ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇقەددەس مازارلىرى بايان قىلىنغان كىتاب تۈركىيەدە نەشىردىن چىقتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.01.15
turkiy-xelqler-mazar-qazghanlar-kitab-turkiye-2017.jpg «قەدىمقى تۈركلەرنىڭ مۇقەددەس مازارلىرى-قۇرغانلار» ناملىق كىتاب
RFA/Erkin Tarim

پروفېسسور دوكتور ياشار چورۇخلۇ يازغان «قەدىمقى تۈركلەرنىڭ مۇقەددەس مازارلىرى-قۇرغانلار»ناملىق ئەسەر ئۆتكەن ئاي نەشىردىن چىقتى. ئىستانبۇلدىكى ئۆتۈكەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 600 بەتلىك كىتابنى يازغان مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى چورۇخلۇ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كىتاب ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتاب، ئىچ ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈركلەرگە ۋە تۈركلەرنىڭ ئاتا بوۋىلىرىغا تەۋە بولغان قۇرغان دەپ ئاتالغان مازارلارنىڭ قۇرۇلمىسى بايان قىلىنغان بىر قوللانما ھېسابلىنىدۇ. قۇرغان تۈركچە بىر ئاتالغۇ، بۇ ئادەت تۈركلەردە مىلادىدىن بۇرۇن 3 مىڭىنچى يىللاردا باشلانغان. بەزى ياۋروپالىق تەتقىقاتچىلار ھىندى-ياۋروپا مىللەتلىرىگە خاس بىر مازار ئادىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان بولسىمۇ، مەن بۇنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە خاس بىر ئادەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن تارىختا تۈركىي قوۋىملار ياشىغان ۋە بۈگۈنمۇ ياشاۋاتقان پۈتۈن جايلاردىكى قۇرغانلار ۋە قۇرغانلاردىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك بويۇملارنى كۆرۈپ، كىتابدا بايان قىلدىم. بۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مازار قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ.»

مەزكۇر كىتاب، 9 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسىمى كىرىش سۆز قىسمىدۇر، بۇ قىسىمدا مازار، يەنى قۇرغانلار يېيىلغان رايونلار، قۇرغانلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار تونۇشتۇرۇلغان. بۇ قىسىمدا يەنە قۇرغان سۆزىنىڭ مەنىسى، قۇرغان تەتقىقاتىنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئىچكى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا، شىمالىي قارا دېڭىز ۋە كاۋكازىيە توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئىچكى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇرغانلار بايان قىلىنغان. بۇ قىسىمدا نوقتىلىق ھالدا تاشقى موڭغولىيەدىكى قەدىمكى مازارلار،يەنى قۇرغانلار، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى قۇرغانلار، يەنى مازارلار، قەدىمكى ئۇيغۇر قۇرغانلىرى، كاڭلې، ۋۇسۇن قۇرغانلىرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تۆمۈر قوراللار دەۋرىدىكى قۇرغانلار بايان قىلىنغان. باشقا قىسىملاردا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قۇرغان ئادەتلىرى بايان قىلىنغان.

بىز كىتاب ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، قۇرغان، يەنى قەدىمىي مازار توغرىسىدا تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قەدىمقى ئۇيغۇر قۇرغانلىرىنىڭ باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قۇرغانلارنىڭ ياسىلىش ئالاھىدىلىكىنىڭ بىناكارلىق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىمۇ كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئۆرپ-ئادەتىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

كىتابنى يازغان پروفېسسور دوكتور ياشار چورۇخلۇ ئەپەندى 1964-يىلى تۈركىيەنىڭ ترابزون ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت تارىخى كەسپىدە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىستانبۇل مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەتلەر فاكۇلتېتىدا ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان. ئۇنىڭ كۆپ ساندا ماقالا ۋە كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.