ئەركىن ئەكرەم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىملىقى تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى
2013.11.19

17-نويابىر گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ھەم يېقىلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرجەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك مۇھىملىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار مەزمۇن قىلىنغان لېكسىيەنى ئاڭلىدى.
بۇ لېكسىيەنى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كەلگەن، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى پروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تەقدىم قىلدى. بۇ پائالىيەتنى گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىدى.
پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 1 يېرىمدە كىچىك ئوغلان ئابدۇراھماننىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئاندىن جەمئىيەت مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى قەدەم تەشرىپ قىلغان مېھمانلار ۋە ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.
پروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ھەم يېقىلىشىغا ئالاقىدار تۇنجى لېكسىيەسىدە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ھارپىسىدىكى ئىچكى - تاشقى، ئىجابىي ۋە سەلبىي ئامىللار، شۇ چاغدىكى خەلقئارا ۋەزىيەت، پۇرسەت ۋە ئامەت، ئىمكان ۋە قىسمەتلەر ئىپادە قىلىنغان ئاچچىق كەچمىشلەرگە يوشۇرۇنغان ئويۇنلارنىڭ ماھىيىتى يورۇتۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەينى چاغدىكى تەقدىرى، چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى بىر تال ئۇرۇقچىغا ئوخشاپ قالغانلىقى بىلەن خۇلاسىلەندى.
ناماز ۋە تاماقتىن كېيىن سوئاللارغا جاۋاب بېرىش تەرىقىسىدە داۋام قىلغان لېكسىيەدە، گوللاندىيەدىكى نوغاي تۈركلىرى جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى تەتۈر قىسمىتىگە ئەڭ چوڭ زىيان سالغۇچى قايسى كۈچ دەپ سورىدى. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭغا قارىتا ئوچۇق قىلىپ، رۇسىيە دەپ جاۋاب بەردى.
پروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرجەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك مۇھىملىقىغا ئائىت لېكسىيەدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىۋى، ئىقتىسادىي، تاشقى ئالاقە، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا يوللىرى قاتنىشى، بۈگۈنكى تەڭپۇڭ كۈچلەرنىڭ كۈچ ئېلىشىش نۇقتىسىدىكى رولى قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردە تۇتقان ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
7 سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان مەزكۇر پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى بۈگۈنكى بۇ لېكسىيەنىڭ قىممىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا كۆپچىلىك بىرلىكتە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى. پروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى لېكسىيە بېرىش پائالىيىتىدە، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئىنتىلىش روھىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.