىراجدىچۇ؟ چوڭ مىراجدا ئېسىڭىزدە قالغانلار بارمۇ، مۇنەۋۋەر، نۇرەخمەتتىن باشقا؟»
جاۋاب: «چوڭ مىراجدىكى شۇ رازىيە، مۇنەۋۋەر، نۇرەخمىتىكام، ئابلىكىم سەيگويەن، دېدىمغۇ بايام. ئابدۇرېشىتكام، ئابدۇۋېلىكام. ئۇنىڭدىن سىرت شۇ يەردە ناخشا ئېيتىدىغان سەنئەتچىلەر بارتى. ئەگەر سەنئەتچىلەرنى تۇتۇپ كەتكەن بولسا ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن. يەنە رەھمىتۇللا ھاجىم بارتى، ۋەلىھاجىكامنىڭ ئىنىسى، ئۇ چوڭ مىراجنىڭ يۈگە-يېتىم ئىشلىرىنى باشقۇراتتى. خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ تولىسى جەنۇب تەرەپتىن. يەنى قەشقەر، خوتەن، قاغىلىق، تۇرپاندىن. مۇنەۋۋەر چۆچەكلىك ئىدى. ئاساسەن ھەممىسى نىكاھلىق ئىدى. مىراجدا ئىشلەيدىغان بالىلارنى بىر-بىرىگە تونۇشتۇرۇپ، توي قىلىپ قوياتتى».
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ياشلارنى ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە قانداق جازالارنى بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. يۇقىرىقى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مىراج رېستورانى» دا ئىشلەيدىغان بۇ ئۇيغۇرلار مىللىي ئەنئەنىلىرىگە سادىق، ئالىي مەكتەپ تەربىيەسى كۆرگەن ساپالىق، مۇلايىم ياشلار ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆزۈمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتىدۇ. شۇنچىلىك مۇلايىم، ھەقىقىي تەربىيەلەنگەن. ئۇنىڭغا، ساپالىق، ئەنئەنىمىزنى جارى قىلدۇرىدىغان ۋە ئىپادىلەيدىغان ئادەملەرنى ئالاتتى. ئاجايىپ ياخشى بالىلار بار ئىدى. ئاجايىپ تەربىيە كۆرگەن، بىر-بىرىدىن ئېسىل بالىلار ئىدى. مىراجغا ئوقۇمىغان بالىلارنى ئالمايتتى. ھەممىسى، مەسىلەن، ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن، دىپلومى بار ساپالىق بالىلارنى 2 ئاي تەربىيەلەيتتى. ئۇلار تەربىيەلەنگەن، بىر-بىرىدىن ياخشى بالىلار ئىدى. بويلىرى شۇنداق ئۆلچەملىك، ئاندىن ھەممىسى قوش تىللىق، خىتاي تىلىنى پۇختا بىلىدىغان ئاشۇنداق بالىلار بار ئىدى. مەن 2017-يىلى كېتىدىغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەمەت يۈسۈپ، دەپ بىر بالا بارتى. ئۇ بالىنىڭ ئاچىسىنىڭ يولدىشى ئۆلۈپ كېتىپ، 4 بالا بىلەن قالغان. ئۇنىڭ ئاچىسىنىمۇ تولا تۈرمىگە ئەكىرىپ، ئېلىپ چىقىپ يورۇيتتى. مەن بىلىپ تۇراتتىم. بىر كۈنى كەچتە بىر بالا بارتى، توۋلىدىم، ئاچىسىنى يوقلايدىغان ئازراق بىر ئىشىم بارتى. ئاچىڭىزنى مەن ئۈچۈن يوقلاڭ، دەپ گەپلەشسەم دېدى. مېنىمۇ ئەكىرىپ-ئەپچىقىپ بەك سوراق قىلىپ خاپا قىلىۋاتىدۇ. ئازراق كىتابلىرىم بارتى، مۇشۇ كىتابلىرىمنى قانداق قىلارمەن، كۆيدۈرۈۋەتسەم قانداق بولار، بۇ كىتابلارنى ساقلىيالمايۋاتىمەن، دېدى. مەن ئۇكام كىتاب، دېگەننى كۆيدۈرمەيلى، كېچىسى ئاپىرىپ مۇشۇ قەبرىستانلىققا كۆمۈڭ، بىر كۈنى ئاچىمىز، دەپ گەپلەشكەنتىم. شۇنداق مۇلايىم بىر بالا ئىدى، شۇلارمۇ يوق، ھېچنېمىسى يوق دەڭا».
بىز بۇرۇن ئېرىشكەن ئىنكاسلاردا، دائىرىلەرنىڭ بۇ رېستوراننى «ئۇنىڭ قويۇق ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبتىكى بېزەك ۋە نەقىشلىرىنىڭ ‹بۆلگۈنچىلىك›، ‹ئاشقۇنلۇق› ئىدىيەلىرىنى ئويغىتىش ۋە تەرغىب قىلىش رولى بار» دېگەن سەۋەب بىلەن تاقىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناس، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شون روبېرتس يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ رايوندىكى قىلمىشىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىردىن بىر يولى، دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە قارىتىلغان تەنقىدلەرگە جاۋاب بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىردىن بىر يولى، ب د ت ئارقىلىق بۇ رايوندىكى لاگېرلاردا ئېمە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ۋە تولۇق دوكلات تەييارلاپ، زۆرۈر تېپىلسا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئېمبارگو قويۇشتۇر». ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىغا توغرا كېلىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دۆلەتلەرنىڭ يالغۇز ھەرىكىتىنىڭ بەلكى رولى بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇنىڭدا ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۇنيادىكى باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە شۇنداقلا دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا ئاۋازىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى زۆرۈر. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، خىتاينىڭ جاۋاب بېرىشى ناتايىن. مەن ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە يەرشارى ماگنىتسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئىشتىراك قىلغان ئەمەلدارلارغا ئېمبارگو قويۇشىنى قوللايمەن».