0:00 / 0:00
مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي دۆلەتلىرىنىڭ تېرىتورىيەلىرى ئىچىدە چېگرالار بىلەن ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، مەدەنىي، سودا ئالاقىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن.
مۇنداق ئالاقىلەر ھەتتا مەشھۇر ئەدىبلەر ئارىسىدىمۇ مەۋجۇت بولغان. ئۇيغۇر دىيارىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ھەر ساھەلەردە ئاتاقلىق زىيالىيلار يېتىشىپ چىقىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەنئەتنىڭ تەرەققىي ئېتىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.