دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئەھمىيەتلىك «چاي» تارتتى
2016.05.18
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا «چاي» پائالىيەتلىرى ھەر خىل شەكىللەردە ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئەمما 15-ماي كۈنى بېلگىيەنىڭ ۋېرۋىيە شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى ۋە بۇ شەھەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا، بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ باشقىچە ئەھمىيەتلىك «چاي» پائالىيىتى ئىنتايىن خۇش كەيپىياتتا بولۇپ ئۆتكەن.
بۇ پائالىيەتكە 200 كىلومېتىر يىراقتىكى جايلاردىنمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىشتىراك قىلغان. بۇ پائالىيەت ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ رەئىسى رىسالەت ئارىپوۋا خانىم بۇ پائالىيەتتە 80 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئايالنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش، بالىلارنى مىللىي مەدەنىيەت روھىدا تەربىيىلەش، رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق ئاۋاز قوشۇش قاتارلىق كۆپ تېمىلاردا ھەمسۆھبەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكى رەئىسى رىسالەت خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ئاڭلايسىلەر.